ئامېرىكانىڭ داڭلىق كارتون فىلىمى «جەنۇبىي باغچە» دا خىتايدىكى لاگېر ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى تېما قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«جەنۇبىي باغچە» كارتون فىلىمنىڭ 2-ئۆكتەبىر كۈنى تارقىتىلغان 23-پەسىللىك 2-قىسمىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
«جەنۇبىي باغچە» كارتون فىلىمنىڭ 2-ئۆكتەبىر كۈنى تارقىتىلغان 23-پەسىللىك 2-قىسمىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
southpark.cc.com

«South Park» يەنى «جەنۇبىي باغچە» ئامېرىكادا 1997-يىلى قويۇلۇشقا باشلىغاندىن بېرى كۈندىلىك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى تېما قىلغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىگە ئېرىشىپ شۆھرەت قازانغان چوڭلار كارتون فىلىمىدۇر. ئۇ «ئېممىي تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە «ئوسكار فىلىم مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكادىكى كەڭ ئاممىغا خىتاب قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر كارتون فىلىمنىڭ 2-ئۆكتەبىر كۈنى تارقىتىلغان 23-پەسىللىك 2-قىسمىدا خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاقىۋەتلەر باش تېما قىلىندى. مەزكۇر كارتون فىلىمى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىدا ياشايدىغان ستان مارش، كايلى بروفلوۋىسكى، ئېرىك كارتمەن، كېننىي ماككورمېك قاتارلىق 4 ئوغۇل بالا پېرسوناژنىڭ ھېكايىلىرى ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ. كولورادو شتاتى ئامېرىكىدا كەندىر تېرىش ۋە سېتىش قانۇنلۇق قىلىنغان ئاز ساندىكى شىتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، كارتون فىلىمنىڭ 2-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانى باش پېرسوناژ ستان مارشنىڭ كەندىر ئېتىزلىقى بولغان دېھقان دادىسى راندىينىڭ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا باي بولۇش ئۈچۈن خىتايغا ئوخشاش كۆپ نوپۇسلۇق بىر دۆلەتكە بېرىپ تىجارەت قىلىشتىن ئىبارەت بىر ئوي-پىكىرگە كېلىشى بىلەن باشلايدۇ. دادا راندىي خىتايغا قاراپ يولغا چىققان بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ستانمۇ بىر مۇزىكا گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ ۋە شۆھرەت قازىنىش كويىغا چۈشىدۇ.

راندىي خىتايغا نەشە ئاپىرىپ سېتىپ باي بولۇشتىن ئىبارەت ئاددىي بىر خىيال بىلەن بىر چاماداننى كەندىر بىلەن تولدۇرىدۇ-دە، ئايروپىلانغا چىقىدۇ. ئۇ ئايروپىلانغا چىققاندا باي بولۇش خىيالى بىلەن خىتايغا قاراپ يولغا چىققان گۇگىل شىركىتى، NBA ۋاسكىتبولچىلىرى ۋە كىيىم-كېچەك سودىگەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا يەنە ھوللىۋۇد فىلىملىرىدىكى «تۆمۈر ئادەم»، «قار مەلىكە» قاتارلىق داڭلىق پېرسوناژلارنى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىگە «خىتايدا ئادەم جىق بولغاندىن كېيىن ھەممىمىزگە يېتىدۇ،» دەپ ئۆزىنى تەسەللى بېرىدۇ.

ئۇ خىتايغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن چامادانىدا كەندىر بولغانلىقتىن ئايرۇدورۇمدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامىلىدۇ. «جەنۇبىي باغچە» كارتون فىلىمىنىڭ بۇ قىسمىدا ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قامىلىپ، كۈندىلىك مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ لاگېر ئەتراپىدا قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتنى ئوبرازلىق ھالدا يورۇتۇپ بەرگەن. راندىي لاگېردا كىشەنلىنىدۇ، تاياق يەيدۇ ۋە بىر زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى كۆرىدۇ. بىر كۈنى ساقچى ئۇنىڭ قولىغا بىر پارچە قەغەزنى تۇتقۇزۇپ، ئۇنى قىيناپ تۇرۇپ قولىدىكى قەغەزنى ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەغەزگە يېزىلغان «مەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. پارتىيە شەخىستىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۇ يەنە بىرىنىڭ لاگېردىكى ساقچى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.

مەزكۇر كارتون فىلىمدا يەنە لاگېر كامېرلىرىنىڭ ئادەم بىلەن تولۇپ-تاشقانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ھاجەت ئىشلىرىنىڭمۇ يەنە شۇ كامېردا بولىدىغانلىقىمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەن. راندىي يەنە باشقا بىر كامېردا ئامېرىكادىكى قونچاق فىلىم ئوبرازى بولغان ۋىننى ناملىق ئېيىقچاقنىڭ ۋە ئۇنىڭ سەپدىشىنىڭمۇ قامالغانلىقىنى بايقايدۇ.

ۋىننى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققان يىللاردا خىتاي ئىنتېرنېت تورلىرىدا كەڭ تور ئاممىسى تەرىپىدىن شى جىنپىڭگە سىموۋل قىلىنىپ، ئىشلىتىلگەنلىكتىن خىتايدا چەكلەنگەن بىر كارتون ئوبرازى ئىدى. راندىي ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇ يەردىلىكىنى سورىغاندا ئېيىقنىڭ سەپدىشى راندىيغا «بەزى خىتاي تورداشلار ئۇنى شى جىنپىڭگە ئوخشىتىپتىكەن، شۇڭا بىز خىتايدا قانۇنسىز بولۇپ قالدۇق،» دەيدۇ.

كېيىن راندىي سوتقا چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا جازا مۇددىتى توشقان بىر خىتاي تۇتقۇن «مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى چىقمايمەن» دەپ شۇنچە يالۋۇرسىمۇ، سوتچى ئۇنى يەنە ئون يىل قوشۇپ جازالاشنى ھۆكۈم قىلىدۇ.

ئارقىدىن راندىي مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. راندىي سوت مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكىلەرنى دەيدۇ: «ھۆرمەتلىك سوتچى، مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر دېھقان ۋە مەن بۇرۇن خىتايغا كېلىپ باقمىغان. ئەمما مەن ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەن سىلەردىن بەك ئۈمىدسىزلەندىم. سىلەر ئۆز خەلقىڭلارغا ئۇلار خۇددى بىر ئەخلەتتەك مۇئامىلە قىلىدىكەنسىلەر. سىلەر كىشىلىك ئەركىنلىك دېگەنگە ئىشەنمەيدىكەنسىلەر، سىلەر ھەتتا ئېيىق ۋىننىنىمۇ قاماپ قويۇپسىلەر. سىلەرگە شۇنى دەپ قوياي، بىر دۆلەتتە ھەققانىيلىق ۋە ئادىللىق بولمايدىكەن، ئۇ دۆلەت ھېچنېمىگە باراۋەر ئەمەس.»

مەزكۇر كارتون فىلىم يازغۇچىلىرى ئامېرىكالىق تىجارەتچىلەرنىڭ ئاخىرى بېرىپ پۇل تېپىش بەدىلىگە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمۇشنى تاللاش ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا يانتاياق بولۇشتەك بىر ۋەزىيەتنىمۇ يورۇتۇپ بەرگەن. چۈنكى فىلىمنىڭ داۋامىدا راندىي ئاخىرى خىتايدا كەندىر ساتىدىغان، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋاتقان ئېيىقچاقنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا ياردەم قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇ بىر كۈنى تۈرمىدىن چىققان ۋىننى ئېيىقچاقنى بوغۇپ ئۆلتۇرىدۇ-دە، ئاخىرى خىتايدىكى سودىسى يۈرۈشۈپ، پۇلغا كۆمۈلىدۇ.

