«كىروران خارابىسى» ۋە خىتاينىڭ ئارخېئولوگىيە تونىغا ئورالغان سىياسىي قارا نىيىتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.04.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
«كىروران خارابىسى» ۋە خىتاينىڭ ئارخېئولوگىيە تونىغا ئورالغان سىياسىي قارا نىيىتى تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە قۇرۇغان جەسەت. 2003-يىلى 16-يانۋار، بېيجىڭ.
REUTERS

6-ئاپرىل كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «يوقالغان سىرلىق قەدىمىي دۆلەت: دۇنيا جوڭگونىڭ ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سېلىشى كېرەك» سەرلەۋھەلىك خەۋەر ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە 1980-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي ئارخېئولوگلىرىدىن مۇ شۇنيىڭ قاتارلىقلارنىڭ كىچىك مىرەن ۋادىسىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇن دەپنە قىلىنغان بىر ئايالنىڭ مۇكەممەل ساقلانغان جەسىتىنى تاپقانلىقى، بۇ جەسەتكە «كروران گۈزىلى» دەپ بېرىلگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق تېپىلمىلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ئارخېئولوگلىرى لوپنور ۋادىسىدىن قازغان تۇنجى ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇندىن 100 يىل ئىلگىرى سېۋىن ھېدىن ۋە ستەيىن قاتارلىق ياۋروپا ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى مەزكۇر خارابىلىقتا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىق قېزىش ئېلىپ بارغان. ئۇلار لوپنۇردىكى بۇ خارابىلىقتىن قېزىپ ئېلىپ كەتكەن ۋەسىقىلەر ئىچىدە 150 تىن ئارتۇق خىتايچە ۋەسىقە مەۋجۇت. ئۇلاردا ‹لولان› دېگەن خىتايچە خەت 17 جايدا ئۇچرايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزىلا ‹تارىخنامە» دېگەن ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان، ئەمما كېيىنچە غايىب بولغان قەدىمىي شەھەر ‹كروران› نى ئىسپاتلايدۇ.»

خەۋەردە يەنە 1979-1980-يىللاردا لوپنۇردا قېزىش ئېلىپ بارغان خىتاي ئارخېئولوگلىرىدىن مۇ شۇنيىڭ، خۇ سەن قاتارلىقلارنىڭ ئاتالمىش تۆھپىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ: «بۇ قۇملۇقتىكى ئارخېئولوگىيەلىك چوڭ بايقاش ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە تارىخىدا كروران خارابىلىقىنى قېزىشتا خىتاي تەتقىقتچىلىرى بولماسلىقتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. شۇنداقلا ئىلىم ساھەسىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىدىكى قەدىمكى ئىزلار ھەققىدىكى بەزى قاراشلارنى تۈزەتتى،» دېيىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر خەۋەرنى تولۇق ئوقۇپ چىققانلىقىنى، ئەمما سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان بۇ يازمىنىڭ ئىلمىي قىممىتى تۆۋەن، پاكىتلىرى يېتەرسىز، روشەن سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان بىر خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېۋىن ھېدىن، ئاۋرېل ستەيىن قاتارلىق چەت ئەل ئارخېئولوگلىرى بۇنىڭدىن يۈز يىللار بۇرۇن دۇنياغا ئېلان قىلغان ۋە خۇلاسە چىقىرىپ بولغان «كىروران خارابىسى» نى قايتا ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى، «كىروران خارابىسى» تەتقىقاتىدا ئاتالمىش «خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭمۇ تەتقىقات نەتىجىسى بار» دەپ داۋراڭ سالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر خارابىلىقتىن قېزىۋېلىنغان خىتايچە يازما ۋەسىقىلەردە «لولان» (楼兰) دېگەن خىتايچە خەتلەرنىڭ بارلىقىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۇركىستاننى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتەنى يەنە بازارغا سېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى يەنە مەزكۇر خەۋەردە سېۋىن ھېدىن، ئاۋرىل ستەيىن قاتارلىق دۇنياغا تونۇلغان ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ «بۇزغۇنچلىق»، «بۇلاڭچىلىق» ۋە «ئوغرىلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، خىتاينىڭ 1979-ۋە 1980-يىللاردا تارىم ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە پەقەت مۇ شۇنيىڭ، خۇ سەن قاتارلىق ئاتالمىش خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭلا ئىسمىنى تىلغا ئالغانلىقى، شۇ يىللاردىكى قېزىشتا زور تۆھپە ياراتقان ئۇيغۇر ئارخىئوگلىرىنىڭ نامىنى قەستەن تىلغا ئالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىمگە قىلغان نومۇسسىزلىقى» دەپ كۆرسەتتى.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى سېۋىن ھېدىن ۋە ستەيىن قاتارلىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنى كروران خارابىلىقىغا باشلاپ بارغان يەرلىك ئۇيغۇر يولباشچىلار ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يولباشچىلاردىن بىرى لوپنۇرنىڭ چارا دىگەن يېرىدىكى «ئۇتۇق» ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، سىۋىن ھېدىن، ستەيىن قاتارلىقلارنىڭ كرورەن شەھەر خارابىسى ھەققىدىكى كىتابلىرىدا ئۇنىڭ ئىسمى «Uduk» دەپ خاتىرىلەنگەن. كېيىن كۆپ قېتىملىق تەرجىمە جەريانىدا بۇ ئىسىم «ئۆدەك»، ھەتتا «ئۆردەك» دېگەندەك ناملارغا ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆتكەن يۈز 100 يىلدىن بۇيان، لوپنۇرغا ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرىنى باشلاپ، قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوپنۇرغا ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى باشلاپ كىرىپ، قېدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلار ئىچىدە شىۋىتسىيەلىك سۋېن ھېدىن 1900-1901-يىلى ۋە 1928-1935 يىللىرى؛ ئەنگىلىيەلىك ئاۋرېل ستەيىن 1908-1909-يىلى ۋە 1910-1911-يىللىرى؛ ئامېرىكالىق خانتىڭتون 1905-1906-يىللىرى؛ ياپۇنىيەلىك تاچىبانا ۋە نومۇرالار 1906-1907-يىللىرى ۋە 1914-يىلى؛ شىۋېتسىيەلىك بېرگمان 1928-يىلى؛ خىتاي خۇاڭ ۋېنبى 1930-يىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىكەن.

دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلاردىن باشقا يەنە 1979-1981-يىللىرى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىم ئويمانلىقىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان. ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان مەزكۇر خەۋەردە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمەلىيەتتە ئەينى يىلللىرى ئابدۇقېيۇم خوجا ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل، قۇربان ۋەلى، دولقۇن قەمبىرى، ئىسراپىل يۈسۈپ قاتارلىق بىر ئەۋلات ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىمۇ لوپنۇردا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىللاردىكى ئارخېئولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئىسمىنى ھىچقاچان تىلغا ئالمىغان ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان «يوقالغان سىرلىق قەدىمىي دۆلەت: دۇنيا جوڭگونىڭ ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سېلىشى كېرەك» سەرلەۋھەلىك خەۋەر چەت ئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئادۋوكات تېڭ بياۋ ئەپەنى، بۇ خىلدىكى خەۋەر-ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق «شىنجاڭ ئەزەلدىن جوڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن تەشۋىقاتىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونتروللۇقى ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى بىر خىل ۋاستىسى دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن جوڭگونىڭ بىر قىسمى› دېگەننى ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىپ كەلدى. تىبەت ۋە تەيۋەن ھەققىدىمۇ شۇنداق تەشۋىقاتى بار. ئەمما بۇ تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەپسەتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يالغان تارىخنى ئۇيدۇرۇپ چىقىدۇ، ھەتتا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ھەققىدىكى يەكۈنلەرنىمۇ بۇرمىلاشقا ئۇرۇنىدۇ.»

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي شىنجاڭنىڭ تارىخىنىڭ ئۇ ئۆزى دېگەندەك ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، ئېتنىك تەركىبى، مىللىي مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسى بەلگىلەپ بەرگەندەك ۋە ئارزۇ قىلغاندەك ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېلان قىلغان ئارخېئولوگىيەلىك دوكلات، تەتقىقات دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ سىياسى مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىتايدا ئەسلىدىنلا مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقات بولغان ئەمەس، بولۇپمۇ بەزى سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى سىياسىيغا بويسۇنىدۇ.»

تېڭ بىياۋ يەنە خىتاينىڭ تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتلەرنى بۇرمىلاپ، ھە دېسىلا «شىنجاڭ ئەزەلدىن جوڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتەنى بازارغا سېلىشقا ئاران تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تېڭ بياۋ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن نامنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، خىتاي جۇمھۇرىيىتى (جۇڭخۇا مىنگو) دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى خىتاي مىللەتچىسى لياڭ چىچاۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى خىتايدىن باشقا مىللەتلەر ئېرىتىپ تۈگىتىپ، تەك مىللەتلىك خىتاي بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرال سۈپىتىدە پايدىلانماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.