كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: «خىتايدىن ھېساب سورايدىغان پەيت كەلدى! »
2024.08.26
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىت ئىشخانىسى (OHCHR) 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغانىدى. شۇ يىلى 10-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش قارارىنى ئاۋازغا قويغاندا، خىتايغا يان باسىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ چىقىشى بىلەن بۇ قارار رەت قىلىنغانىدى.
ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىدا ھېچقانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى خەلقئارالىق ئاخباراتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بۇنىڭدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى چىقارغان دوكلاتقا ئەمەل قىلماسلىقى، خىتايغا قارىتا دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، خىتايغا قارشى كەسكىن تەدبىر ئالماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىنىپ كېلىنمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق ھارپىسىدا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆزىتىۋاتقان نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار، بايانات ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇلار دوكلاتلىرىدا، خەلقئارا جەمئىيەت، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىنمۇ ئۇنى توختىتىشقا جىددىي ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ھەق-ئادالەتنى ياقلاش، زۆرۈر ۋە كەسكىن تەدبىر ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە خىتايدىن ھېساب ئېلىش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇق فوندى: «خىتايغا تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىش كېرەك»
كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) 8-ئاينىڭ 21-كۈنى رادىيومىزغا يازما جاۋاب يوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەت، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا جىددىي تەدبىر ئېلىشقا قايتا چاقىرىق قىلدى.
ئۇلارنىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2024-يىلى 8-ئايدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە باھا بەرگەنلىكىگە ئىككى يىل بولدى، دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە دەپسەندە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قانداقلا بولمىسۇن، خەلقئارا جەمئىيەت رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېتەرلىك ھەرىكەت قىلمىدى. خىتاي ئىجابىي دىيالوگنى داۋاملىق رەت قىلدى، ئەكسىچە چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە كىشىلەرنى دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان تەشۋىقات ساياھىتىگە تەكلىپ قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۇ رايوننىڭ ئىتتىپاق، ئىناق ۋە بىخەتەر ئىكەنلىكىدەك تەشۋىقاتىغا ئورتاقلىشىشقا چاقىردى. كىشىلىك ھوقۇق فوندى خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كومىسسارىنىڭ تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئادالەتكە ئېرىشتۈرۈشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.»
كىشىلىك ھوقۇق فوندى 2005-يىلى قۇرۇلغان، پايدا-مەنپەئەت كۆزلىمەيدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر. ئۇ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان يەرشارىۋىي تەشكىلات بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن يىلدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى»، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىن رابىيە قادىر، روشەن ئابباس، نۇرى تۈركەل قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ھەمدە يېقىنقى مەزگىللەردە لاگېر شاھىتلىرىغىمۇ سەھنە بېرىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقان يېقىنقى مەزگىللەردە، مەزكۇر تەشكىلات مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆزىتىش مۇنبىرى: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئورگان ئەمەس»
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆزىتىش مۇنبىرى (UN Watch) نىڭ جەنۋە ئىشخانىسى خادىمى لۇئىز پېلەز (Luis Pelaez) ، 21-ئاۋغۇست كۈنى، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ مۇخبىرىمىزنىڭ «ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغىلى 2 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىدا ھېچقانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى مەلۇم. مەزكۇر دوكلاتنىڭ رولىغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا بەرگەن باھايىمىز شۇ بولغانكى، بۇ دوكلات بەكمۇ كېچىككەن ۋە مەزمۇنى بەكمۇ چەكلىك بولۇپ قالغان. مىشېل باچلېت مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش ۋاقتىنى ئەسلى قەرەلدىن خېلىلا كېچىكتۈرگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاندىن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلدى. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى شۇ پەيتتە ئۇنىڭ يوقىتىدىغان ھېچنېمىسى قالمىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ب د ت دىكى خىتايدىن كېلىۋاتقان بېسىمغا باش ئېگىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، دەپ چۈشەندۇق.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «دوكلاتنىڭ ئۆزىدىن كۆرگىنىمىز شۇ بولدىكى، مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى مىچېل باچېلېت خىتايغا باردى ۋە خىتايدا كۆرگەنلىرىنى بۇ دوكلاتتا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن سىلىقلاپ ۋە تۈزىتىپ يازدى. بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ خىتاي تەشكىللىگەن ۋە پىلانلىغان تەشۋىقات ساياھىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. مىچېل باچېلېتمۇ ئاخىرىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. شۇڭا بۇ بىر چوڭ مەسىلە ئىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، بىز ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئۇنىڭ ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، بىز ئۇلارنىڭ خىتايغا قارىتا چارە كۆرۈشتە بەكمۇ كېچىكىپ قالغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلاشقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق. ئېنىقكى، بۇ ب د ت نىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن تېخىمۇ ناچارلاشتى.»
لۇئىز پېلەز يەنە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا، ب د ت ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىتسىزلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن باھا بېرىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، شۇ يىلى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قارار ماقۇللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى. ئەمما بۇ قارار ماقۇللانمىدى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان. ئەپسۇسكى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان ۋە قوللايدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەمەس. شۇڭىمۇ بىزنىڭ كۆرگىنىمىز شۇكى، بۇ قارار ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ قارارنىڭ ماقۇللانمىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىسمىغا لايىق بىر ئورگان ئەمەس، ھەتتا دېموكراتىك دۆلەتلەر شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغان جايمۇ ئەمەس.»
لۇئىس ئەپەندى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان خىتاينىڭ تەسىرى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بارغانچە كۈچىيىپ كەتكەچكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېغىر جىنايىتىدىن ھېساب سوراشنىڭ مۈشكۈللەشكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنى جىددىي مەسىلە دەپ ئويلايدىغانلىقى ۋە بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرىق قىلىپ، مۇشۇنداق رىقابەتلىك پەيتتە ئۆزلىرىگە ئوخشاش باشقا نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ داۋاملىق ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە خىتايغا دىپلوماتىك بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ئاخىرىدا ئۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە خىتايدىن ھېساب سوراش چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ئەركىنلىك سارىيى» : خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشى كېرەك
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ سىياسەت ۋە تەشۋىقات مۇئاۋىن دىرېكتورى كات كوسگروۋ (Kat Cosgrove) بىزنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىشىدا قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟» دېگەن سوئالىمىزغا يازما جاۋاب بەردى.
ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، بىز OHCHR نىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قارشى ئالغانىدۇق. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۇلاردىن بۇ مەسىلىدە باشقا ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەشنى كۆرمىدۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قولىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، خىتاينى مۇستەقىل تەھقىقلىگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بىمالال كىرىشىگە يول قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، شۇنداقلا رايوندىكى زىيانكەشلىك ۋە باستۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مەجبۇرىيىتى بار».
كات كوسگروۋ يەنە بىزنىڭ «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ توسالغۇسى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
«ئۇيغۇر ۋە تۈركى مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكنى توختىتىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى ھېچقاچان خالىمىدى. ب د ت ۋە باشقا مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن سۆزلىشىشىنى توسۇپ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ سىستېمىلىق زىيانكەشلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمۇشتىكى ھەر قانداق تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك.
«ئەركىنلىك سارىيى» 1941-يىلى ئۆكتەبىردە ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان، پايدا-مەنپەئەت كۆزلىمەيدىغان تەشكىلات بولۇپ، بۇ ئورگان دېموكراتىيە، سىياسىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.