كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى: «ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ‹قەدەم باسقۇچلۇق ھەم ئېھتىياتچانلىق› بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا»
2024.09.19
كانادانىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بېجىرىلىش قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قارىتا، كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقى 19-سېنتەبىر رادىيومىزغا يازما بايانات ئەۋەتىپ ئىنكاس قايتۇردى.
يازما باياناتتا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىلتىماسىنىڭ داۋاملىق قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى، بېجىرىلىۋاتقانلىقى ۋە قوبۇل قىلىنغان مۇساپىرلارنىڭ كانادا جەمئىيىتىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەتلىرىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىشېل كالبېرت (Michelle Calbert) خانىمنىڭ 19-سېنتەبىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، مۇساپىرلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك قەدەم باسقۇچلۇق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشلانغان قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ خەتەرسىز ۋە ئىزچىللىقى نامايان بولغان ھامان، يوللاش ھەم قوبۇل قىلىش ئىشى تېخىمۇ كۆپەيتىلىدىكەن.
كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقى، كانادانىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كانادا تاراتقۇلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ئىشنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان، ئەگەر بۇ ئىش بۇنداق ئاستا سۈرئەتتە داۋاملاشسا 2024-يىللىق پىلاننىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، رادىيومىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ بۇ بۇ يازما باياناتنى ئەۋەتتى.
نۆۋەتتە كانادانىڭ بۇ يىل يانۋار ئېيىدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا باشلىغان 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغىنىغا 9 ئايدىن ئېشىپ قالغانلىقى مەلۇم. ئىگىلىشىمىزچە، قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بىرەر ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا قەدەم قويماسلىقى، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بەكمۇ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
ھالبۇكى، كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقى يازما باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ «ئېھتىياتچانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق» ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى، 3-دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «كانادا 3-دۆلەتتە ياشايدىغان ۋە قوغداشقا موھتاج بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى بىخەتەر پاناگاھ بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئىلتىماسلار قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ ۋە بېجىرىلىۋاتىدۇ. ئىلتىماسى تەستىقلانغان كىشىلەر ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ كانادانىڭ شارائىتىغا ۋە تۇرمۇشقا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز، خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قورقۇپ ياشاۋاتقان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم خاتىرجەملىكىدۇر. شۇڭلاشقا بىز بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىمىزنى قەدەم باسقۇچلۇق ھەم ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشلىدۇق. بۇ ئۇسۇلنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىزچىللىقى ئېنىق بولغان ھامان، بىز ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە يوللاش ۋە قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىمىز. تىرىشچانلىقىمىزنى ئاستا-ئاستا ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن باشلايمىز. بۇ ئۇسۇلنىڭ بىخەتەر ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى بايقالغان ھامان، بىز ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەۋەتىش ۋە قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىمىز.»
بۇ كانادا پارلامېنتىنىڭ 2023-يىلى 3-ئايدا 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋازدا ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي خىزمەت كۈنتەرتىپىگە قويغاندىن بېرى، كانادادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم تاراتقۇلارغا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشىدۇر. ھالبۇكى، كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلى ئېلان قىلغان كانادانىڭ 2024-ۋە 2026-يىللىق مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىلانى ئىچىگە، 10 مىڭ ئۇيغۇرنىمۇ كىرگۈزگەنلىكى، شۇنداقلا كانادا پارلامېنتىغا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنىڭ كونكرېت پىلانلىرىنى سۇنغانلىقى مەلۇم.
كانادادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار پىلانىغا ئارىلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر دەسلەپكى باسقۇچتا قوبۇل قىلىنغان 500 دەك ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن. كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ئەنە شۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەمەت توختى 18-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 50-60 تەك ئىلتىماسنىڭ رەسمىيىتىنى پۈتتۈرۈپ كانادانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن مەمەت توختىنىڭ قەيت قىلىشىچە، رەسمىيەت بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشقانلىقتىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ئاخىرقى باسقۇچتا، كانادا ئەلچىخانىسى مۇساپىرلارنى سۆھبەتكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ۋە بارماق ئىزى ئېلىشتەك بىر قاتار رەسمىيەتلەر بېجىرىلىدىكەن. ھالبۇكى، كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنىڭ تولۇق بېجىرىلىپ، 500 ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە كاناداغا قەدەم قويۇشىغا بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى چەكلىك ۋاقىتنىڭ ئىمكان بېرىش-بەرمەسلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
كانادا رائۇل ۋولېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يۇناھ دىئاموند (Yunah Diamond)نىڭ قارىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ تەرەققىياتىدىن كىشىلەرنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
يۇناھ دىئاموند 19-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقى ھەم كانادا ھۆكۈمىتى، كىشىلەرنى كاناداغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.» يۇناھ دىئاموندنىڭ قارىشىچە، 2024-يىللىق پىلان كېچىكمەكتە بولۇپ، بۇنىڭ كېچىكىشى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ئەندىشە قىلىپ تۇرغان 3-دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەس ئىكەن. يۇناھ دىئاموند مۇنداق دېدى: «2024-يىلى كاناداغا تېخى ھېچكىم كەلمىدى، بۇ ئىش كېچىكىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، بۇ پىلانغا قانداق ئىلتىماس قىلىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئۇيغۇرلارغا چۈشەندۈرۈشتە ھۆكۈمەت بەك كېچىكتى. شۈبھىسىزكى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ جازالىنىشتىن قورقۇش ۋەھىمىسىدە ياشاۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق.»
كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خەلقئارا مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقى سەۋەبلىك جانلىق ۋاقىت جەدۋىلى قوللانماقتا ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى خەتەرگە قويماسلىق ئۈچۈن، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز مەشغۇلات قىلىۋاتقان مۇرەككەپ، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان خەلقئارالىق مۇھىت سەۋەبىدىن، جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى قوللاندۇق. بۇ ئۇسۇل بىزگە ۋە شېرىكلىرىمىزگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجى ۋە ئەھۋالىغا جاۋاب قايتۇرۇشتا ھەرىكەتچانلىق ئاتا قىلماقتا. بىزنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىمىز، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر. شۇڭلاشقا، بىز ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىمىز ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، چۈنكى بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئاسان بۇ كىشىلەرنى تېخىمۇ خەتەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ.»
ھالبۇكى، «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى، سۈرئەتنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇ يىل ئىچىدە 500 ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا يېتىپ كېلىشىگە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سۈرئەتنىڭ ئاستا بولۇشىغا باشقا ئامىللار تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن. لېكىن «رائول ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» دىكى يۇناھ دىئاموند، كانادانىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۇنىڭ سىغىمچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. يۇناھ دىئاموند مۇنداق دەيدۇ: «كانادادىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۇنىڭ سىغىمچانلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئايان قىلىشى كېرەك. بۇ يەردە شۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ، يەنيى بۇ ئىش پارلامېنتتا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارغا خاتا سىگنال بەرمەسلىكى، چوقۇم تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. ھۆكۈمەت بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، كەلگۈسى ئىككى يىلدا بۇ ساننى قەيەردىن تولۇقلايدىغانلىقىغا تېخى چۈشەنچە بەرمىدى. شۇڭا ھۆكۈمەت سان، رەسمىيەت باسقۇچى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ ئىش بەك كېچىكىپ كەتتى».
كانادا پارلامېنتى 2023-يىلى 2-ئايدا، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋازدا ماقۇللاپ، بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتكە ھوقۇق بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبەرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ قارار لايىھەسى، ھۆكۈمەت كابېنتى، لىبېراللار پارتىيەسى ۋە كونسېرۋاتىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ھالبۇكى، مەزكۇر قارار لايىھەسىنى سۇنغۇچى لىبېراللاردىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبەرىنىڭ ئىلگىرى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر جامائىتىگە قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ پىلان دائىرىسىدىكى ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە «بۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولماسلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى.