باش ئەلچى بوب رەي: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى قىرغىنچىلىقنىڭ نەق ئۆزى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.11.16
Bob-Rae-bob-rey.jpg كانادانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوپ رەي(Bob Rae) ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى 3-ئاپرېل، كانادا.
REUTERS

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ھەققىدە كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلارنىڭ تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىيونلار بۇ ھالنى «كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە بولۇشى» دېيىشنىڭ رېئاللىققا ئ‍ۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. گەرچە بەزى مۇنبەرلەردە بۇ ھالنى بىر قىسىم كىشىلەر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ياكى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ئەمما بىرەر ھۆكۈمەت تېخى ھازىرچە بۇ مەسىلە ھەققىدە رەسمىي قارار ئالمىدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا 15-نويابىر كۈنى كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوپ رەي ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەققىدە كەسكىن ئىپادە بىلدۈردى.

كانادا رادىيو شىركىتى (CBC) بۇ مەسىلە توغرىسىدا كانادانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بوب رەي بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشكەندە مۇخبىر روسېمارىي بارتون ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بېرمىدا روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن رېئاللىقنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى.

بوب رەي ئەپەندى ئوچۇق قىلىپ: «ھازىر بۇ ھەقتە كۆپ خىل پىكىرلەرنى كۆرۈۋاتقان بولساقمۇ بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قىرغىنچىلىقنىڭ نەق ئۆزىدۇر. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملارنى قىرغىنچىلىقنىڭ قايسىلا تەبىرى بويىچە قارىغاندىمۇ بۇنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتىيالايمىز» دەپ كۆرسەتتى. بوب ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئۆتكۈزگەن يىغىندا مەخسۇس بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. شۇنىڭدەك ئۆزلىرى ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق يازما ئىسپاتلارنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى چىقارغان مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى يىغىن ئەھلىگە سۇنغان. يىغىندا كانادا ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى رەئىسى مىشىېل بەچېلېتتىن ئۇيغۇر دىيارىغا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئۈچۈن مۇستەقىل بىر گۇرۇپپىنى ئەۋەتىش بولغان.

بوب ئەپەندى سۆھبەتتە ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا بولسا دىپلوماتىك خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە قىرغىنچىلىققا دائىر مەسىلىلەرنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن مەسلىھەت قىلىش ئەھۋالى بولدى. شۇنىڭدەك ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى ئاشكارا مۇھاكىمە قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سېلىشتۇرغاندا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر تېخىمۇ كۆپ بىرىنچى قول ماددىي ئىسپاتلارنىڭ ھازىر بولۇشى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن. گەرچە بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق بايانلىرى مەلۇم بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك بۇنىڭغا دائىر تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئىسپاتلارنى قولغا كەلتۈرۈش تولىمۇ قىيىنغا چۈشمەكتە ئىكەن. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئارقىغا قايتمايدىكەن.

سۆھبەتتە بوب رەي ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىن كېيىن بارلىققا كېلىدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ قانداق ئورۇن ئېلىشى ھەققىدىمۇ سۆز قىلدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى بىردەك ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن قىلىشى لازىم ئىكەن. بۇ مەسىلىمۇ ئۆتكەن ئايدا كانادا پارلامېنتىدىكى مۇھاكىمىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىنغاندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش 16-نويابىر كۈنى سەھەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بوب رەي ئەپەندىنىڭ باياناتىنى ئەيىبلەپ «بىزنى ئۇيغۇرلارنى قىرىۋاتىدۇ، دېيىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك» دەپ ئىنكاس قايتۇردى. شۇنىڭدەك 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ كانادادىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 18 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ مەنىدىن ئالغاندا بىز ‹كانادا پۇقرالىرى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ› دېيەلەيدىكەنمىزدە» دەپ باش ئەلچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلىرىنى ئاغدۇرىۋەتمەكچى بولدى. ئەمما «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باش ماقالىىسدا جاۋ لىجيەننىڭ بىلىمسىزلىكى تەنقىدلىنىپ «كانادانىڭ نوپۇسى 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئون پىرسەنتتىن كۆپىيىپ ماڭغان» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان قەشقەر ۋە خوتەندىكى تۇغۇت نىسبىتىنىڭ 60 پىرسەنت چېكىنىشىنى كۆرمەسكە سالغانلىقتا ئەيىبلىدى.

بوب رەي ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «شىنجاڭدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار دەل 1930-يىللاردا گېرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن رېئاللىقنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن سۆزىدىن كېيىن يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتنىڭ ئاغزىدىن چىققان كەسكىن باھا بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇقى بولغان مۇتەخەسسىلەرمۇ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ، نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ «دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش» ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭ قانچىلىك «غەيرەت كۆرسىتىش» مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇملىرىغا قارىتا نۆۋەتتە تېخىمۇ زور بىر ھەمكارلىق كېرەك. قاچانكى مۇشۇنداق بىر ھەمكارلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىكەن ئۇ چاغدا زور بىر ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەر بۇ سەپكە باراۋەر ھالدا ئەگەشسە بەك ياخشى بولاتتى» دېگەن.

روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس بۇ جەھەتتە شان روبېرتسقا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەن. ئۇمۇ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرىنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى رەھبەرلەر بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا ئورتاق بېسىم قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. جۈملىدىن 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىمۇ شۇنداق بولۇشى لازىم» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىل بايقۇت قىلىشنىڭ مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى خەلقئارا ئوبراز جەھەتتىن بولسۇن زور چەكلەش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ خاراكتېرىنى ئاشكارا ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش چاقىرىقى بارغانسېرى كۆپ قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ پات يېقىندا رەسمىي بىر تەبىر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە شۇنىڭغا ماس ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىنىشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.