تالىبان كۈچلىرىنىڭ كابۇلغا قايتىپ كېلىشى: خەتەرلەر ۋە پۇرسەتلەر

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇ «سىياسىي بوشلۇق» نى تولدۇرۇشقا بەكمۇ ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقى خىتاي بىلەن تالىبان كۈچلىرى ئارىسىدىكى كۆپ قېتىملىق ئاشكارا ۋە مەخپىي سۆھبەتلەردىن مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئىدى. تېخى يېقىندا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭدا مەخسۇس سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن «تالىبان كۈچلىرى بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ» دېدى.

16-ئاۋغۇستتىن باشلاپ تالىبان كۈچلىرىنىڭ پايتەخت كابۇلنى تولۇق كونتروللۇققا ئېلىپ، پرېزىدېنت سارىيىنى ئىشغال قىلغانلىقى، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ئەمرۇللاھ سالىھنىڭ كابۇلدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى. بۇ ئەھۋال ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزېل-كېسىل غۇلاپ چۈشكەنلىكىنى، تالىبان كۈچلىرىنىڭ يېڭىۋاشتىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئافغانىستاندا يەنە بىر قېتىملىق زور قاچ-قاچ باشلىنىپ، تالىبانلار يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ نامى «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دەرۋەقە، تالىبانلارنىڭ كابۇلغا كىرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تالىبانلار بىلەن قانداق ئالاقىدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 16-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدىكى تېرورلۇق مەسىلىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇۋاپىق يول تاپالايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە روشەن ھالدا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالللىقى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئويلاندۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ۋىلسون مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، سىياسىي ئانالىزچى برادلېي جاردېن ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تالىبان كۈچلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئېنىقكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكلا مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تالىبانلار بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئەمىلىيەتتە 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى 2000-يىلى ئەتراپىدا باشلانغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلار بىلەن كۆپ قېتىملاپ يوشۇرۇن دىپلوماتىيە ئالاقىسىدا بولۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى بولسا ئۇلار تالىبانلارنى ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانلىقىدىن بولغان ئىش. ئۇلار مۇشۇ تالىبانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە تەھدىت بولغۇچى كۈچلەرنى، يەنى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى كۆزدىن خالاس قىلماقچى بولغان. بۇ جەرياندا تالىبانلار ئافغانىستاندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بولغانلىقتىن بىر قىسىم ئ‍ۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سۆھبەتلەر يېقىنقى مەزگىللەردىن باشلاپلا يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان ئىدى. مەسىلەن، بىز زىيارەت قىلغان مەلۇم بىر ئافغانىستانلىق ئۇيغۇرنى مىسال قىلساق، ئۇنىڭ ئافغانىستان پاسپورتى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى ‹خىتاي كۆچمەن› دېگەن نامدا يېزىلغان. تالىبانلار يېڭىۋاشتىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئىكەن، بۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئەندىشىگە چۈشۈشى ئېنىق. چۈنكى تالىبانلار ھۆكۈمەت بىناسىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان ئىكەن، بارلىق ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. بۇ كىشىلەر ۋاقتى كەلگەندە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئالاقىغا دائىر خەۋەرلەر كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېرورچى ھاكىمىيەت بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورچىلار بولغان تالىبان بىلەن بىرلىشىپ ‹تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشى› مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ مەسخىرە» دېگەنلىكى مەلۇم. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، سېپى ئۆزىدىن تېرورچى بولغان خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن تالىبانلارنىڭ ھەمكارلىقى ئېنىقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتتىن بىشارەت ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ تېرورلۇققا قارشى تۇرماقچى بولۇشى ماھىيەتتە «تېرورلۇق» بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى يوق كىشىلەرنى باستۇرۇش بولىدىكەن.

برادلېي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ھادىسە ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق نەچچە ئون يىللاپ تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەمدىلىكتە تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىرىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

«مېنىڭچە، خىتاي جاسۇسلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئافغانىستاندا ئاتالمىش ئۇيغۇر تېرورلۇق گۇرۇھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەيدا قىلماقچى بولغانلىقى بەكمۇ قىزىقارلىق بىر مىسال. چۈنكى بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەنكى مەزگىللەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاكتىپلىق بىلەن تاشقى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ۋاستىسىدە دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىغان پائالىيەتلەردە بولغانلىقى نامايەن بولدى. بولۇپمۇ قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، جۈملىدىن ئافغانىستان، پاكىستان ۋە باشقا جايلاردا شۇنداق بولغان. بۇنىڭدا كۆپلىگەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەخشان رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ خىلدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بەرپا بولۇشى ھازىر پامىر تاغلىرى، تاجىكىستان چېگرىسى ۋە ۋاخان كارىدورى ئەتراپلىرىغىچە كېڭەيدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمتى 2014-يىلىدىن تارتىپلا بۇ جايدىن ۋەھىمە يەپ كەلگەن.»

بۇ مەسىلىدە ئىلشات ھەسەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئەسلىدىنلا پاكىستان ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن قويۇق خىزمەت ھەمكارلىقى بولغان تالىبانلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەنمۇ زىچ ئالاقىسى بار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ زور مەدەتكار ئىكەن. شۇنداق بولغانىكەن، تالىبان ھۆكۈمىتى ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر مەۋقەدە ۋە بىر يۆنۈلۈشتە ھەركەت قىلىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ قانداقتۇر «ئۇيغۇر جىھادچى تېرورچىلىرى» گۇرۇھىنى ياساپ چىقىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىكەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇشيار بولۇشى تېخىمۇ زۆرۈر ئىكەن.

نۆۋەتتە ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىش ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ كەلگۈسىدە رايون تەۋەسىدىكى تېخىمۇ ئېغىر بولغان مۇقىمسىز ۋەزىيەتنى يارىتىشى ئالغا سۈرۈلمەكتە ئىكەن.