كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى ئۇچراۋاتقان خىرىسلار ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.26
ana-til-abduweli-ayup-01 20-نويابىر كۈنى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانجېلىس (UCLA) شۆبىسىدە «دىياسپورادىكى ئۇيغۇر مىراس تىلى مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ لېكسىيە سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 20-نويابىر، لوس-ئانجېلىس
Abduweli Ayup

2016-يىلى 9-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى رەسمىي يوسۇندا مائارىپ ئوقۇتۇشىدىن چەكلىگەندىن كېيىن باشلىغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئانا تىل مائارىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇنجى زەربە نىشانى قىلغانىدى. ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن زور خىرىس دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.

مانا بۇ مەسىلە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا جايلاشقان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاڭلىتىلدى. بۇ مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىدە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە بىر قانچە نەپەر ئامېرىكالىق تىلشۇناس ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئىلمىي دوكلات بەرگەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس-ئانجېلىستىكى شۆبىسى (UCLA)، سانتا باربارا شۆبىسى (UCSB) ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىرۋىن شۆبىسى (UCI) ھەمدە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (USC) قاتارلىقلاردا تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇر ئانا تىلى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتا باربارا (UCSB) شۆبىسىنىڭ تىلشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى مايكىل فىدلېر (Michael Fiddler) كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ لېكسىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى ھەققىدە لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى:

«يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن باشقا دۇنياۋى كىرىزىسلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتتىن چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە قايتىدىن دىققەت تارتىشنى، بۇ كىرىزىسنى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىگە سېلىشنى توغرا تاپتۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى 20-نويابىر كۈنى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانجېلىس (UCLA) شۆبىسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «دىياسپورادىكى ئۇيغۇر مىراس تىلى مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتىدە سۆزلىگەن. بۇ پائالىيەتتە ئۇ نۇقتىلىق ھالدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

20-نويابىر كۈنى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانجېلىس (UCLA) شۆبىسىدە «دىياسپورادىكى ئۇيغۇر مىراس تىلى مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ لېكسىيە سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 20-نويابىر، لوس-ئانجېلىس
20-نويابىر كۈنى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانجېلىس (UCLA) شۆبىسىدە «دىياسپورادىكى ئۇيغۇر مىراس تىلى مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ لېكسىيە سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 20-نويابىر، لوس-ئانجېلىس
Abduweli Ayup

بۇ پائالىيەتتە يەنە، كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى تىلشۇناسلىق پىروفېسسورى، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى بويىچە كۆپ يىللار تەتقىقات قىلغان دوكتور ئارىئېن دۋيېر، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى تىل مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۈلنىسا نازاروۋا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى تانيا ئىۋانوۋا-سۇللىۋان، مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتى تىلشۇناسلىق پىروفېسسورى مارىيا پولىنسكىي قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن.

مايكىل فىدلېرنىڭ بىزگە دېيىشىچە، بۇ پائالىيەتلەر ئۇيغۇر ئانا تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر سورۇن بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ھازىر چەت ئەللەردە ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بۇ پائالىيەتلەردە بۇ تېما ناھايىتى دىققەت قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ئاكادېمىكلار ھەمدە يەنە ئانا تىل كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغان تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. بۇ كىرىزىسقا تېخى يېڭى دۇچ كەلگەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا باشقا مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ لېكسىيە پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئۇ ئۇيغۇر ئانا تىلى ھەققىدە لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەرگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئۇ بۇ يىغىنلاردا نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ پەيدىنپەي مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ رولى ئۈستىدە توختالغانىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇر ئانا تىلى ھەققىدىكى لېكسىيەلەر داۋامىدا يەنە، «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش پائالىيىتىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھەققىدىكى تونۇش ئۆستۈرۈلگەن.

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى 2022-يىلى5-ئايدا گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ۋە قىيناپ سوراق قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن كۆرۈشكەن جەريانى ۋە ئۇنىڭدىن تۈرمىدىكى قىيىن-قىستاقلار ۋە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ھەققىدە سوئال سوراپ، سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن يۈزلىشىشى ۋە بۇ جەرياندا ئىچكى دۇنياسىدا يۈز بەرگەن كەسكىن توقۇنۇشلار باش تېما قىلىنغان. «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم بۇ يىل 10-ئايدا نورۋېگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بېرگېندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئاڭلىتىشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنىمۇ كەڭ ۋە يەنىمۇ ھەرىكەتچان قوللاشقا ئېرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.