مەزكۇر كارتون فىلىمدىكى ئىككىنچى ۋەقەلىك بولسا راندىينىڭ ئوغلى سىتاننىڭ مۇزىكا گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شۆھرەت قازىنىش ئارزۇسى ئىدى. كارتون فىلىم بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا فىلىم ساھەسى بولغان ھوللىۋۇدنىڭ خىتاينىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا قالغانلىقىدەك بىر ۋەزىيەتنى يورۇتقان. مەسىلەن، ستاننىڭ مۇزىكا گۇرۇپپىسى بىر كۈنى مەلۇم بىر فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ كىشى گۇرۇپپىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە ئالدى بىلەن ئۇلارنى تونۇشتۇرىدىغان فىلىم ئىشلەش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ مۇزىكا گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن بۇ گۇرۇپپىنىڭ قاچان ۋە نېمە مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقىدەك سوئاللارنى سورايدۇ. ئارىدىن بىرى، ئۆزىنىڭ داڭلىق ناخشىچى جون لېنىننىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىدىكى ۋىدىيولىرىدىن تەسىرلىنىپ مۇزىكىغا باشلىغانلىقىنى ئېيتسا، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ۋىننى ئېيقچاقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن فىلىم ئىشلىگۈچى دەرھال ئۇلارغا «دالاي لامانى ۋە ئېيىقچاقنى تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا خىتايلارنىڭ نارازى بولىدىغانلىقى» نى ئېيتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ. فىلىم ئىشلىگۈچى چۈشەندۈرۈپ، «خىتاي كۆرگۈچىلەر بولماي تۇرۇپ، پۇل تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايلارنى خاپا قىلىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر سەن خىتاينىڭ پۇراقلىق چېيىنى ئىچمەكچى بولساڭ، ئەركىنلىك ئۆلچىمىڭنى تۆۋەنلىتىشىڭ كېرەك» دەيدۇ.

چەكلىمىلەر بۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ قالمايدۇ. فىلىم ئىشلىگۈچى يەنە ئۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئورگان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئورگان ياكى ئىچكى ئەزا دېگەن سۆزنى تىلغا ئالماسلىقى، ئوخشاش جىنسلىقلار مەسىلىسى دېگەنلەرنىمۇ تىلغا ئالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاخىرى خىتاي ساقچىلىرى ئۆزى كېلىپ سىتان يازغان تونۇشتۇرۇشنى تۈزىتىشكە، ئۆزىگە ياقمىغان قىسىملىرىنى ئۆچۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان سىتان ئاخىرى بېرىپ، شۆھرەت قازىنىش ئارزۇسىدىنمۇ ۋاز كېچىدۇ ۋە «مەن پۇل تېپىش بەدىلىگە روھۇمنى سىلەرگە ساتالمايمەن. مەن ئۇ ئېتىزلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما بۇنى دەپ مەن دۆلىتىمنىڭ سەنئىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىدىغان بىر دۇنيادا ياشاشنى خالىمايمەن. . . مەن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ھەرقانداق بىر كىشى پۇل بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئىدىيەلىرىدىن ۋاز كېچىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ بىر تۈكۈرۈكچىلىكمۇ قىممىتى يوق» دەيدۇ.

يۇقىرىقى بۇ فىلىم ئاخىرى سىتاننىڭ دادىسى راندىينىڭ خىتايغا ماسلىشىپ، ۋىننى ئېيىقچاقنى ئۆلتۈرۈش بەدىلىگە باي بولغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە بىر مۇزىكا ئىشلىمەكچى بولۇشى ۋە خىتايدا كەندىرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىدەك بىر مەنزىرە بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

مەزكۇر كارتون فىلىمى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بولۇپمۇ لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۈگۈن «ھوللىۋۇد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «جەنۇبىي باغچە» نىڭ 2-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى قىسمىدا خىتاي ۋە ئۇنىڭ كونتورولىدا قالغان ھوللىۋود قاتتىق تەنقىدلەنگەنلىكتىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كارتون فىلىمنى خىتايدا چەكلىگەن. ئۇنىڭ پۈتۈن قىسىملىرى ۋە ھەتتا ئۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرمۇ خىتايدىكى تورلاردىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەن ئىكەن.

بۈگۈن يەنە مەزكۇر كارتون فىلىمنى ئىشلىگۈچىلىرى ترېي پاركېر ۋە مەت ستون ئىككىسى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ چەكلىمىسىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار باياناتىدا « بىزمۇ خۇددى NBA گە ئوخشاشلا خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىنى قارشى ئالىمىز ۋە ئۇنى ئۆيلىرىمىزگە، يۈرىكىمىزگە ئورنىتىمىز. بىزمۇ پۇلنى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەدىن بەكرەك ياخشى كۆرىمىز. شى جىنپىڭ ھەرگىزمۇ ۋىننى ئېيقچاققا ئوخشىمايدۇ. ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى سائەت ئوندا قويۇلىدىغان 300 - قىسىمنى كۆرۈڭلار. ئۇلۇغ خىتاي كومپارتىيەسى ئۇزۇن ياشىغايلا! كۈز پەسىلى مول ھوسۇللۇق بولغۇسى! ئەمدى بولدىمۇ،  بىز يارىشىپ  قالدۇقمۇ، خىتاي؟» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت