«مول مەزمۇنلۇق كەچلىك پائالىيەت» كە يوشۇرۇنغان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى
2024.04.09
خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق بىر قاتار كۆرسەتمىلىرى ئىچىدىكى مائارىپ ئارقىلىق ياردەم قىلىش ھەرىكىتى داۋاملىق ھالدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. نۆۋەتتە، پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئومۇملىشىۋاتقان خىتاي قەھرىمانلىرىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشتەك پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرىگە «روھىي ئوزۇق» بېغىشلايدىغان «مول مەزمۇنلۇق» كەچلىك تاماق مۇھىتى بەرپا قىلىش دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پەيزىۋات ناھىيەسى 4-ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىككى ھەپتىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان كەچلىك تاماق ئۈستىلىدە، خىتاي قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان خىتاي مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنى ئاتا-ئانىلىرىغا سۆزلەپ بېرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن «روھىي ئوزۇق» بېغىشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قەدەممۇ-قەدەم كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئاتالمىش «مول مەزمۇنلۇق» كەچلىك تاماق مۇھىتى بەرپا قىلىش پائالىيىتى دىققەت قوزغىماقتا.
گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە زورلۇق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ۋە ئۇنىڭ سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ۋە «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسەتلىرى ئىچىدە مائارىپ ئارقىلىق ياردەم قىلىشنىڭ ئەڭ قەبىھ بىر پىلان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان زومىگەرلىك، قەبىھ سىياسەتلىرىنى ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئاتا-ئانا ۋە بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىگىچە ئارىلىشىشىنىڭ ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ نەقەدەر ئەسەبىيلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دا ئېيتىلىشىچە، ئائىلىلەردە ئېلىپ بېرىلغان بۇ «مول مەزمۇنلۇق كەچلىك تاماق پائالىيىتى» نىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئازايتىپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ھالدا جۇڭخۇا تىلى ئورتاق مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتەك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقى داۋراڭ سېلىنغان. خەۋەردە، «ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۈستەل ھېكايىسى» نىڭ يەنە، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ» لۇق رول ئوينىغانلىقى ماختالغان. شۇنداقلا، بۇ «مول مەزمۇنلۇق كەچلىك پائالىيەت» نىڭ داۋاملىق تۈردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ھازىر ئۇيغۇر مائارىپى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆز تىلىدىكى مائارىپى چەكلىنىپ، پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدىكى مائارىپ مەجبۇرىي يولغا قويۇلغانىدى.
مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «مائارىپ ئارقىلىق ياردەم قىلىش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پائالىيىتى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى نورمال ۋە تەبىئىي يوسۇندا داۋاملىشىۋاتقان ھېسسىيات ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشتەك ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان شائىرە راھىلە كامال خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قارا قولىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇزاتماقتا.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ھاشىم، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆرپ-ئادەت ۋە تىل-مەدەنىيەتلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كىملىك قارىشىدا خىتايلار بىلەن ھېچ پەرقسىز بولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش ئىكەن.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشلاپ خىتايچىلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى داۋاملىق پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، يېقىندىن بۇيان چەت ئەللىك تور تەشۋىقاتچىلىرىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان تەتۈر تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن جىددىي كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلمەكتە.