خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجى: «شىنجاڭدىكى كۈرەشتە تۆت مىليون كىشىنى تەربىيەلەش لازىم!» (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.27
خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجى: «شىنجاڭدىكى كۈرەشتە تۆت مىليون كىشىنى تەربىيەلەش لازىم!» (2) خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى(赵克志) شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى ئاپرېل.
AP

يېقىندا ئاشكارا بولۇپ كەتكەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى توپلامدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ يېزىققا ئايلاندۇرۇلغان نۇتۇق خاتىرىسى يەر ئالغان. 2018-يىلى ئىيۇندا سۆزلەنگەن بۇ نۇتۇقتا جاۋ كېجى شۇ ۋاقىتقا قەدەر بىر يىل داۋام قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇننى «دەسلەپكى زور غەلىبىگە ئېرىشتى» دەپ خۇلاسىلىگەن ھەمدە بۇ خىل «زەربە بېرىش كۈرىشى» نى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلدۇرۇش، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ بوشاتماسلىق ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇن ۋە «تەربىيەلەش» نى ئاساس قىلغان سىياسىي كۈرەشنىڭ ئوبيېكتى ئاز دېگەندىمۇ تۆت مىليون كىشى بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

«شىنجاڭدىكى تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك!»

جاۋ كېجىنىڭ 2018-يىلى ئىيۇندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىزمەت تەكشۈرىشىدىن كېيىن سۆزلىگەن سۆزلىرى ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان بىر نۇقتا، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بىر قاتار سىياسەتلىرىنى قانداق كۆلەمدە ئىجرا قىلىش مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جاۋ كېجىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2012-يىلى نويابىردىكى 18-قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىش ھەققىدىكى پىكىر›، ‹يېڭى دەۋردىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاش ھەققىدىكى پىكىرلەر› قاتارلىق بىر قاتار يوليورۇق خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ چىققان». بۇ بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى ئالىقاچان باشلىنىپ بولغان بولىدۇ. جاۋ كېجىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شى جىنپىڭ «شىنجاڭدىكى تېرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىكەنلىكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن «تېرورلۇق» ھەرقاچان باراۋەر تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن.

جاۋ كېجى بۇ قېتىملىق نۇتۇقىدا ئېنىق قىلىپ، 2018-يىلى يانۋاردا شى جىنپىڭنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە مەخسۇس يوليورۇق بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ قېتىملىق يوليورۇقتا شى جىنپىڭ «18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ھەرقايسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى يوقۇرىدىن تۆۋەنگىچە ئىش كۆرۈپ تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇئەييەن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بىز پاسسىپلىقتىن ئاكتىپ زەربە بېرىشكە يۈزلەندۇق. ئەمما تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش جەزمەن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك بولغان بىر مەيدان جەڭ. بۇ جەڭنى بىر سېكونتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ،» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك، مۇرەككەپ ۋە جاپالىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تېرورلۇقنىڭ ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇش» لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. جاۋ كېجى شۇ قېتىملىق نۇتۇقىدا شى جىنپىڭنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان ھالدا، «باش سېكرېتارنىڭ بۇ يوليورۇقلىرى شىنجاڭدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىق بەرپا قىلىش خىزمىتىمىزنىڭ قىبلىنامىسى بولۇشى كېرەك» دېگەن. دەرۋەقە، شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىللىق رېئاللىق بۇنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن.

جاۋ كېجىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىق بەرپا قىلىش» خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ جايدىكى ۋەزىيەتنىڭ تۈپكى خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چېگرا سىرتىدا تېرورلۇقنىڭ «ئۇرۇقلىرى»، چېگرا ئىچىدە بۇنىڭغا كېرەكلىك «تۇپراق»، تورلاردا بۇنىڭغا لازىملىق «بازار» مەۋجۇت ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ جايدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ھېچقاچان ھېچقانداق دەرىجىدە بوش قويۇۋېتىشكە بولمايدىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «دۈشمەن كۈچلەر» ھەرقاچان بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنى خىتايغا قارشى كوزېر قىلىپ ئويناش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھال تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى لازىم ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارغا يوليورۇق بەرگەن چېن چۇەنگونىڭ سۆزلىرىدىمۇ ئەينى يوسۇندا تەكرارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «شىنجاڭدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بۇندىن كېيىن قىلچە بوشىتىشقا بولمايدۇ» دېگەن بۇ ئومۇمىي كۆرسەتمىنىڭ چېن چۇەنگونىڭ «ئىجادىيىتى» ئەمەس، ئەكسىچە بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان يوليورۇق ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك يوسۇندا دەلىللەپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى مەخپىي ماتېرىياللارنىڭ دۇنياغا مەلۇم بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى، «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنز بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭدىن جاۋكېجىغا، جاۋ كېجىدىن چېن چۇەنگوغا، چېن چۇەنگودىن ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست) ۋە ناھىيەلەرگە قارىتىپ ئېيتىلغان «ئومۇمىي خور» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:

