كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغاندىن بېرى كانادا پارلامېنتى كانادا ھۆكۈمىتىنىمۇ بۇ جىنايەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىپ كەلگەنىدى. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كانادا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى خىتاينىڭ مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول چوڭغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى قاتتىق ئەيبلەش، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىش، جۈملىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىك ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ جىنايىتىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بىرەر قانۇن لايىھەسى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.
كانادانىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گارنېت جېنيۇس ئالدى بىلەن خىتاينىڭ كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول چوڭغا جازا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئەيبلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى، بۇ جازالار خىتاينىڭ خەلقئارا بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينى جازالاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. خىتاي كومپارتىيەسى چىدىماي قالغاچقا ئۆچ ئالغۇسى كەلدى. بىزنىڭ بۇ يەردە تۇتقان مەيدانىمىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ پىكىر ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيادا خىتايغا ئوخشاش نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە ئىقتىسادى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان بىر دۆلەت خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقاندا، ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ پۈتۈن بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىۋاتقاندا، دۇنيا «قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېگەن بۇ پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇردى. بۇنداق ۋەزىيەتتە كانادا پارلامېنتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى، پارلامېنتىمىز ھەرىكەت قوللاندى. كانادا پارلامېنتى بۇ جىنايەتكە تۇنجى بولۇپ قارار بەرگەن پارلامېنت بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، لىتۋا قاتارلىق دۆلەت پارلامېنتلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدى، يەنە باشقا دۆلەتلەرمۇ قارارلار ئېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكانىڭ ئىككى قېتىملىق ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇدى، باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ بۇ قەبىھ دەپسەندىچىلىكنى توختىتىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تۈزدى؛ خىتايدىكى قۇل ئەمگىكى، ئەتكەسچىلىك، ئىچكىي ئەزا سودىسى قاتارلىق جىنايەتلەرنى چەكلەش ئۈچۈن يېڭى جازالارنى يولغا قويدى. شۇنداقتىمۇ بىز دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا ئېغىر ئۇيقۇدا ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرىكىتىنىڭ تولىمۇ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما ئۇلار ئويغانغاندا، كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغانلىق قارارىنىڭ دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىپ، پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلدى».
پارلامېنت ئەزاسى گارنېت جېنيۇس كانادا پارلامېنتى گەرچە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە نەتىجە قازانغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تېخى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز كانادا ھۆكۈمىتىنىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشىمىز، مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، سىياسەت چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ماللارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشىمىز، قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشىمىز كېرەك. بىز شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ياكى خىتاينىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتچىلىرىگە ئەمەلىي جازا يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. بىز يەنە كانادادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە، بولۇپمۇ ئاجىز، تايانچسىز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. كانادا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى چىقاردى، پارلامېنت ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى چىقاردى، ئەمدى نۆۋەت ھۆكۈمەتكە كەلدى».
ئۇ يەنە خىتايدىكى ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھۆكۈمەتكە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەڭلار دەۋاتىمىز. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان ئىش بولسا، بىز ئۇ مۇسابىقىنى باشقا يەرگە يۆتكەشنى خالايمىز. ئەمما ھۆكۈمەت چوقۇم ئۆز مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى، تالاش-تارتىش ئاستىدىكى بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى ئەۋەتمەسلىكى كېرەك.»
كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مايكول چوڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاشكارە تەنقىدلىگىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خىتايغا بارماسلىق، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت باغلىماسلىق» جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۆزىگە قىلچە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەنمۇ ئەنگىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئوخشاش جازاغا ئۇچرىدىم. مەنچە، بۇ جازا دېموكراتىك ئەللەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بېرىدۇ. خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن تۈزگەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىزنى توڭلاتتى؛ بىر نەچچە ھەپتە ئاۋۋال ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن تۈزگەن ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. مەنمۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاينى جازالاپ، خىتاينىڭ ئىگىدارىچىلىقىدىكى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا پۇل تۆلىمەسلىكىنى ۋە ئۇ بانكىنىڭ ئەزالىقىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى سورايمەن».
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا پاختا ۋە پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىشىغا سېلىنىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق پىلانلاپ قىلىۋاتىدۇ. كانادا ھۆكۈمىتى چوقۇم يېڭىچە ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمورت قىلىشنى چەكلىشى كېرەك. خىتاي بۈگۈن بىزنىڭ خەلقىمىزگە، ئىقتىسادىمىزغا ۋە قىممەت قارىشىمىزغا تەھدىت پەيدا قىلدى، شۇڭا پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت تەڭ ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. بىز سۈكۈت قىلساق بولمايدۇ، بىز ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئەقىدىمىزنى، دېموكراتىك تۈزۈم ۋە قانۇنغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ».
يىغىندا كانادانىڭ كۇبېك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئالېكسىس كانادا پارلامېنتى، بولۇپمۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن كىرزىسنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈچۈن كانادا ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكەن يىل 3-ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان 15 تۈرلۈك تەكلىپنى قايتا ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىزنىڭ باش مىنىستىرىمىز بۇ مەسىلىنى قانداق ئاتاشنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتىدۇ، بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بۇ مەسىلە كىچىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدۇر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايىتىدۇر. ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشىۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ باش مىنىستىرىمىز بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىمىز دەيدۇ، ئەمما بۈگۈنكىدەك يىغىنغا قاتناشمايدۇ. بىزنىڭ كىشىلك ھوقۇق مەسىلىسىنى تونۇش، ئۇنى قوغداش ۋە ھەرىكەت قوللىنىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. شۇڭا مەن يۇقىرىقى تەكلىپلەرنى ئالاھىدە ئەسكەرتتىم. ھۆكۈمەت چوقۇم بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك؛ ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇش، ئاندىن شىنجاڭغا خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىش. ھۆكۈمەت ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىسا ئۇيغۇر دوستلىرىمىز بىر ئۈمىدكە ئېرىشىدۇ، ئۇلار ئۈمىدكە مۇھتاج».
يىغىندا گارنېت جېنيۇس، مايكول چوڭ، ئالېكسىس برۇنېل قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى كانادا پارلامېنتى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېۋىن لېموروكس كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى پەت كېللى، يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارتىيە ئەزاسى پېتىر جۇليان قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كانادا پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى (FAAE) يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەر دوكلات شەكلىدە كانادا پارلامېنتىغا سۇنۇلىدىكەن ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.