كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي يانفون ئەپلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «خىتاينىڭ زۇلۇم ھېسابلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 2019-يىلى 1-ماي.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «خىتاينىڭ زۇلۇم ھېسابلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 2019-يىلى 1-ماي.
hrw.org

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا لاگېرلار مەسىلىسى ئىزچىل خەلقئارادىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن لاگېرلاردىكى ئىنسان ئەقلىگە كەلمەيدىغان ۋەھشىيلىكلەر تاشقى دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى. ئەمما 2-ماي كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ زۇلۇم ھېسابلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن لاگېر سىرتىدا «ئەركىن» يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرۈنمەس زۇلۇم، نازارەت ۋە گۇمان ئاستىدا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان روھىي سىقىلىش ۋە ئازابنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېردىكىلەرنىڭ دەردىدىن قېلىشمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا ئادەم كۈچى ئىشلىتىشتىن ھالقىپ، يانفون ئەپلىرى ئارقىلىق ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويغان. بۇ ئەپ بولسا ئاتالمىش «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» (IJOP) غا ئۇلانغان بولۇپ، ئاپتوماتىك ھالدا شەخسلەرگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ، شۇنىڭغا ئاساسەن «خەۋپلىك» كىشىلەرگە بەلگە قويۇپ ماڭىدىكەن. باش شتاب بولسا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كىمنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇيدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدىكى نازارەت مېخانىزىمىنىڭ يادروسى بولۇۋاتقان قوراللارنىڭ بىرى ‹بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى› ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە قوللىنىدىغان بىر ئەپ بولۇپ، بۇنى ساقچىلار ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئەپ ئارقىلىق غايەت زور مىقداردىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن تارتىپ تاكى ئۇلارنىڭ قان تىپىغىچە بولغان مەلۇماتلارنى توپلايدۇ. مۇنداقلا قارىماققا بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىش ساقچىلار ئۈچۈن نورمال بىر ئىشتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بۇ ئەپكە چوڭقۇرراق نەزەر سالغىنىمىزدا نورمال تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە قانۇنىي ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنىڭ نەزىرىدە گۇمانلىق، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.»

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 36 خىل كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرى مەخسۇس توپلىنىدىكەن. جۈملىدىن ئەقلىي تېلېفون ئىشلىتىشنى توختاتقانلار، قوشنىلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلماس بولۇپ قالغانلار، مەسچىت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل توپلىغانلار دېگەندەك كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئەڭ ئاۋۋال يىغىلىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ياش بۇ ھەقتە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«ئۇلار مېنى تۇتۇۋېلىپ نەچچە ھەپتە ئاۋارە قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەردى. چىقىپ بىرەر ھەپتە بولغاندا بىر سودا سارىيىغا باردىم. ساراي ئىشىكىدىن كىرىشىمگە ئىشىكتىكى ئەسۋاب سايراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ مېنى دەرھال ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتتى. مەن ئۇلارغا ‹مېنى يىغىۋېلىش ئورنىغا سولاپ قويغان. كېيىنچە گۇناھسىز ئىكەنلىكىم ئىسپاتلىنىپ ئۆزۈڭلار قويۇپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟› دېسەم ساقچىلار ‹بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئاممىۋى سورۇنغا بارمىغىن› دەيدۇ. ‹ئەمىسە نەگە بارىمەن؟ ئۆيدىلا ئولتۇرامدىم؟› دېسەم، ‹شۇنداق قىل. ساڭا ئەڭ ياخشىسى شۇ، دەيدۇ›»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر يانفون ئېپىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئەپ ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ قان تىپى، ئېگىزلىكى، دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي مەيدانى، توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى، گاز ئىشلىتىش مىقدارى دېگەندەك ئەھۋاللارنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنداقلا يانفون ئىگىلىرىنىڭ چەكلەنگەن 51 خىل تور قوراللىرى، جۈملىدىن ۋاتسئاپ، تېلېگرامما قاتارلىق ئەپلەرنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشمۇ ئۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىملىرىدىن مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شىنجاڭدىكى ساقچىلار كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنلۇق بولغان ھەرىكەتلىرى ھەققىدە قانۇنسىزلىق بىلەن ئۇچۇر توپلاپ، بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشۇ كىشىلەرگە قارشى مەقسەتتە ئىشلىتىۋاتىدۇ» دەيدۇ. 

بۇ ئەپ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھەتتا يېڭىدىن بىرەر ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشىنىڭ مەقسىتى، ماي پونكىتلىرىدىن ئاپتوموبىلغا بېنزىن ئالغۇچىنىڭ شۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى ياكى ئەمەسلىكى، كىمنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىققانلىقى، تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇشتۇمتۇت ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولماسلىق دېگەندەك ئەھۋاللارغا ئاساسەن دەرھاللا «گۇمانلىق كىشىلەر» نى بېكىتىپ چىقىدىكەن.

بۇ ھەقتە سۆز قىلغان سوفى رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز ۋاتسئاپ، ۋايبىر ياكى تېلېگرامما دېگەندەك ئەپلەرنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز بۇ ھال ‹گۇمانلىق› دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۆيىڭىزنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئەمەس، بەلكى ئارقا تەرىپىدە كۆپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالسىڭىز ساقچىلار دەرھاللا بۇ ‹ئۆزگىرىش› نى تەكشۈرۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىكى تۈرلەر مۇشۇ يوسۇندا كۆپىيىپ ماڭىدۇ. مۇشۇ ئەپ ئارقىلىق توپلانغان ئۇچۇرلار مەركىزىي سىستېمىغا يىغىلىدۇ، ئاندىن باشقا نازارەت سىستېمىلىرى، يەنى كۆزىتىش كامېرالىرى، چىراي تونۇش ئەسۋابى دېگەندەكلەر ئارقىلىق توپلانغان ئۇچۇرلار، شۇنداقلا ئاشۇ كىشى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىدىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ‹گۇمانلىق› كىشىلەرگە بەلگە قويۇپ ماڭىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى شۇ كىشىلەرنىڭ تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يوللاپ بېرىدۇ. بۇ خىلدىكى گۇمانلىق ئۆلچەملەر ئارقىلىق ئۇلار زور ساندىكى كىشىلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ چىقىدۇ، ئاندىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى قاماقخانىدا كۆرىدۇ. شۇڭا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇكى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي قانۇنلۇق بولغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئۈچۈن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىشنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى نازارەت دۆلىتى مېخانىزمىنى چۇۋۇپ تاشلايدىغان ۋاقتى كەلدى.» 

مەلۇم بولۇشىچە، «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» سىستېمىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى ھەربىي خاراكتېرلىك شىركەت بولغان «خىتاي ئېلېكترونلۇق تېخنولوگىيە گۇرۇپپىسى شىركىتى» ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى خېبېي يىراق شەرق ئالاقە سىستېمىسى ئىنژېنېرلىق شىركىتى» ئۇلارنىڭ يانفون ئەپلىرىنى ياساشقا مەسئۇل ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت