كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-12-14
Share
كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىلدى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 11-دېكابىر، كانادا.
REUTERS

10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە كانادا پارلامېنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانمىغانلىقى تەنقىدلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە 10-دېكابىر كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش بولغان.

يىغىندا كانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ۋەكىلى كلارىك فلايمەنت 10-دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ كانادا ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا، ھازىرغا قەدەر ئەمەلىي بولغان قاتتىق تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ ئىنسانىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇ سۆزىدە ترۇدو ھۆكۈمىتىگە سوئال قويۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ۋاسىتىلىك ياردەمدە بولىدىغان قىلمىشلاردا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ نەقىلى سۈپىتىدە، كانادانىڭ خىتاينىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كانادادا ھەربىي تەلىم ئېلىشى ۋە مەشىق قىلىشىغا يول قويۇشتەك ھەمكارلىقلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش» دەپ ئەيىبلىگەن.

10-دېكابىر يەنە كانادانىڭ ئونتارىيو ئۆلكىسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» باشلىقى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، «تىبەت ياشلار ھەرىكىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈننىي سونام ئەپەندى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىدىن خوڭكوڭلۇق پېگگي لېئۇڭ خانىم بىرلىكتە 8-دېكابىر كۈنى باشلىغان ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنىڭ ئاخىرقى كۈنى.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۈچ كۈنلۈك ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنىڭ ئەھۋالى ۋە نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-9-دېكابىر كۈنلىرى ئەتىگەن سائەت 8 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە داۋاملاشقان ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى ئونتارىيو پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان.

تۇيغۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ترۇدو ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ تاپشۇرغان.

10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىكى ئاچلىق ئېلان قىلىش پائالىيىتى بولسا، ئونتارىيودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان. شۇ كۈنى چۈش سائەت 1 دە خىتاي كونسۇلخانىسىغا نارازىلىق مەكتۇپى تاپشۇرۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكۇڭلۇقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى تۇ مايكولنى قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

تۇيغۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-دېكابىر كانادانىڭ ھاۋاسى نۆلدىن تۆۋەن 15 گرادۇس بولغان بولسىمۇ، ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلىغان. ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۈچ نەپەر پائالىيەتچىدىن باشقا يەنە ئۇلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىدىن 20 دىن 30 قىچە ئادەم نامايىش مەيدانىغا توپلانغان.

3 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كانادا تىبەت ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈننىي سونام ئەپەندىمۇ نامايىش نەق مەيدانىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ بايانىدا، نۆۋەتتە خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك كانادادا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىپ، ئىقتىسادىي قىيىنلاشقانلىقى، ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرالمايۋاتقانلىقى ۋە كانادادا خىتايغا قارشى نارازىلىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا ھېچقانداق ئىنسان ھەقلىرى بولمىغانلىقى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكۇڭلۇقلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ يەنىلا ئېتىبارسىز قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل زۇلۇمنى كانادا خەلقىگە ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت