جەۋھەر ئىلھام: «ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بەش كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.09.06
جەۋھەر ئىلھام: «ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بەش كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» «لۇيىس شىن كىيىم-كېچەك لايىھەلىرى» نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى لۇيىش شىن خانىم «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» لوزۇنكىسىنى ئىشلەۋاتماقتا. 2021-يىلى 31-ئاۋغۇست.
Luyis Shin xanim teminligen

«لۇيىس شىن كىيىم-كېچەك لايىھەلىرى» نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى لۇيىش شىن خانىم يېقىندا ئاچقان «لۇيىس شىن كىيىم-كېچەك لايىھەلىرى» نىڭ 2021-يىللىق كىيىم-كېچەك كۆرگەرمىسىدە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن پىلاكاتنى ئۆز قولى بىلەن ئاچتى. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بۇ كۆرگەزمىنى بۇ خىل شەكىلدە ئاچسا مودا كىيىم دۇنياسىدىكى نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى ئىيتقانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئىنسانلىقنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

كۆرگەزمىدىن كېيىن لۇيىس شىن خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن «ئىئانە توپلاش مۇراجىئىتى» چىقارغان، بۇ ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزى ئەڭ تونۇشلۇق بولغان مودا دۇنياسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قايسى تەرەپتىن ياردەم قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنگەن.

لۇيىس شىن باش شىتابى ئامېرىكادا بولغان ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ پىروگرامما ياردەمچىسى ۋە شۇنداقلا بىرلەشمىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكنى توختىتىش» پروگراممىسىنىڭ باياناتچىسى جەۋھەر ئىلھام بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلسىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن پائالىيەت باشلىغان.

لۇيىس شىن خانىم ۋە جەۋھەر ئىلھام 2-سېنتەبىر كۈنى ئىنستېگرامدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ھەققىدە نەق مەيدان سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرغان. نەق مەيدان سۆھبىتىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشقان.

جەۋھەر ئىلھام ئالدى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى ئىلھام توختى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. لۇيىس شىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكىنى، بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مەيلى قايسىي دىنغا ئېتىقاد قىلىشى ياكى قايسىي ئىرققا تەۋە بولۇشىسىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن ئىنسان بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، كېچىك ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىنى چاقىرغان.

جەۋھەر ئىلھام مودا دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «كىيىم-كىچەك ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئەڭ چىتىشلىقى بولغان بىر ساھە. چۈنكى بىرىنچىدىن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلەتكەن پاختىنىڭ 84 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ دۇنيادىكى 22 پىرسەنت پاختا مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىدىن ياسالغان، دۇنيادىكى بەش كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ بىرىسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتىنى ئىشىلتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئېلان قىلغان ئىستاتسىتىكىسغا قارىغاندا، ھەر يىلى بىر مىليون 270 مىڭ كىشى ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دە تەربىيەلىنىدىكەن. ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، ئۇلار بۇ كىشلەرنى زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پروفېسسورلار، ئارتىستلار، سودىگەرلەر بار.»

ئۇ يەنە پەقەت ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە-شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقانلىقنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا پەقەت كېيىم-كېچەك ساھەسى ئەمەس، بەلكى يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلىكتىرون-تېخىنىكا مەھسۇلاتلىرى، قۇياش ئېنىرگىيەسى، يېغىپ ئېيتقاندا خىتايدا ياسالغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى سېتىۋالماسلىققا، بۇ ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلالايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەت جەريانىدا لۇيىس شىن خانىم ۋە جەۋھەر ئىلھام ئوخشاشلا مودا دۇنياسىدىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى بىلسىمۇ، ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى داۋام قىلىشنى تاللاۋاتقانلىقنى تەكىتلىدى. جەۋھەر ئىلھام سۆھبەتنى كۆرۈۋاتقانلار ئەگەر قايسى ماركىلارنى بايقۇت قىلىشنى بىلەلمەي قالغان بولسا، ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى ئاچقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش تور بېتىگە كېرىپ، مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق ماركىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىرىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

لۇيىس شىن خانىم سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇشتەرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەت-كارخانىلارنىڭ قارارىغا تەسىر كۆسىتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا جەۋھەر ئىلھام ئۆزى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەقىقىي ۋەقەلەرگە ئاساسان يازغان «چۈنكى مەن قىلىشىم كېرەك: ھايات قېلىش يولى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى» ناملىق ئىككىنچى كىتابىنىڭ 18-نويابىر نەشىردىن چىقىدىغانلىق خوش خەۋىرىنى بەرگەن. بۇ كىتابنىڭ ئېلكتىرونلۇق نۇسخىسىمۇ جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن نەشىر قىلىنىدىكەن.

ئوخشاش بىر دۆلەت چېگراسى ئىچىدە تۇغۇلغان، ئەمما تەقدىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى ياشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددى مەسىلە-ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلسىگە دىققەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.