سانجىدىكى كۆپ كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش كىرىستاللىق كرىمېينىڭ دۇنيا بازىرىدىكى باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن

0:00 / 0:00

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سانجى ئوبلاستىدىكى بىر كۆپ كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي توختىغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە شىخەنزەدىكى بىر كۆپ كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتىدا گاز چىقىپ كېتىپ، بۇ زاۋۇتمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان. سانجى ۋە شىخەنزىلەردىكى بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختىشى دۇنيا كىرىستاللىق كرىمېي ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى بازىرىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، كىرىستاللىق كرىمېينىڭ دۇنيا بازىرىدىكى باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، پارتلاش ۋەقەسى دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىرىنىڭ خىتايغا قانچىلىك دەرىجىدە يۆلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ رايوندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشنىڭ قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىدىكى سەۋەبلەرنىمۇ يورۇتۇپ بەرگەن. گېرمانىيەدىكى «بېرنرۈيتېر تەتقىقات ئورنى» ناملىق كۆپ كىرىستاللىق كرىمېي بازار ئانالىزى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوھاننېس بېرنرۈيتېر 12-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشىنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى.

جوھاننېس بېرنرۈيتېر مۇنداق دەيدۇ: «GCL شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى زاۋۇتىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار. بۇ شىركەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار بىرەيلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇنى رېئاللىققا ئۇيغۇن، دەپ قارىمايمەن. بەزىلەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تولۇق ئەسلىگە كېلىشىگە 9 ئاي كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دېمەك، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن بىر قانچە ئاي كېتىدىغانلىقى ئېنىق.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئازىيىشىدا پارتلاش ۋەقەسىدىن باشقا يەنە بەزى ئامىللار ۋاسىتىلىك رول ئوينىماقتا ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى، ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىشى ۋە رايوندا ئەۋج ئالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ۋاسىتىلىك رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.

جوھاننېس بېرنرۈيتەر مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، ئېمبارگونىڭ تەسىرى بار. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت قوغداش ئىدارىسى شىنجاڭدىكى كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتلىرىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇ دېگەنلىك ھازىر شىنجاڭدىكى كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى تەخمىنەن 50% ئازايدى، دېگەنلىكتۇر… 3-خىل ئامىل رايوندىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى. يۇقۇم ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئاقساتقان. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىكى خېرىدارلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.»

ئەنگلىيە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 12-ئاۋغۇست بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە شىخەنزە ۋە سانجىدىكى زاۋۇتلاردا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن كىرىستاللىق كرىمېينىڭ دۇنيا بازىرىدىكى باھاسىنىڭ 50% دەك ئارتقانلىقى، پارتلاش ۋەقەسىدىن بۇرۇن ھەر بىر كىلوگرام كىرىستاللىق كرىمېينىڭ باھاسى 6.83 دوللار بولۇپ، ھازىر 10.68 دوللارغا چىققانلىقى، باھانىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ نۇرغۇن ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى مونوپول قىلىۋېلىشى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىدەك زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈش كۈچىنى ئاجىزلاتماقتا ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا بەزى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادىكى «مەبلەغ سالغۇچىلار كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى» ئەنە شۇنداق سودا مەسلىھەت ئورگانلىرىنىڭ بىرى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن پروگرامما دىرېكتورى ئانىتا دورېت 12-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەبلەغ سالغۇچىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەردە مەبلىغى بولسا، بۇ رايوندىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تېخنىكىلىق ئەسۋابلار بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمىز. قىسقىسى، بىز مەبلەغ سالغۇچىلىرىمىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈپ كېلىۋاتىمىز.»

مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خەۋپى توغرىسىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەمىلى قوللانمىسى» نى ئېلان قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي-ئېتىقادىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئانىتا دورېت مەزكۇر قوللانمىنى تۈزگەن شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قوللانمىدا مەبلەغ سالغۇچىلارغا مەبلەغ سالغان شىركەتنىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتىنى قانداق تەقىب قىلىش ھەققىدە تەۋسىيىلەر بېرىلگەن.

ئانىتا دورېت مۇنداق دېدى: «پايچىكلار مەبلەغ سالغان شىركەت بىلەن دىيالوگ قۇرۇپ، ئۇنىڭ رايوندىكى بۇ زىيانكەشلىكنىڭ داۋاملىشىشىنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدا ئەگەر شىركەت بۇ زىيانكەشلىكنى توختىتىش يولىدا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلمىغان بولسا، يەنى زىيانكەشلىكنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىغان بولسا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ شىركەتكە مەبلەغ سېلىشنى توختىتىشى تەۋسىيە قىلىندى.»

بىز 13-ئاۋغۇست سانجى ۋە شىخەنزەدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ، تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. سانجىدىكى زاۋۇتنىڭ رايوندىكى باش شىركىتى- «شىنجاڭ شيېجىن يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ بىر مەسئۇل خادىمى «سەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ بۇ ئىشلارغا مەن مەسئۇل ئەمەس،» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

كۆپ كىرىستاللىق كرىمېي قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى. خىتاي دۇنيانى پولىكرىمېي مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاساسلىق دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئاساسلىق قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچىدۇر. گېرمانىيەلىك ئانالىزچى جوھاننېس بەرنرۈيتېرنىڭ تەكىتلىشىچە، 2019-يىلى دۇنيا بازىرىدىكى كىرىستاللىق كرىمېي مەھسۇلاتىنىڭ 67 پىرسەنتى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن. ئۇ قۇياش ئېنېرگىيە ۋافېرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى، دۇنيادىكى قۇياش ئېنېرگىيە ۋافېرىنىڭ 90% نى خىتاي ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ: «بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھۆكۈمەت بۇ شىركەتلەرنى ھەقسىز يەر، تۆۋەن باھالىق ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك ھۆكۈمەت قەرز پۇلى دېگەندەك قوشۇمچە ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمگەك ھەققى ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئەرزان،» دەپ كۆرسەتتى. سانجىدىكى كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلۈم-يىتىم يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكى، ۋەقەنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

يەرلىك تاراتقۇلارا سانجى ۋە شىخەنزەدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، سانجى بىلەن شىخەنزەدىكى يۇقىرىقى ئىككى كىرىستاللىق كرىمېي زاۋۇتى باش شتابى خوڭكوڭدىكى GCL پولىكرىمېي ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بىلەن شاڭخەيدىكى داقۇەن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە تەۋە ئىكەن.