«خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
2025.01.09
يۈز يىللار ئاسارەت ئاستىدا ياشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى ۋە تاشقىي سىياسەت مەدەنىيىتىنى ئۈزۈپ قويغانلىقى مەلۇم. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلاردا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىگە بېغىشلاپ يېزىلغان مەخسۇس كىتابلار تېخىچە يورۇق كۆرمىگەن ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇ بۇ كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ئىكەن.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ ئۆزىدە قانداق پەيدا بولغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى: «بۇ كىتابنى يېزىشىمدا بىر قانچە سەۋەپ بار. بىرى، مېنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇغانلىقىمدۇر، مەن بۇ كەسىپكە بەك قىزىقىمەن. مەيلى ۋەتەندە بولسۇن ياكى مۇھاجىرەتتە بولسۇن، ھازىرغىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلار يوق ئىكەن. بۇ ھەقتە خىتايچە نۇرغۇن كىتابلار نەشر قىلىنغان، ئەمما ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتاب يوق، مەن ئۈرۈمچىگە بارغاندىمۇ كىتابخانىلاردىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇ ھەقتىكى كىتابلارنى تاپالمىدىم. بۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە سۆزلەيدۇ ياكى تەھلىل يۈرگۈزىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خاتا ئەمەس، لېكىن بۇنداق بايانلارنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىگە سالماي تۇرۇپ سۆزلىسە، توغرا بولمايدۇ. مەن كۆپلىگەن چەت ئەللىكلەر بىلەن بىللە ئوقۇدۇم، ئۇلار بىلمەيدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالدىراپ پىكىر بايان قىلمايدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىشى ھەم كۈلكىلىك ھەم ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى بۇ توغرىلىق كىتابلارنىڭ بولماسلىقىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. شۇ سەۋەبتىن ‹خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ناملىق بۇ كىتابنى يازدىم».
ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنىڭ دەسلەپكى رامكىسى شەكىللەنگەن، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن 1648-يىلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى ئاخىرقى تارىخنى باشتىن كەچۈرۈۋاتاتتى. 1680-يىلى ئەتراپىدا سەئىدىيە خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، بۇ ئەنئەنىنى داۋاملىق ياشىتىش مۇمكىن بولمىدى. شۇ كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردىكى دۆلەتچىلىك ئېڭى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئۇنداقتا، دوكتور مەۋلان تەڭرىقۇت يازغان «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابتا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «كىتابتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىگە دائىر مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى بار دېيىشكە بولىدۇ. نەزەرىيە دېگەن ۋاقتىمىزدا چۈشىنىكسىز قۇرۇق گەپ ئەمەس. مەن بۇنى چۈشىنىشلىك ۋە قىزىقارلىق قىلىپ يېزىشقا تىرىشتىم. بۇنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ تەپسىلىي يورۇتقان نۇقتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدىكى رېئالىزملىق ئەمەلىيەتتۇر. بۇ ئەڭ كونا ۋە ئەڭ چوڭ نەزەرىيەلەردىن بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبېرالىزم، ئېنگىلىس ئېقىمى، ماركىسىزىم، بەرپاچىلىق نەزەرىيەسى، فېمىنىزىم قاتارلىقلارمۇ بار. كىتابىمدا غەربنى مەركەز قىلغان نەزەرىيەلەردىن سىرت يەنە ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىنىمۇ بايان قىلدىم».
«بۇ كىتابنى باشتىن-ئاخىر ئوقۇغان كىشى نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 1920-يىللاردا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئۆز ئالدىغا بىر كەسىپ بولۇپ شەكىللەندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدە نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇرۇنقى نەزەرىيەلەردە نېمىلەر دېيىلگەن، بۇ نەزەرىيەلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى نېمە، كەم قالغان تەرىپى نېمە، كېيىنكىلەر بۇنى قانداق تولۇقلىدى، غەرب مەركەزلىك بولمىغان نەزەرىيەلەر نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى، خىتاينىڭ نەزەرىيەسىنىڭ نېمىگە پايدىسى بار، كەمچىلىكى نېمە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى نېمە دېگەندەك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا تەھلىل يۈرگۈزدۈم. بۇ كىتابنى باشتىن-ئاخىر ئوقۇغان كىشى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالىدۇ».
دوكتور مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ پايدىلىنىش ئوبيېكتىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇغانلار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇ كىتابنى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەمدە ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدىكى پائالىيەتچىلەرمۇ ئوقۇسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى ئوقۇسا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە نېمىلەر مۇھىم، دۆلەتلەر قايسى مەنپەئەتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا قويۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئورنى نېمە، كىشىلىك ھوقۇق، ئىدېئولوگىيە ۋە دۆلەت مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا قانداق بىر مۇناسىۋەت بار، دېگەندەك مەزمۇنلاردا مەلۇم دەرىجىدە تونۇشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىلىقمۇ مەلۇماتلار بار. مۇشۇلارنى بىلگەندە دەۋانى قايسى شەكىلدە، قايسى يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىش، كىملەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».
ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ياقۇپ ئۇلۇيول ئەپەندى، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى بىر بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ كىتاب سېتىش بۆلۈمىگە قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر قىزىقىپ سېتىۋېلىشقا باشلىغان. نەشرىياتچى جېلىل تۇران ئەپەندى، ۋەتەندە ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق كىتابلارنى بېسىش مۇمكىن بولمايۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور مەۋلان تەڭرىقۇت مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇر تىلىدا پۈتتۈرگەن. ئۇنىۋېرسىتېتنى خىتايدىكى شەرقىي-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيا تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان. چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2023-يىلى دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيەدىكى شېففىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي تەتقىقاتى ساھەسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقات دائىرىسى خىتاي سىياسىي پەلسەپىسى، غەرب سىياسىي پەلسەپەسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى، خىتاي تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.