«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتاب ئەنقەرەدە نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.12.03
UYGHUR-ETNOGRAFİYESİ.jpg «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيە مۇتەخەسسىسى ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا يازغان «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتابىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ كونا ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشر قىلدۇردى. مەزكۇر كىتاب 2000-يىلى 4-ئايدا بېسىلغان 381 بەتلىك نۇسخىسىنىڭ ئىككىنچى نەشرىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئايخان چېلىكباي ئەپەندى تەرىپىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاب 351 بەت 17 بابتىن تەركىب تاپقان. بۇلار؛ بىرىنچى باب قىسقىچە بايان، ئىككىنچى باب ئېتنوگرافىيە توغرىسىدا، ئۈچىنچى باب ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، ئېتنىك نامى ۋە ئۇنىڭ ئېتىمولوگىيەسى، تۆتىنچى باب ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى، بەشىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، ئالتىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئادىتى، يەتتىنچى باب ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنىش-ياسىنىش ئادىتى، سەككىزىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ يول-قاتناش ئىشلىرى، توققۇزىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى، ئونىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-نىكاھ تۈزۈم رەسمىيەتلىرى، ئون بىرىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم ۋە ھېيت-ئايەم ئادەتلىرى، ئون ئىككىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئون ئۈچىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى، ئون تۆتىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى، ئون بەشىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى، ئون ئالتىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ساۋاتى، ئون يەتتىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ئىبارەت.

كىتابقا يەنە كىتابنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئالاقىلىك 30 پارچە رەڭلىك رەسىملەرمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا يازغان «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتابنى تۈرك دىلىغا تەرجىمە قىلغان دوكتور ئايخان چېلىكباي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىر مىللەتنى توغرا، ئەتراپلىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتىنى، دىنىي-ئېتىقادىنى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى بىلىش كېرەك. كىتابقا ئاساسلانغاندا كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش، ماتېرىيال توپلاش، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاپتور مەزكۇر كىتابىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى، ئورنى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي توختالغان.

ئۇنداقتا «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان قەشقەرى ئەسەرنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تەتقىقاتچىلارنىڭ مىللەتشۇناسلارنىڭ، فولكلورشۇناسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار قەدىمىي تارىخقا ئىگە بولغان تۈرك قوۋمى. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بار. ئاپتور بۇ كىتابىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىدۇ. مول، قىممەتلىك ۋە قىزىقارلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن. تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىۋاتقان بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بۇ ئەسەر كىتابخانلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى تارىخىي بىلىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى تەتقىقاتچىلارنىڭ، مىللەتشۇناس ۋە فولكلورشۇناسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ».

بىز كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خىتاي ئانا تىلدا مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادا، شۇنداقلا تۈركىيەدە كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتابنىڭ ئەنقەرەدە نەشر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ئىگىسى جېلىل تۇران ئەپەندى تۈركىيە كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرچە كىتابلار تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننىڭ بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.