مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى قەدىمىي مەھەللىلەردىن بولغان بازاربويى كەنتىنىڭ نامى «قىزىلبايراق» قا، پەتىغىل كەنتىنىڭ نامى «بەخت» كەنتىگە ئۆزگەرتىلگەن. دائىرىلەر بۇ يىل 1 -ئايدىن باشلاپ ئۆزگەرتكەن بۇ يېڭى ناملارنى 3-ئايدا كوچىلارغا پانۇس ئېسىپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا» قۇرۇش نامىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش ھەرىكەت دولقۇنىدا زور بىر تۈركۈم مەھەللىلەرنىڭ مىللىي قىياپىتى ۋە ئۆي ئىمارەتلەرنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى ئۆزگەرتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر قىسىم مەھەللىلەرنىڭ قەدىمىي ناملىرى بەلگىلىك سىياسىي پۇراققا ئىگە يېڭى ناملارغا ئۆزگەرتىلگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى بازاربويى كەنتى «قىزىلبايراق» كەنتىگە ئۆزگەرتىلگەن.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئىلگىرى خىتايغا قارشى ۋەقە يۈز بەرگەن كەنتلەر نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ياۋا يېزىسىدىكى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمى مەزكۇر كەنت نامىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قىزىلبايراق» قا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ «قالايمىقان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەسلىك» ھەققىدە يۇقىرىدىن مەخسۇس قىزىلباشلىق ھۆججەت چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بازار بويى كەنتىنىڭ يەنە بىر نامى جۈمەبازار كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتتە ھازىرغا قەدەر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ئەمەس. ئەمما
رادىيومىزنىڭ خەۋەر ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2016-يىلى 28-دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى 4 نەپەر گۇماندار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ تۆتىدىن ئىككىسى دەل شۇ نامى «قىزىلبايراق» قا ئۆزگەرتىلگەن بازاربويى، يەنى جۈمەبازار كەنتىدىن ئىكەن. يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمى بازاربويى، يەنى جۈمەبازار كەنتىنىڭ نامىنىڭ «قىزىلبايراق» قا ئۆزگەرتىلىشىدە مەزكۇر ۋەقە ياكى ۋەقە ھۇجۇمچىلىرى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى كەسكىن پوزىتسىيەدە رەت قىلدى.
ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ياۋا يېزىسىنىڭ پەتىغىل كەنتىنىڭ نامىنىڭمۇ «بەخت» كەنتىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
رادىيو ئارخىپىمىزدىكى مەزكۇر خەۋەردە قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان گۇمانداردىن بىرىنىڭ پەتىغىل كەنتىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. ئالاقىدار كەنت كادىرى مەزكۇر كەنت نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشنىڭ مەزكۇر ۋەقە ياكى گۇماندار بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. مەزكۇر خادىم «پەتىغىل» دېگەن نامىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبىنى «بەلكىم بۇ نام چىرايلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر» دەپ ئىزاھلىدى.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دائىرىلەرنىڭ مەھەللە ناملىرىنى ئۆزگەرتىشنى بىر سىياسىي غەلىبە سۈپىتىدە تەنتەنە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. پەتىغىل كەنت كادىرى كونا نامنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە 3-ئايدا كوچىلارغا پانۇس ئېسىپ، يېڭى نامنى مەخسۇس مۇراسىم بىلەن تەبرىكلىگەنلىكىنى دەلىللىدى.
فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان يېزا-بازارلاردا كەنت سېكرېتارلىرىنىڭمۇ خىتايلاردىن تەيىنلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىدارە قىلىۋاتقان كەنتلەرنىڭ نامىنى تەلەپپۇز قىلالمايۋاتقانلىقى، شۇڭا نام ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نام ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىر تارىخىي ئىزنى ئۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
0:00 / 0:00