بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىل رۇزىيېفنىڭ مەملىكەتنىڭ ئىسسىقكۆل ۋىلايىتى قاراقول شەھەرلىك مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بىرئاز ۋاقىت ئۆتۈپ قاراقول شەھەرلىك سوت تەرىپىدىن ئۇنىڭغا مىرزاقاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا «ساختا ھۆججەت ياساش» ۋە «مەككارلىق» جىنايەتلىرىنىڭمۇ ئارتىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. يېقىندا كامىلجان رۇزىيېفنىڭ دېلوسى بويىچە 5-ئۆكتەبىرگە بەلگىلەنگەن سوت بەلگىلىك سەۋەبلەرگە بىنائەن كېيىنگە قالدۇرۇلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، كامىلجان رۇزىيېف «ۋەنتۇس» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش، ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقى بويىچە قانۇنىي ياردەم كۆرسىتىشكە ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىكەن. ئۇ بىر نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزىگە قورال تەڭلەپ، پوپوزا قىلغان ساقچىنى بىر يىلدىن بۇيان سوتقا بەرمىگەن بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ئىسسىقكۆل ئوبلاستلىق تەپتىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەرزى سوتتا قاراپ چىقىلىدىغان كۈنى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.
ھازىر قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان قاراقول شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان كامىلجان رۇزىيېف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەھۋالنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بۇ يىلى يوق يەردىن ئىش قوزغاپ، ساقچىلار مېنى قاماققا ئېلىپ، زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقتىم. ساقچى مېنى ئۆلتۈرۈمەن دېگەن. دېلو تۇرغۇزۇڭلار دەپ مۇراجىئەت قىلغانىدىم. بىراق بۇلتۇردىن بۇيان بۇ ھەقتە ئىش قوزغالسىمۇ( دېلو تۇرغۇزۇلسىمۇ)، ھېچ قانداق پۇختا تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈلمەي، ئۇ ئادەمنى قامىماي، مېنى قامىدى. قىرغىزىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھات ھاجىم، ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتى پرېزىدېنتى ۋە باشقىلار خەت يازسىمۇ، شۇنىڭغا قارىماي مېنىڭ ھوقۇقۇم ئەسلىگە كەلگىنى يوق. مەن ئادەم ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، تۈرمىلەردە ياتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم بەرگەنگە، مىللىتىمگىمۇ قاراپ، شۇنداق ئىشلار بولۇۋاتىدۇ دەپ ئېيتسام بولىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا مەن ھەربىي پروكۇراتۇرا (تەپتىشكە)، پرېزىدېنتقا نەچچە قېتىم مۇراجىئەت قىلىپ، بەش جىنايى قىلمىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ ناتوغرا جىنايى دېلو تۇرغۇزغان، زۇلۇم قىلغان، قول قويغۇزغان، ئاغرىپ قالغاندا چاغلاردا سوراقلارغا چاقىرىپ، قانۇننى بۇزغان قىلمىشلاردۇر. مەن بۇ ئىشلار يېشىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستانلىق مۇستەقىل ژۇرنالىست ئابدۇمۆمۈن مامارايىموف ئەپەندى ئۆزىنىڭ كامىلجان رۇزىيېفنى ئون يىلدىن بۇيان ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە ‹ئازادلىق ئاۋازى› دەپ ھوقۇق قوغداش تورى بار ئىدى. شۇنىڭدا مەن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. شۇندىن بۇيان مەن كامىلجان بىلەن بىرگە ئىشلەپ كەلدىم. ئۇ دائىم ئىسسىقكۆلدىن ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى بويىچە بىزگە پاكىتلارنى، ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرغان. بىز، ژۇرنالىستلار، ھىمايىچىلەر كۆپ نەرسىگە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارايمىز. بۇ كۆپچىلىككە ياقمىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كامىل رۇزىيېفقا قارشى ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەر بولۇپ كەلگەن. ئۇ كىشى توغرىلىق خىلمۇ-خىل پىكىرلەر ئېيتىلىپ يۈردى. ئەمما مەن بىر نەرسىنى ئېنىق بىلىمەن. ئۇ كىشى ئىنسان ھەقلىرى غايىلىرىگە دائىم سادىق بولۇپ كەلگەن. ئىنسان ھەقلىرى بۇزۇلغان جايدا ئۇ سۈكۈت ساقلاپ تۇرالمايدۇ ھەم بۇ ھەقتە، ئەلۋەتتە، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە، ئىمكان بارىچە جامائەتچىلىككە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ۋە باشقىمۇ يوللار ئارقىلىق ئېيتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئىچكى ئىشلار، سوت، پروكۇراتۇرا خادىملىرى ياخشى كۆرمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ كىشى ئۇلارغا تىنچلىق بەرمەيۋاتىدۇ. ھوقۇق ھىمايە قىلغۇچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە باشقىلار ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئورگانلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئەرزلەرنى يېزىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەتتىكىلەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ يۈرمەكتە.»
