ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دۇنيانىڭ 2023-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى يېتەرسىزلىكنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ۋە كىرىزىسلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى نۇقتىلىق يورۇتۇلغان.
ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان يىللىق دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر بىر ئىسپات يوقلۇقى بايان قىلىنغان ھەمدە ئۆتكەن يىلى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئىنسانشۇناس دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا سېلىش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر بۇ رايونغا ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ‹تازىلانغان› ۋە ‹كونترول قىلىنغان› نۇسخىسىنى تەقدىم قىلىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
11-يانۋار كۈنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى. بولۇپمۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان سۇس مۇئامىلىسى ئالاھىدە سېلىشتۇرما قىلىندى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باشلىقى تىرانا ھاسان ئاخبارات يىغىنىدىكى سۆزىدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىغا قايتۇرغان ئىنكاسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمغا قايتۇرغان ئىنكاسىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2023-يىلى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇرۇش دەۋرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاللانغان رېئاكسىيەسى سەۋەبىدىن چوڭقۇر چىقىملارغا تولغان بىر يىل بولدى. ئۇكرائىنا، بىرما، ئېفىيوپىيە ۋە ئافرىقانىڭ ساھىل رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى ۋە سۇداندىكى توقۇنۇشلار غايەت زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتا رول ئوينايدىغان ھۆكۈمەتلەر بولسا كىشىلىك ھوقۇق رامكىسىنى قوللىنىشتا دائىم پەرقلىق ئۆلچەم قوللاندى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارغا قارشى ئۇرۇش جىنايىتىنى ئەيىبلىگەن ھۆكۈمەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلدى. بۇنداق قىلمىشلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان ئورگانلارغا بولغان ئىشەنچنى يوقىتىدۇ» .
تىرانا ھاسان سۆزىدە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىپلوماتىيەدە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەتنىڭ پايدىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇنى قىسقا مۇددەتلىك سودا ياكى بىخەتەرلىك ئۈچۈن قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھۆكۈمەتلەر مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىجرا قىلغاندا تاللاپ تۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇپ ئىش قىلسا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، كىرىزىسلار ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە، ناچار ھۆكۈمەتلەرنىڭ جاسارەتلىنىشىگە يول ئاچىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە: «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەخلاقىي ئاساسى ئىزچىللىق ۋە قەتئىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.
تىرانا ھاسان سۆزىدە، 2024-يىلىدا كىرىزىسلارنىڭ ئاياغلىشىشى ئۈچۈن چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەشتىكى «ئىككى خىل ئۆلچەم» نىڭ ئاياغلاشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق باستۇرۇشلىرىنىڭ ئىزچىل چوڭقۇرلاپ ماڭغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، چەتئەلدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلەرنىڭ ھەمدە يەنە ئانا تىل، مەدەنىيەت ۋە دىننى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ «بۆلگۈنچى» دەپ قارىلىپ، «قاتتىق تۈرمە جازالىرى بىلەن جازالانغانلىقى» قەيت قىلىنغان. تىرانا ھاسان خانىممۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشنىڭ بوشاپ قالغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتايدىكى باستۇرۇش داۋام قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بىز ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قارايدىغان بولساق، سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىدىن بىر قىسىم لاگېرلار تاقالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ھەر تەرەپلىمىلىك زىيانكەشلىكنىڭ بوشاپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھېچقانداق بىر ئىسپات يوق. ئەكسىچە بىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى كۆرۈۋاتىمىز. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ لاگېرلارنىڭ ئورنىغا، تۈرمىلەرگە قامىلىش ئارقىلىق مەركىزى سىستېمىغا ماسلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىز كۆرۈشكەن نۇرغۇن كىشىلەر تېخىچە ئائىلىسىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەيدۇ».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە قاتتىق جازالىنىۋاتقانلىقىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا خېنەندىكى شاڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان كامىلە ۋاھىتنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«دائىرىلەر 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ساۋ جىشىن، لى يۈەنجىڭ، جەي دېڭرۇي ۋە لى سىچى قاتارلىق ‹ئاق قەغەز› ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم نامايىشچىلارنى كېپىللىككە قويۇپ بەردى. ئەمما مارت ئېيىدا، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋاھىت پەقەت توردا بۇ نامايىشقا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ‹ئاشقۇنلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش› بىلەن ئەيىبلەپ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى».
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 2023 يىلى 2-ئاي ۋە 4-ئايلاردا، تايلاندتىكى كۆچمەنلەر قاماقخانىسىدا توققۇز يىل قامالغاندىن كېيىن تۈرمىدە ۋاپات بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ۋەقەسى مىسال قىلىنىپ، خىتايدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن بېيجىڭنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ بېرىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ مۇھىم دوكلاتى دەل بۇ يىل 1-ئاينىڭ 23-ۋە 24-كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي ھەققىدە «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش» ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قەرەللىك باھالاشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» نى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىر قاتار تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ بۈگۈن، 11-يانۋار دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھۆكۈمەتلەرنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمىزنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان دوكلاتى بۇ يىل ب د ت نىڭ خىتاينى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش يىغىنىدىن بۇرۇنغا توغرا كەلدى. مەنچە ھۆكۈمەتلەر 4 يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بۇ قەرەللىك باھالاش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى، ئۇنىڭدىن قېيىن سوئاللارنى سورىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ تۇرۇپ، جاۋابكارلىققا تارتىلمىسا، ئۇ ھالدا بۇ ئۇنىڭغا ھەرقانداق جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سىگنالىنى بېرىدۇ».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ، 2023-يىلى 5-ئايدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرككە 2022-يىلى 8-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى خۇلاسىلەنگەن دوكلاتى ئۈستىدىن «كونكرېت ئىز قوغلاش» نى چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ تېخى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە دوكلات توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرمىگەنلىكى، دوكلاتنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى رايوندىكى زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق كونكرېت پىلانلىرى بارلىقىنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.