ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ئەپەندى 2018-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 13-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ئەپەندى 2018-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 13-مارت، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ 13‏-مارت كۈنى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىشى ئۇلارنىڭ دىنىي ھەم مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەرنىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بۇ ئورۇنلارغا قامىشىدىكى پىلانى يۇقىرىقى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 200 دەك دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئەڭ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن يىللىق دوكلاتىدۇر. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىككە قارشى زۆرۈرىيەت، دەپ تەكىتلىسىمۇ، ئەمما «خەلقئارا تاراتقۇلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سابىق تۇتقۇنلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بەزى تۇتقۇنلارنى خورلىغانلىقى، تەن جازاسى بەرگەنلىكى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە، 2018‏-يىلى مەزكۇر رايوندىكى يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ئىلمىي خادىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا غايىب بولغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنىپ، ساياھەت قىلىشى، ھەجگە بېرىشى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى ۋە غەرب ئەللىرىدە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇشى چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشى، نۇرغۇن بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بالىلارنى باشقا ئائىلىلەر بېقىۋېلىشنى خالىسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېتىمخانا، ياتاقلىق مەكتەپ ياكى پاراۋانلىق مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك شوئارى توۋلاشقا، خىتاي ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلىغان».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا باشقا دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 13‏-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2018‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن. مايك پومپېيو: «خىتايغا كەلسەك، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشتا ئۇ ئۆزىنىڭ قاتارىدىكى دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشتى. خىتاي 2017‏-يىلى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتۇن قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۈگۈنكى كۈندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ياتماقتا. شۇنداقلا ھۆكۈمەت يەنە خرىستىئانلار، تىبەتلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن پەرقلىق قاراشتىكى ھەرقانداق كىشىنى ياكى ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارى ۋە ياكى ئۇلارنى قوللىغان ھەرقانداق كىشىنى جازالاشنى كۈچەيتىپ كەلدى» دېگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەزى ئىمتىيازلارنى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە پىلانلىق تۇغۇت، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش، قەرز پۇل ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىپ كەلدى. لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىزچىل ناچار بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېتنىك ئاساستىكى چەكلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۈملىدىن بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن قاتنىشى، ساياھەت رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشىشى توسۇلۇپ، شىنجاڭدا قوراللىق قىسىملارنىڭ تەقىبلىشى ۋە نازارىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، قانۇن چىقىرىلىپ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ چەكلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.»

دوكلاتتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەزكۇر رايونغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى رايوندا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئارتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017‏-يىلى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ماقۇللاپ، ئەسەبىيلىككە كەڭ دائىرىلىك تەبىر بېرىشى رايوندا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مايكېل كوزاكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن كىشىلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتەك بۇنداق ئەھۋال 1930‏-يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىپ باقمىغان ئىكەن. مايكېل كوزاك بۇ سۆزنى 13‏-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مىنىستىر پومپېيو باياتىن تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، ئۇ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشتا ئۆزىنىڭ قاتارىدىكى دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشتى. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا مىليونلىغان كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش، ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئۇلارنى خورلاش، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش، DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشتەك بۇ ئەھۋاللار 1930‏-يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىپ باقمىغان ئىنتايىن قورقۇنچلۇق قىلمىشتۇر».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىشنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا شۆھرەت زاكىر، لاگېرلارنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دەپ تەرىپلەپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياج ئازايغانسېرى تەدرىجىي تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن مايكېل كوزاك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن ھەر خىل دەلىللەر ئۇنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆتكەن يىلدىن بېرى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كەڭ تارقىلىپ، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تېخىمۇ كەڭ دىققىتىنى قوزغاشقا تىرىشىپ كەلدۇق. مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، بۇ جەھەتتە بىز بەزى ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئەمدى بۇ لاگېر يوق، قانداقتۇر ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش لاگېرى بار، ئۇ يەردىكىلەر پۈتۈنلەي ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدۇ، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، ئۇنىڭ سۆزى بىز ۋە باشقىلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان دەلىللەرگە چۈشمەيدۇ. مېنىڭچە بىز خەلقئارانىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالدۇق. بۇ ۋەقە بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، «شىنجاڭ دائىرىلىرى» نىڭ «مەركەزلەشتۈرۈلگەن قايتا تەربىيەلەش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، 2016‏-يىلى سابىق تىبەت پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، بىخەتەرلىك سېلىنمىسى 300% كۆپەيتىلگەن. بۇ مەزگىلدە 90 مىڭ 800 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ئېلىش ئېلانى بېرىلگەن. «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» نى يولغا قويۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، رايوندا تەقىبلەش كۈچەيتىلگەن، ساياھەتكە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت