كانادانىڭ «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» ھەققىدىكى باياناتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستيا فرېلەند 4‏-ئىيۇن كۈنى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، 1989‏-يىلى 4‏-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى نامايىشچىلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئۇ باياناتىدا «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دەك بىر قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تىلغا ئالماسلىق بىلەن تەنقىدلەنمەكتە. كرىستيا فرېلەند 4‏-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى «تيەنئەنمىن ۋەقەسى» ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇپ، خىتاي خەلقىگە ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە ئۈندىگەن. باياناتتا «30 يىل بولدى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ جۈملىدىن ئادۋوكات ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ تۈپ ئەركىنلىكنى قوغداش كۈرىشى داۋاملاشماقتا. بىز خىتاينى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، ئادالەتسىز ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز،» دېيىلگەن ئىدى.

لېكىن كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى دەيۋىد مۇرونېي 5‏-ئىيۇن كۈنى كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. دەيۋىد مۇرونېينىڭ تەكىتلىشىچە، فرېلەندنىڭ باياناتى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدونىڭ ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ۋانكوۋېردىكى بىر پائالىيەتتە قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى كۆمۈۋەتكەن. جاستىن ترېدو ۋانكوۋېردىكى بىر پائالىيەتتە مۇخبىرلارنىڭ «تيەنئەنمىن ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ترېدو مۇنداج دېگەن: «بىز خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى، ئىپادە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلاردەك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىمىز. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى خاھىشىغا قارىتا بىزنىڭ رېئال ئەندىشىمىز بار. مەن ھازىرغا قەدەر قىلىپ كەلگەندەك بۇ مەسىلىنى خىتاي رەھبەرلىكى بىلەن داۋاملىق بىۋاسىتە ياكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ۋاسىتىلىك سۆزلىشىپ، ھازىرقىدەك خاتىرىلەش كۈنلىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ياخشى ھۆرمەت قىلىشنى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

لېكىن سابىق باش ئەلچى دەيۋىد مۇلرونېينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كرىستيا فرېلەندنىڭ باياناتى ترېدونىڭ سۆزىدىن كۆپ يېنىك بولۇپ، ترېدونىڭ سۆزى كانادانىڭ رەسمىي باياناتىدا ئەكس ئەتمىگەن.

كرسىتىيا فرېلەندنىڭ باياناتى دەيۋىد مۇلرويدەك سابىق دىپلوماتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىكس نېي 6‏-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدا بۈگۈن خىتايدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق تەكىتلەنمىگەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن باياناتتا بۇ تىلغا ئېلىنمىغان. كانادا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇ مەسىلىگە باشقا ھۆكۈمەتلەردەك ئۇنداق قاتتىق ئىپادە بىلدۈرمەي كېلىۋاتىدۇ.»

كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فرېلەندنىڭ باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە توغرا بولۇشنىلا قوغلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىد ئەل شافىي 6‏-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن شۇنداق قارايمەن، سىياسىي جەھەتتە توغرا بولۇشنىلا قوغلىشىش بۇ ھۆكۈمەتكە بەك زىيان سالماقتا. بىزنىڭ باش مىنىستىرىمىز، تاشقى ئىشلا مىنىستىرىمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتە توغرا بولۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك. ئەلۋەتتە، ئۇلار تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنى تەنقىدلەشنى ئىستەيدۇ. ئەمما ئۇلاردىكى سىياسىي جەھەتتە توغرا بولۇشتەك بۇ خىل چۈشەنچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازالاش مەسىلىسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ كانادا ئۈچۈن شۇنداقلا بۇ ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر نومۇستۇر.»

مەجىد ئەل شافېي كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي توغرا بولۇشنىلا قوغلىشىشتەك بۇ خىل پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە راست گەپنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت. شۇنىڭغا قاراپ باقايلى، 30 يىلنىڭ ئالدىدا نېمە بولغان، ھازىر نېمە بولۇۋاتىدۇ، كەلگۈسى 30 يىلدا نېمە بولىدۇ. 30 يىل ئاۋۋال قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندە كانادا ھېچ ئىش قىلمىغان. مانا ھازىر بۇ سىياسەتنىڭ يەنە تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىغا شۇ مەسلىھەتنى بېرىمەن، سىياسىي جەھەتتە توغرا بولۇشتىن ۋاز كەچسۇن، ئىقتىسادى مەنپەئەت قوغلىشىشنى ئۇنۇتسۇن، كىشىلىك ھوقۇققا مەركەزلەشسۇن. چۈنكى سىز كانادا قىممەت ئۆلچىمىگە ۋەكىللىك قىلىسىز. . . خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە راست گەپنى قىلسۇن.»

سابىق باش ئەلچى دەيۋىد مۇنرونېي «يە شارى ۋە پوچتا گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە كانادا «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقىدا كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، كانادانىڭ 2019‏-يىلدىكى شىنجاڭنى 1989‏-يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىققا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىمىزنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن كانادا ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن. دەيۋىد مۇلرۇنېينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پۇرسەتنى باش مىنىستىر ترېدونىڭ كانادا يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئايال ۋە قىزلىرىنىڭ تراگېدىيەلىك تەقدىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلەشنى قوللىغان بىر ھەپتىسىدە قاچۇرۇپ قويۇشى بەك ئېچىنىشلىق ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىدىكى ئالىكس نېينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تەكلىپ لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز كانادانىڭ شۇ ئىشلارنى قىلىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز، بىز ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك يىغىنىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى قايتا ئىپادىلىشىنى، مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ گۇرۇپپىنىڭ رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئىستەيمىز.»

كانادا بۇ يىل 3‏-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. كانادا بۇ ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئەينى چاغدا خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنى 13‏-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شۇ قېتىمقى يىغىنغا كاپالەتچى بولماسلىققا ياكى ئۇنىڭغا قاتناشماسلىققا ئۈندىگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستىيا فرېلەند نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى گۆرۈگە تۇتۇۋالغان، شۇنىڭدەك ئىككى كانادا پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن. كانادا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجونى تۇتقۇن قىلغان. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا تۇرۇشلۇق 4 نەپەر كانادا پۇقراسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.