«بۇ ھۆججەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم تېكىستلەرنىڭ بىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ 2018-يىلى ئىيۇندىكى سۆزلىرى بولۇپ، بۇ پۈتۈنلەي يېڭى رېكورد ياراتقان ھۆججەتتۇر. بۇ ھۆججەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا مەركىزىي ھۆكۈمەت ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نى بەكمۇ قالتىس بولغان، ‹قايتا تەربىيەلەش خىزمىتى› بەكمۇ جايىدا ئىشقا ئاشقان، شىنجاڭدىكى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئاشۇ ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېرورلۇق خەتەرلىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكتىن ھازىرقى سىياسەتنى ئىزچىل داۋام قىلىش زۆرۈر، دېگەندەك خۇلاسىلەرنى چىقارغان. مېنىڭچە، بۇ خىل پىكىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ‹ئىشىنىپ كېلىۋاتقان› ھەمدە بازارغا سېلىۋاتقان تەھدىت نەزەرىيىسىنىڭ تەشۋىقاتتىكى ئىپادىسى، خالاس. ئۇلار مۇشۇ خىلدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ پىكىرلەرنى ھەرقايسى مەمۇرلارنىڭ قۇلاقلىرىغا قۇيۇۋەتمەكچى بولغان.»

«شىنجاڭ مۇستەقىللىقىغا ماھىل كىشىلەر ئىككى مىليون!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن «تېرورلۇق» نى بىر كاتېگورىيەگە مەنسۇپ قىلىشى ھەققىدىكى بۇ بايانلار نېمە ئۈچۈن 2013-يىلى 11-نومۇرلۇق ھۆججەت (يەنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش خىزمىتى ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرلەر» ) نىڭ تارقىتىلىشى، ئارقىدىنلا «ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» نىڭ پۈتكۈل ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىشى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان 11-نومۇرلۇق ھۆججەت ئۇلار «قەتئىيلىك بىلەن ئىشىنىپ كېلىۋاتقان» ھەمدە «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى مەنبە قىلغان» تېرورلۇقنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان تېرورلۇقنىڭ تەبىرلىرىدىن غايەت زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى بەكمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى» 75 تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئۆتكەن مەزگىللەردە «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى»، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملاردا پاش بولغان ھۆججەتلەردىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرغا ئارتىلغان «تېرورلۇق گۇماندارى» دېيىلگەن جىنايەت دەل ئاشۇ 75 تۈرنىڭ بىرىگە چۈشىدىغان ھادىسىلەر ھېساپلىنىدۇ. ھالبۇكى، «تېرورىزىمنى تەرغىب قىلغان» دېگەن «ئەيىب» بىلەن بەش يىلدىن يوقۇرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا جامائىتىگە مەلۇم بولغان تېرورلۇق بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» نىڭ «ئىپادىسى» كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈنلا «تېرورلۇقنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاشۇ خىل قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. بۇ بولسا «مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك ئورنىتىش» شوئارى ئۈچۈن ئېلىنغان ئەڭ مۇھىم قەدەم ئىدى. چېن چۇەنگومۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ مېنى شىنجاڭغا ئەۋەتىشتە مېنى بىر ئەمەلگە ئىگە بولسۇن دېمىگەن؛ مېنى باي بولۇۋالسۇن دېگىنىمۇ يوق؛ ياكى مېنى بىر قۇرۇق مەنسەپكە تەيىنلەپمۇ قويمىغان. ئەكسىچە مېنى شىنجاڭدا مۇقىملىق ئورناتسۇن، دەپ بۇ جايغا ئەۋەتكەن» دېگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئون يىل پارتىيە سېكرېتارى بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى سورىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

