ما جۈ: «جۇڭخۇا مىللىتى ئىجاد قىلىنىپ ياسالغان سۆز، ئۇيغۇرلار ئاسان ئاسسىمىلياتسىيە بولمايدۇ»
2024.04.19
«ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر ‹سىز قايسى مىللەتتىن؟› دېگەن سوئالغا، جاراڭلىق ھالدا ‹مەن جۇڭخۇا مىللىتى› دەپ جاۋاب بېرىدۇ» دەپ يېزىلغان خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلغان ئۇشبۇ جۈملىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ھەم باشقىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-ئاپرېلدىكى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنۇلار يېزىلغان. «شىنجاڭدا بۈگۈنكى كۈندە كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەر كۆپەيدى، ھەر مىللەت خەلقى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر كۆپەيدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىزمەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا بېرىش-كېلىش مۇناسىۋىتى ۋە ئالاقىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، بارغانسېرى ئومۇملاشتى. »
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇلارغا «مەن جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن ئاسسىمىلياتسىيەلىك نامنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىلدىكى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شى جىنپىڭ دەۋرىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تۇرغۇزۇش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە داۋاملىق تەكىتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلمەتلىرى تۈپەيلى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنى ئېيتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئېچىنىشلىق ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى:
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا تۈركىي مىللەتلىرىگىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى بايان قىلدى. ئۇ ئىنكاسىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتە رايوندىكى خەلقلەرنى «مەن جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«جۇڭخۇا مىللىتى دېگەن بۇ سۆز ئىجاد قىلىنىپ ياسالغان. ھازىر رايوندىكى مىللەتلەردىن ئۇلارنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكى سورالغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئەمەلىيەتتە بۇ، رايوندىكى خەلقلەرنىڭ خىتاينىڭ ئېغىزى ۋە كانىيى بولغان تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈن، ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى ئېيتالماي، شۇنداق دېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى مەن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ھېس تۇيغۇغا كېلىپ، ‹مەن جۇڭخۇا مىللىتى› دەپ ئۇنى ھەقىقىي تۈردە قوبۇل قىلىشىغا يەنە ئۇزۇن مۇددەت كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» .
ما جۈ ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تەشەببۇس قىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى» ماھىيەتتە باشقا مىللەتلەرنى بوي سۇندۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
«2014-يىلدىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيەسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. ھالبۇكى بۇنىڭ تۈپكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە ھەربىي تېررورلۇق كونتروللۇق ئاستىدىكى سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، ئىگىلىۋېلىش ۋە تارتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىقا ئايلاندۇرۇشتۇر. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرقى بۇ ئاتالمىش كوممۇنىزم ئىدىيەسى ئۇنى چېكىدىن ئاشقان ناتسىست-فاشىست ھاكىمىيىتىگە ئايلاندۇردى. ۋاھالەنكى، خىتاي مىللەت مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق دىپلوماتىيە ۋە دۇنيا ئىقتىساد-سودا سەھنىلىرىدىمۇ خىتاي مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ قارتىنى قوللىنىۋاتىدۇ. »
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلغان خەلقنى يېتەكلەش كۆرۈشى جەريانىدا، ھازىر دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەسىرىگىمۇ دۇنيانىڭ قايتىدىن كۆز تىكىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىغان. شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ قانداق قىلغاندا بىر-بىرى بىلەن زىتلاشماستىن بىر گەۋدىگە ئايلىنالاش جەھەتتە خىتاينىڭ ئەقىل-پاراسەت دانىشمەنى بولالايدىغانلىقى داۋراڭ سېلىنغان.
«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئىنسانىيەتكە قارشى ھۆكۈمرانلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىدا ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنۇلارنى دېدى.
«چۈنكى بۇ رايونلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە يۈز يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان ئۆزىگە خاس تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى بار. ئەلۋەتتە ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنداق ئۇيۇشقاقلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ مەزكۇر مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. »
ما جۈ ئەپەندى زىيارەت داۋامىدا، خىتاي بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئىرق، مىللەت، قان، تىل ۋە ئېتنىك مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يوقىتىشقا ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ تارىختىمۇ ئۇيغۇرلارنى يوقىتالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىش سىياسىي جەھەتتە خاتا بولسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە بۇ شەرق ئىرقى بىلەن كاۋكاز ئىرقى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بولۇپ، بۇ توقۇنۇش ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، پۈتكۈل تۈركىي مىللەت سىستېمىسىغا بېرىپ چېتىلىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى تۈركىي مىللەتلىرىدە خىتايغا قارشى تۇرۇش يولى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئۇلارغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىققا ئۇچراش ۋە چۈشكۈنلۈك دەۋرىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتىنى قوغدىيالايدۇ ۋە ساقلاپ قالالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارغىلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر. »
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تارىختىن بۇيان ئۆزىدىن ئاز ۋە كىچىك بولغان مىللەت ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا بىرلا جۇڭخۇا مىللىتى دېگەن ئاسسىمىلياتسىيەلىك نامنى قوبۇل قىلدۇرۇش ھەم ئومۇملاشتۇرۇشنى شىددەت بىلەن كۈچەيتمەكتە. لېكىن، ئۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە مەقسىتى ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدۇ.