ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنى پەۋقۇلئاددە سىياسەتلەر بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.02.19
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنى پەۋقۇلئاددە سىياسەتلەر بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بەشبۇرجەكلىك بىنا زىيارىتى جەريانىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 10-فېۋرال.
REUTERS

ئامېرىكادا جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تاشقىي مۇناسىۋەتلەردە قانداق بىر سىياسەت تۇتۇدىغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت قىممەت قاراشلارنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ، دۇنيا ئېقىمىغا خىلاپ ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق خاۋاتىرلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە شەخسلەر بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

مۇشۇ سەۋەبلىك ئامېرىكانى مەركەز قىلغان جەمئىي 24 كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بىرلىكتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن قاتارلىقلارغا ئورتاق ئىمزالىق مەكتۇب يوللاپ، ئۇلاردىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولىدىغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىمزا قويغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئورتاق باياناتتا جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىگە بىر قىسىم مۇھىم كونكىرېت تەلەپلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەشكىلاتلار بىرلىكى يوللىغان ئورتاق ئىمزالىق مەكتۇبتا مۇنۇلار دىيىلگەن: «بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان 24 تەشكىلات ۋە شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھۆكۈمىتىڭىزنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىمىز. . . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمى ئىنتايىن زور بولۇپ، بۇ مەسىلىدە پەۋقۇلئاددە بۇرۇلۇش تەلەپ قىلىمىز. ئىلگىرى قوللىنىلغان نۇرغۇن تەدبىرلەر ئەمدى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گىرىۋ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئادەتتىكىدەك دېپلوماتىيە ئارقىلىق خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزسلىرىگە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسلىرى نورمال دېپلوماتىيە ئەمەس، پەۋقۇلئاددە سىياسەتلەر ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى سىياسەتلەر ۋە ئۇنىڭ خەلقئارالىق نورمىلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشى، ئامېرىكادىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قىممەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۈچلۈك ئىنكاس تەلەپ قىلىدۇ، دەپ قارايمەن.»

يۇقىرىقى بۇ 24 تەشكىلات ئورتاق ئىمزالىق مەكتۇبىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىللەش، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىر دېپلوماتىك مەسىلە دەپ قاراش، خىتاينىڭ تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، قاراتمىلىق جازا تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق 8 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا 2020-يىلى 6-ئايدا ب د ت دىكى 50 كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ خىتايغا قارىتا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش چاقىرىقىنى دەرھال قوللىشى كېرەك، بۇلار كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىنى چاقىرىش ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە دوكلات قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس دوكلاتچى تەيىنلەشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا يەنە دەرھال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش باشلاشنى قوللىشى كېرەك.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا باشلامچىلىق رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل قاناللار ئارقىلىق بۇ يېڭى ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۈمىدىمىز جوۋ بايدېن ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىللەپ، بۇ زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشىدۇر.»

يۇقىرىقى ئىمزالىق خەتتە تەشكىلاتلار يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىىسم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ «ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا سىستېمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ قالايمىقان قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك،» دېگەن بايانلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

24 تەشكىلاتنىڭ ئورتاق ئىمزالىقىدىكى بۇ مەكتۇب ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىندىن سىرت يەنە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان، دۆلەت بخەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى كۇرت كامپبېل، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە ئالىي دېرىكتورى لاۋرا روسېنبېرگېر، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ماسلاشتۇرغۇچىسى شانتى كالاتىل، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىكوت بازبىي قاتارلىقلارغا ئەۋەتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.