مەمەت توختى: كاناداغا پاناھلىق تىلەپ كېلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار بار

0:00 / 0:00

چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەن، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋە چارىسىز قالغان 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىشكە تۈرتكە بولىدىغان قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 2-ئايدا كانادا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ تولۇق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغانىدى. 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كانادا ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننىڭ 2024 يىلى 1-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كانادا پارلامېنتقا بىلدۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك خامچوتنى تەستىقلىغان ئىدى.

ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەت كاناداغا كېلىپ يېڭى ھايات قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ۋە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە توغرا ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بىز بۇ ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، مەمەت توختى ئەپەندى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا زور رول ئوينىغان بولۇپ، ئەمدى بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

مەمەت توختى ئەپەندى بىزگە پاناھلىق تىلەش شەرتلىرى ۋە جەريانى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاش، ئىلتىماسنى قىلىش شەكلى، كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ۋە كاناداغا كەلگەندىن كېيىنكى يېڭى ھايات ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئاخىرىدا، مەمەت توختى ئەپەندى كانادادىن پاناھلىق تىلەپ كۆچمەن بولۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى باشقا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇر بەردى.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.