قازاقىستان: بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى مەسچىتلەردە ئۆتەشكە رۇخسەت قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-05-13
Share
قازاقىستان: بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى مەسچىتلەردە ئۆتەشكە رۇخسەت قىلىندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇماقتا_2019- يىلى
Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلنىڭ مارت ئېيىدا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تارىلىشى سەۋەبىدىن بارلىق مەملىكەتلەردە دېگۈدەك بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلگەنىدى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىمۇ يۇقۇملانغانلار سانى كۆپىيىپ، دەسلەپتە پەۋقۇلئاددە ھالەت، ئاندىن كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنغانىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاننىڭ بارلىق يېزا ۋە شەھەرلىرىدە ئاھالە كۆپ توپلىنىدىغان جايلارغا، شۇ جۈملىدىن مەسچىتلەرگە يىغىلىش مەنىي قىلىنغانلىقتىن مۇسۇلمان ئەھلى روزا ھېيتىنى ئادەتتىكىدەك مەسچىتلەردە ئەمەس، بەلكى ئۆيلىرىدە كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلى قازاقىستاندا ۋابا كېسىلى يەنە ئەۋج ئېلىپ، قازاقىستاننىڭ بارلىق رايونلىرىدا بىخەتەرلىك چارىلىرى كۈچەيتىلگەنىكەن. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىمۇ ئۈستۈن بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە سالامەتلىكنى ساقلاش ئورگانلىرى ۋەزىيەتنى قاتتىق كۆزىتىشكە كىرىشكەنىدى.

شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يىلى روزا-رامزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزدى ھەم ھېيت نامىزىنى قانداق ئۆتىدى؟ 

ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ۋايناخ» مەسچىتىنىڭ ئۇستازى نۇرمۇھەممەت ئىمىنوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ تارقىلىش خەۋپى بويىچە قازاقىستاندىكى شەھەر ۋە ئوبلاستلار تۆۋەن، يەنى «يېشىل»، ئوتتۇرا، يەنى «سېرىق» ۋە يۇقىرى، يەنى «قىزىل» دەرىجىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە خاس بىخەتەرلىك قائىدىلىرى مەۋجۇ ئىكەن. تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاھالە پونكىتلىرىدا روزا-رامزان ئېيىدا مەسچىتلەرگە بېرىپ، پائالىيەت يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ بەزى بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلىغان ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالمۇتادا بۇلتۇردىن تارتىپ مەسچىتلەر بىر ۋاقتىدا ئېچىلاتتى، بىر ۋاقتىدا يېپىلاتتى. ئوچۇق بولغان چېغىدا جامائەت ناماز ئوقۇيالمىغان. بىراق بۇ يىلى مەسچىتلەر ئېچىلىپ، رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى جۈمە قالغاندا جۈمە نامازغا رۇخسەت قىلدى. بىراق مەسچىت ئىچىدە ئەمەس، قورۇدا ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. بىز ئىپارلارنى مەسچىتتە ئۆتكۈزمىسەكمۇ، تەييارلاپ، تارقاتتۇق.»

نۇرمۇھەممەت ئىمىنوف ئەڭ خەتەرلىك دەرىجىدىكى ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەسچىتلەردە  13-مايدا روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلغانلىقى سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بىر-ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا پۈتكۈل قازاقىستان بويىچە ھېيت نامىزى مەسچىتلەردە ئوقۇلىدۇ دەپ ئېلان قىلغان. بىراق ئالمۇتادا تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ مەسچىتتە ئىماملار يىغىلىپ، ناماز ۋاقتى بېكىتىلگەندىن كېيىن جامائەتكە ئېلان قىلىندى. بۈگۈن ھېيت نامىزى مەسچىتلەردە ئوقۇلدى. ئوقۇلغاندا مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئەمەس، قورۇدا ئوقۇلدى. رۇخسەت قىلىنغان بىلەن ئۇنىڭ ئۆز تەلەپلىرى بولدى.»

نۇرمۇھەممەت ئىمىنوف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل مۇسۇلمان ئەھلىنى روزا ھېيت بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، تىنچلىق، خاتىرجەملىك تىلىدى. 

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى قارار چىقىرىپ، مەسچىتلەردە روزا ھېيت نامىزىنى مۇنداق تەلەپلەرنى قەتئىي ساقلىغان ھالدا ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن: ماسكا تاقاش، ئۆز ئۆيلىرىدە تەرەت ئېلىش، نامازدىن كېيىن قول ئېلىشماسلىق، نامازدىن كېيىن دەررۇ مەسچىت ئەتراپىدىن كېتىش، ياش ئۆسمۈرلەرنى كوللېكتىپلىق نامازغا ئېلىپ كەلمەسلىك ۋە باشقىلار.    

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئادىلجان ھاپىزوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر كارانتىنلىق چارە-تەدبىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر چاغ. بۇ يىلى كارانتىن چارىلىرى يۇمشىتىلىپ، مەسچىتنىڭ ھويلىسىدا بەزى تېببىي-تازىلىق تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىش شەرتى بىلەن رۇخسەت بېرىلدى. بىز بۇنىڭغا خۇشال. مۇشۇنداق بولسىمۇ، مەسچىتلىرىمىز ئېچىلىپ قالدى. چەكلىمىلەر بولسىمۇ، نامىزىمىزنى ئۆتكۈزۈۋالدۇق. رامزانمۇ ياخشى ئۆتتى. بەزى چەكلىمىلەر بولدى، ئەلۋەتتە. بەزى بوشلۇقلارمۇ بولدى، ئۇ بوشلۇقلارنى قارىملار تولدۇرۇشقا تىرىشتى.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەملىكەتنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئورۇنلاشقانىكەن. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، بارلىق شەھەر ۋە يېزىلاردا مەسچىتلەر سېلىنىپ، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىغا ئەركىنلىك بېرىلگەنىدى. باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتماقتا. 

 

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت