قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدا ياشانغانلاردىن يەنە ئىككى كىشىگە 14 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدا قېييۇم مەشرەپ ئىسىملىك 70 ياشلىق پېنسىيونېر ئوقۇتقۇچىنىڭ 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر يېزىدىكى پېنسىيونېرلاردىن يەنە ئىككى كىشىگە 14 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ ئەھۋال ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى، خىتاينىڭ ياشانغانلارغىمۇ رەھىم قىلماسلىقىنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقىي ئامىللىرى ئۈستىدە توختالدى.

قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر يېزىدىكى ئالاقىدار بىر كەنت كادىرى، ئۆز كەنتىدە ئېچىلغان بىر يىغىندا پېنسىيونېر قېييۇم مەشرەپتىن باشقا يەنە ئىككى نەپەر پېنسىيەگە چىققان تۇتقۇن ئۈستىدىكى ھۆكۈمنامىنىڭمۇ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كېسىلگەنلەردىن ياۋا يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىنىڭ باشلىقى 60 نەچچە ياشلىق مەنسۇر سېيىت، يەنە بىرسى 70 ياشلىق كەنت ئامانلىق مۇدىرى تۇردى باقى ئىكەن. بۇ ھەر ئىككەيلەن خىتاي قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما2018 ‏-يىلى3 ‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى كۈزدە 14 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ پەقەت بىر قېتىملىق قاتنىشىپ قالغان مېيىت نامىزى ۋە ئۇ يەردە ئاڭلاپ قالغان ئاتالمىش «قانۇنسىز تەبلىغى» ئۇلارنىڭ پېنسىيە پۇلىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئاخىرىقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش پىلانىنى بەربات قىلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى نەزەردە تۇتۇلمىغان.

ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياشانغانلارغىمۇ رەھىم قىلماسلىقىنىڭ يېڭى بىر پاكىتى ئەمەس. 80 نەچچە ياشلىق ئەدىپ مىرزاھىد كېرىمىمۇ 11 يىللىق جازاسى مۇددىتىنى ئۆتەۋېتىپ، تۈرمىدە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان؛ 80 ياشتىن ھالقىغان مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭمۇ جەسىتى لاگېردىن چىققان؛ 68 ياشلىق تىلشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى بىر يىلچە قاماقتا ياتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىنىڭ جىددىي پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ قالغان. دادىسىنىڭ قىسىمىتى بىلەن قاراقاش ياۋا يېزىسىدىكى يۇقىرىقى ئىككى پېنسىيونېرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى، بۇ ئەھۋالنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا سەۋەپ بىلەن ئىزاھلاشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئادەتتە قانۇنىي جازا خاتالىقلارنىڭ ياكى جىنايەتنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن بېرىلىدۇ، ئادەتتە ياشانغانلارنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىدا ياشانغانلارغا جازا نىسبەتەن يەڭگىل بېرىلىدۇ. تاھىر مۇتەللىپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجرائاتلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ماھىيىتىدە داۋام قىلىۋاتقىنى ئۈچۈن سەۋەبنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇيغۇر رايونىدا ياشانغانلارنىڭمۇ رەھىمسىزلەرچە جازالىنىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى، ئۇيغۇر رايونىدا دۇنيادىن ۋىدالىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭمۇ مازارلىرى چېقىلىپ، ھەيكەللىرى ئۆرۆلۈپ، كىتابلىرى كۆيدۈرۈلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، دۇنيادا ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك نازۇك قاتلىمى دەپ قارىلىدىغان ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ رەھىمسىزلەرچە جازالىنىشى ئەجەبلىنەرلىك بىر ئەھۋالمۇ ئەمەس ئىكەن.

قاراقاشتىكى مەزكۇر خادىم، ئۆزلىرىنىڭ بوستانكۆل تۈرمىسىگە بېرىپ، بۇ ياشانغان مەھكۇملارنى يوقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ 14 يىل جازانى يەڭگىل دەپ قارايدىغانلىقى ۋە بۇنى «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى» دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا نىسبەتەن يات مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن تاھىر مۇتەللىپ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن قاتلاملىرىغا قورقۇنۇچلۇق سىگنال يوللاۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى پىسىخىك جەھەتتىنمۇ ئېغىر بىر بۇزۇلۇش پەيدا قىلىش مەقسىتىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.