ئابدۇمۆمۈن مامارايىموف كامىلجان رۇزىيېفقا ئەرزىمەيدىغان ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ كامىلجان رۇزىيېفنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشتىن ئىبارەت بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما رۇزىيېفنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ھېچ قانداق بىر كېلىشىمگە ماقۇل بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇمۆمۈن مامارايىموف ھازىر قىرغىزىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كامىلجان رۇزىيېف ئىشىنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ھازىر بىزدە بۇ ۋەقەلەرنى ‹ئىنقىلاب› دەپ ئاتاۋاتىدۇ، بۇ ‹ئىنقىلاب› ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى بىر ئۆزگىرىشكە قىلىنغان ھەرىكەت بولدى. مەن كۆپ نەرسە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. سەۋەبى شۇ سىستېما، سىياسەتكە، ئىقتىسادقا تەسىر قىلىدىغان ئادەملەر ھازىر ئورنىدا تۇرماقتا. پرېزىدېنت قانداق بولىدۇ ھازىرچە نامەلۇم. يېڭى كەلگەن باش مىنىستىرنىڭ ئىشلەپ كېتىشىگە كۆزۈم يەتمەيدۇ. باشقا ئالدەم بولغاندىمۇ بۈگۈنكى ئەھۋالدىن چىقىپ كېتىش ئاسان بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى، خەلقئارا ئىنسان ھوقۇق قەدرىيەتلىرى بويىچە ئىشلەپ، ئۆزگىرىش كىرگۈزۈشكە قولى تەگمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. لېكىن ھازىر ئىسسىقكۆلدىكى كامىلجان رۇزىيېفقا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئادەملەرگە ئىنساپ بېرىپ، ئويلىنىپ قېلىشلىرى ئېھتىمالدىن خالى ئەمەس.»
قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى «باراۋەرلىك ئۈچۈن ئىتتىپاق» نىڭ ئەزاسى نادىرە ماسيۇموۋا خانىمنىڭ پىكرىچە، كامىلجان رۇزىيېفقا قارشى جىنائىي دېلو تۇرغۇزۇلۇشىغا بىۋاسىتە ئۇنىڭ ھوقۇق قوغداش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى سەۋەب بولغانىكەن. ئۇ ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىدە ئۇزۇن ۋاقىت مابەينىدە ساقچىلار ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ئېلىپ بارغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىدىن، تەن جازالىرىدىن زەرداب چەككەنلەرگە ياردەم بەرگەنىكەن.
نادىرە ماسيۇموۋا كامىلجان رۇزىيېفقا قويۇلغان ئەيىبلەرنى نېمە ئۈچۈن ئاساسسىز دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى. 29-مايدا ئۇ بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىملىرى تەرىپىدىن كىملىكىنى ئېنىقلاش باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ پاسپورتى يېقىن ئارىدىكى سوت بىناسىدا بولسىمۇ، پاسپورتىنى ئېلىۋېلىشقا مۇمكىنچىلىك بەرمىدى. ئۇنى ئادۋوكاتسىز سوراققا تارتتى. ئۇ تۇتۇلۇپ، پەقەت ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سوت ئالدىدا ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھۆججەت تاپشۇرۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ بىر جىنايەتچى ئەمەس، بەلكى ھوقۇق قوغدىغۇچى سۈپىتىدە تۇتۇلغانلىقى ئېنىق. كامىلجان رۇزىيېفقا ئىككى ماددا بويىچە، يەنى›ساختا ھۆججەت ياساش‹›مەككارلىق‹جىنايەتلىرى ئارتىلغان. كېيىن›مەككارلىق‹ماددىسى ئېلىپ تاشلانغان. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەر ھوقۇق قوغدىغۇچىنىڭ شەنىنى بۇلغىغان. باشتا ئۇ ئىككى ماددا بويىچە ئەيىبلىنىپ، ئاندىن بىرىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى بىزدە گۇمان تۇغدۇردى. يەنە بىر نەرسە، نېمە ئۈچۈن›ساختا ھۆججەت ياساش‹مەسىلىسى بىلەن ساقچىلار ئەمەس، بىخەتەرلىك كومىتېتى شۇغۇللىنىشى كېرەك؟ دېمەك بۇ ئىش بىۋاسىتە رۇزىيېفنىڭ ھوقۇق قوغدىغۇچى سۈپىتىدىكى پائالىيىتىگە باغلىق بولۇۋاتىدۇ.»
نادىرە ماسيۇموۋا كامىلجان رۇزىيېفنىڭ مەزكۇر ئىتتىپاق ئەزاسى بولغانلىقىدىن، ئۇنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋەتلەش ۋە تولۇق ئاقلاپ چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كېلەچەكتە ئۇنىڭغا قويۇلغان ئەيىبلەرنىڭ بىكار قىلىدىنىشى ۋە ئۇنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ يىلى ئىيۇن ئېيىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىلجان رۇزىيېفنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر باياناتىدا قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى «كامىل رۇزىيېفنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا قارىتىلغان خاتا ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا ۋە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە» چاقىرغانىدى.
0:00 / 0:00