تۈركىيەدە تونۇلغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس، تونۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى، پېنسىيەگە چىققان پروفېسسور كەمال ئەرئاسلان ئەپەندى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتە ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.
تۈركىيەدە شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى، ئەلىشىر نەۋائىــي ۋە خوجا ئەخمەت يەسەۋى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور كەمال ئەرئاسلان ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى تۈركىيەدىكى تۈركولوگلارنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ماتەمگە چۆمدۈردى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەممە بىردەك كەمال ئەرئاسلاننىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى زور بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
پروفېسسور كەمال ئەرئاسلان ئەپەندىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى»، «تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى شېئىرلار»، «ئەلىشىر نەۋائىــي ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى »، «چاغاتاي ئەدەبىياتى» ۋە «قاراخانىلار تىلى» قاتارلىق كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى مەرھۇم كەمال ئەرئاسلان ئەپەندىنىڭ ئىلمىي ھاياتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، تۈركىي تىللار دىۋانى، چاغاتاي تىلى توغرىسىدا ئەڭ كۆپ كىتاب ۋە ماقالىسى ئېلان قىلغان ئالىملاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
92 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن پروفېسسور دوكتور كەمال ئەرئاسلان ئەپەندى ئۇزۇن يىل ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۈلتېتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي تىللىرىدا دەرس بەرگەندىن سىرت بىر مەزگىل كونيادىكى سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىمۇ ئۆتىگەن. ئۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس ئەخمەت جافەرئوغلۇ ۋە ۋېنگىرىيەلىك تۈركولوگ «چاغاتاي تىلى قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جانوس ئەككمانن، تونۇلغان تۈركولوگ رىشىت رەھمەتى ئارات قاتارلىق كىشىلەردىن دەرس ئالغان. ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، خاقانىيە تىلى، چاغاتاي تىلى ۋە ئەلىشىر نەۋائىــي توغرىسىدا دوكلاتلارنى بەرگەن. ئۇنىڭغا ئەلىشىر نەۋائىــي ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان 2001- يىلى شەرەپ مېدالى بەرگەن.
7-ئاينىڭ14- كۈنى ئىستانبۇلدىكى فاتىھ مەسچىتىدە مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا تەرەپتىكى چاملىجا مازارلىقىدا دەپىنە قىلىندى. مەرھۇمنىڭ دەپىنە مۇراسىمىغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئۇ يېتىشتۈرگەن تۈركولوگلار ۋە ئاۋام خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مەرھۇم كەمال ئەرئاسلان ئەپەندىنىڭ داڭلىق بىر تۈركولوگ، چاغاتاي تىلى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا تونۇلغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ھازىرغىچە كۆپ كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىپ نەشر قىلدۇرغانلىقىنى، بۇلاردىن سىرت كۆپ ساندا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىققا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىققا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ زور يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
كەمال ئەرئاسلان 1930-يىلى تۈركىيەنىڭ دىيارباقىر ۋىلايىتىدە تۈرك مىللىتىدىن بولغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1970-يىلىدىن 2000-يىلى پېنسىيەگە چىققۇچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مۇدىرلىق قىلغان. ئۇ، ھاياتىدا كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالە يازغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى»، «چاغاتاي ئەدەبىياتى» ۋە ئەلىشىر نەۋائىــي ھەققىدىكى كىتابلىرى
تۈركولوگىيە ئىلمى ساھەسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىزچىل قوللىنىش ۋە پايدىلىنىش مەنبەلىرى بولۇپ كەلمەكتە.