مەرىپەت يۇرتى ئاتۇشتا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن كەۋسەر ۋاھىت، 16 ياش ۋاقتىدىلا ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كەلگەن. 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ، دادىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، كەۋسەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. كەۋسەر باشقىلار ئارقىلىق دادىسىنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن، 6 يىلدىن بۇيان ئالاقىلىشىپ باقمىغان بىردىن-بىر ئامراق سىڭلىسىنىڭمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى، ئۇنى ئورنىدىن دەست تۇرغۇزغان.
ئامېرىكادىكى 26 ياشلىق ئۇيغۇر ئىنژېنېرى كەۋسەر ۋاھتنىڭ تىۋىتتېردا خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا تارقاتقان تۇتقۇندىكى سىڭلىسى توغرىلىق چىقارغان مۇراجىئىتى، ناھايىتى تېز تارقىلىۋاتقان بولۇپ، مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئۇنىڭ ۋىدىيولۇق مۇراجىئىتىدە بىلدۈرۈشىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىياڭچيۇ سانائەت ئىنىستىتوتىنىڭ يەسلى مائارىپى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن سىڭلىسى كامىلە ۋاھىت، بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان. ئەمما شۇ مەزگىلدە كامىلە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنچە ھىزىرغىچە خەۋىرى بولمىغان. ئۇ ۋىدېيولۇق مۇراجىئىتىدە، خىتايلار چاغان بايرىمىنى ئائىلىسى بويىچە قۇتلۇقلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى پارچىلىنىپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، سىڭلىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلتۇر 12-دېكابىر تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىگۇناھ سىڭلىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى، سىڭلىسىنىڭ ئامانلىقىدىن ئۆزىنى خەۋەردار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېفون زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلغان كەۋسەر ۋاھىت، سىڭلىسى كامىلەنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قامالغا قارشى نامايىش توغرىلىق بىر ۋېدىيونى ئۇندىدار سۇپىسىدا ھەمبەرھرلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇرۇمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئولتۇراق بىنادا 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتى، خىتاينىڭ يۇقۇم باھانىسىدىكى قامالى 100 كۈندىن ئاشقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئوت ئاپىتىنى دەرھال تىزگىنلەش تامامەن مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئوت ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلمىگەن، كىشىلەر ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقىمۇ ئامالسىز قالغانىدى. بۇ پاجىئەدىن كېيىن، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى كەم دېگەندە ئون ئادەم قازا قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان بولسىمۇ، ئەمەليەتتە ئوتتا كۈيۈپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 40 تىن ئاشىدىغانلىقىنى رادىيومىز نەق مايدانغا تېلېفون قىلىپ دەلىللىگەن ئىدى.
بۇ ئوت ئاپىتى خىتاي بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم قامالىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە نامايىشلارغا پىلتە بولغانىدى. بۇنىڭغا ئۇلىنىپلا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ياشلارنىڭ «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» قوزغالغان ئىدى. بۇ ۋەقە خىتايدىكى 4-ئىيۇن ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى نازرازىلىق ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى تېزلا خىتايدا يامراشقا باشلىغان بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا يۇقۇم قامالىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشقا قاتناشقان نامايىشچىلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە قاتناشقان نۇرغۇن نامايىشچىلارنىڭ غايىب بولغانلىقى ياكى قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا بۇ ھەرىكەتكە قاتناشمىغانلارنىڭمۇ بارلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
كەۋسەر دادىسىنىڭ 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە جازا لاگېرىغا قامىلىشىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا 14 ياشلىق سىڭلىسى ۋە ئىنىسىغا ئىنتايىن ئېغىر روھي زەربە بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان كەۋسەر دەسلەپ دادىسى تۇتۇلغان پەيتتە، ئائىلىسىگە تېخىمۇ ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىشىدىن قورقۇپ، ئاۋاز چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2019-يىلى يازدا جازا لاگېرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يىغىش تۈرىگە قاتناشقان. بىر ئايدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزگەنىكەن.

كەۋسەر يېقىندا يەنە تىۋىتتېردا تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىش، غايىب بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن داۋاملىق يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ قىرغىزىستاندىن يۇرتقا قايتقاندا تۇتۇلۇپ لاگېرغا قامالغانلىقىنى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان نەۋرە ئىنىسى زۇلپىقار قۇدرەتنىڭ 2022-يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتىپ كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىمۇ گۇۋاھلىق بېرىپ ۋېدىيو تارقاتقان ئىكەن.
سىڭلىسىنىڭ خەۋىرىنى ئاللالماي پەرىشان بولغان كەۋسەر، ئاتۇشتىكى ساقچىلارغا، مەھەللە كومىتىتلىرىغا توختىماي تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. «سىڭلىم قويۇپ بېرىلمىگۈچە، ھېچقاچان بۇ يولدىن توختىمايمەن، مېنىڭ ئورنۇمدا سىڭلىم بولۇپ قالغان بولسا ئۇمۇ مەن ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولاتتى» دەيدۇ كەۋسەر.
كەۋسەر ئۆزىنىڭ ئەندىشە ۋە قورقۇنۇچلىرىنى يېڭىپ، خىتاينىڭ ئائىلىسىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاشكارلاشقا؛ سىڭلىسى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق رىشتىسى، ۋەتىنى ۋە خەلقىگە بولغان مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يېڭىلا ئاتا بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان «ئەمدى ئەۋلاتلىرىمىز بىز كۆرگەن بۇ زۇلۇملارنى كۆرمەسلىكى كېرەك» دىگەن مەسئۇلىيەت كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.