11-نومۇرلۇق ھۆججەتتە «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپادىسى» دەپ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان مەزمۇن «شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەرغىپ قىلىش» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جاۋ كېجى بۇ قېتىمقى نۇتۇقىدا بۇ تېما ھەققىدە مەخسۇس توختالغان بولۇپ، «يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم دۈشمەن كۈچلەر ۋە ‹شەرقىي تۈركىستان› كۈچلىرى ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى سىن ماتېرىياللىرىنى كۆپلەپ تارقىتىپ، شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تويلىشىشىغا ۋە باشقا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە قارا چاپلىغان» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھادىسىنىڭ ھازىرقى ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «شىنجاڭدا ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقى ھەمدە ‹پان-تۈركىزىم ۋە پان-ئىسلامىزىم› ئىدىيەلىرىگە ماھىل كىشىلەر ئىككى مىليونغا بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭدا دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان ئامما ئىككى مىليوندىن ئېشىپ چۈشىدۇ. يەنە كېلىپ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوڭايلا ئاشقۇنلۇقنىڭ زەھىرىگە ئۇچراپ تېرورلۇققا ئارىلىشىپ قالىدۇ،» دېگەن. بۇ سان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە تىلغا ئېلىنىدىغان «شىنجاڭدىكى 500 مىڭ ئىشەنچسىز كىشىلەر» دېگەن ساندىن غايەت زور ساندا پەرقلىنىدۇ. «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» بىلەن «زەھەرلەنگەن» كىشىلەر كۆپىنچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنسا، «ئىشەنچسىز كىشىلەر» نىڭ كۆپىنچە لاگېرغا قامىلىدىغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ھادىسىلەردىن ئىدى.

مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، جاۋ كېجىنىڭ بۇ سۆزلىرى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ساھەگە سىر بولۇپ كېلىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلىگە جاۋاب بېرىدىكەن. ئۇ بولسىمۇ لاگېرغا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ قامالغانلىقى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان بايانلار مەۋجۇت بولۇۋاتقاندا، خىتاي ج خ مىنىستىرى بىۋاستە ھالدا تەربىيەلەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ سانىنى تۆت مىليون، دەپ بىشارەت بەرگەن. بۇ بولسا يېقىنقى مەزگىللەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە كىشى لاگېرغا قامالغان» دېگەن بايانلارنىڭ رېئالىققا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دېگەنلىك بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇق» بىلەن باغلاپ تىلغا ئېلىۋاتقان «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نىڭ باشقا ئىپادىلىرى قاتارىدا «شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش»، «ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشتىن قول ئۈزۈش»، «ھۆكۈمەت زەربە بەرگەن ئائىلىلەرگە يوشۇرۇنچە ئىقتىسادىي ياردەمدە بولۇش»، «ھالال ۋە ھاراملىق ھەققىدە سۆز قىلىش»، «ياشلارنىڭ ساقال قويۇشى ۋە قىزلارنىڭ ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنىشى»، «بىرلا قېتىمدا زور مىقداردا يېمەكلىك سېتىۋېلىش»، «مەسچىتتىن باشقا جايدا توپلىشىپ ناماز ئوقۇش»، «مەكتەپتە دۆلەت تىلىدا ئەمەس، ئۆز تىلىدا سۆزلىشىش» دېگەندەك مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان. ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورلۇق» نەزىرىيىسى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا باھانە توقۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ 2022-يىلىغا كەلگەندىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا چېن چۇەنگونىڭ ئورنىدا پارتىيە سېكرېتارلىق قىلىۋاتقان ما شىڭرۇينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تەربىيەلەش ۋە قۇتقۇزۇپ قېلىش لازىم» دەپ يوليورۇق بېرىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەلۇم نام-شۆھرىتى بولغان كىشىلەرنىڭ بىردەك ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى دېگەنلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «باش نىشانى» نىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولغان ھالدا داۋام قىلىۋاتقان «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، بالىلارنى ئائىلە جۇدالىقىغا گىرىپتار قىلىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى مەنئى قىلىش، «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەپ يۈز مىڭلاپ خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىش قاتارلىق چارىلەر تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئاستا سۈرئەتلىك ۋە كۆرۈنمەس شەكىلدىكى قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارىغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاشكارا بولۇپ بىر ئاي ئۆتكەندە، يەنى 24-ئىيۇن كۈنى خىتاي 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەتلەر كومىتېتىنىڭ 35-قېتىملىق يىغىنىدا جاۋ كېجىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا ۋاڭ شياۋخوڭ تەيىنلەنگەن. ئەمما ھازىرچە بۇ خىل ئالماشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.