سەككىز توملۇق «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى» تۈركىيەدە يورۇق كۆردى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.05.02
uyghur-ensiklopediyesi-8-tom-1.jpg د ئۇ ق نەشىرگە تەييارلىغان سەككىز توملۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى». 2024-يىلى 26-ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن بۇيان ئەدەبىيات، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈكرەك كىتاب نەشر قىلىنمايۋاتقان بىر پەيتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى» تۈركىيەدە يورۇق كۆردى. مەزكۇر ئەسەر 26-ئاپرېل كۈنى نەشردىن چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار يازغان تۇنجى قېتىملىق «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى» ئىكەن. مەزكۇر كىتابقا 1300 دىن كۆپرەك ماددا تاللانغان بولۇپ، مەزكۇر سەككىز تومغا 920 ماۋزۇ كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئېنسىكلوپېدىيەنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ قامۇسنى يېزىپ چىقىش پىكرىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەدىكى خىلمۇ-خىل ئېنسىكلوپېدىيەلەردىن ئىلھام ئېلىپ، 2021-يىلى 4-ئايدا ئۆز ئالدىمغا تۈزۈپ چىققان 333 ماددىلىق، 220 بەتلىك ‹ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى› ناملىق كىتابنى نەشر قىلىپ تارقاتقان ئىدىم. مەزكۇر ئېنسىكلوپېدىيە تارقالغاندىن كېيىن بىر قەدەر مۇكەممەل، بىر قەدەر تولۇق ماددىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بىر ‹ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى› تۈزۈش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىۋاسىتە قوللىشى بىلەن 10 توملۇق قامۇسنى 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە يېزىپ پۈتتۈرۈشنى پىلان قىلغان ئىدۇق. ئاللاھغا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، قامۇسقا 1300 دىن ئارتۇق ماددا تاللانغان ئىدى. بۇلاردىن 920 ماددىدىن تەركىب تاپقان سەككىز توملۇق قىسمى كىتابخانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. ھازىرغىچە مەنبە تېپىلمىغان ۋە يېزىلىپ بولالمىغان 300 دىن ئارتۇق ماددا كېيىنكى قوشۇمچە توملىرىغا قالدۇرۇلدى.»

د ئۇ ق نەشىرگە تەييارلىغان سەككىز توملۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى». 2024-يىلى 26-ئاپرېل، تۈركىيە.
د ئۇ ق نەشىرگە تەييارلىغان سەككىز توملۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى». 2024-يىلى 26-ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر كىتاب ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ، ھەتتا نوپۇسى يېرىم مىليونغا يەتمەيدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز تىلىدا ئېنسىكلوپېدىيەلىرى بارلىققا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ بولماسلىقى جىددىي تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر بوشلۇق ئىدى. مەدەنىي بىر مىللەت بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرسىمۇ شۇ مىللەتنىڭ ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى بىلەن ئۆلچىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان بىر مىللەت بولغانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنسىكلوپېدىيە تۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، بۇ بىر بوشلۇق بولۇپ قالغان ئىدى. 1980-يىللاردا بەزى زىيالىيلىرىمىز بۇنى تۈزۈشكە باشلىغان بولسىمۇ ۋەتەندە ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغان. بۇنى نەزەردە تۇتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، بۇنى يېزىش ئىشلىرىغا قۇرۇلتىيىمىزنىڭ نەشرىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇراننى مەسئۇل قىلغان ئىدۇق. ئۇ بىر قانچە زىيالىيلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت ئىمكانلىرىمىز دائىرىسىدە تۆت يىلدا سەككىز توملۇق ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسىنى يېزىپ چىقتى. بۇ توپلام ھازىر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ قامۇس گەرچە بىز كۈتكەندەك تولۇق بولمىسىمۇ بىر باشلانغۇچ ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن كېيىن ئۇنى تولۇقلايمىز دەپ ئويلايمەن.»

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر قامۇسنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قامۇستا ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز، ئەدىپ-سەنئەتكارلىرىمىز، سىياسىي ئەربابلىرىمىز، ئۇيغۇرلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە كىتابلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۈرك ۋە باشقا ئەل ئالىملىرىدىن بىر قىسمى تاللاپ تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم دىنىي ئاتالغۇلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسىگە، تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ تارىخ جۇغراپىيەسىگە دائىر بىر قىسىم ماددىلار كىرگۈزۈلدى. بۇلاردىن سىرت يەنە تارىخ، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، ئۆرپ-ئادەت، سىياسەت ۋە پەلسەپەگە ئالاقىدار ماددىلارمۇ تاللاپ كىرگۈزۈلدى.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قامۇستىكى بەزى ماددىلار يېڭىدىن يېزىلغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركىيە دىنىي ئىشلار (دىيانەت) ۋەخپى نەشىر قىلغان 44 توملۇق «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئېنسىكلوپېدىيەلەردىن، شۇنىڭدەك تۈرك-ئىسلام تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىن تاللاپ تەرجىمە قىلىنغان. يەنە بىر قىسىم ماددىلار بولسا ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىنغان ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلىنغان مەنبەلەر ئەسكەرتىلگەن. قامۇسقا 920 ماددا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان. شۇڭا بۇ قامۇسنى باشتىن ئاخىرىغا ئوقۇسىمۇ، ئاخىرىدىن باشقا ئوقۇسىمۇ ياكى بىلمەكچى بولغان بىرەر ماددىنى ئوقۇسىمۇ بولۇۋېرىدىكەن.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋۇجۇدقا چىققان «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى» ناملىق كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى باش كاتىپى، كونيادىكى سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئادىلجان ئەر’‍ئۇيغۇر ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق بىر ئەسەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىشى ۋە تۇنجى قامۇس بولغانلىقى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قامۇسنى سېتىۋېلىشنى خالىغانلار ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنى رايونىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى «ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» نامىدا كىتاب نەشر قىلغان ۋە بەلگىلىك كۆلەمدە تارقىتىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.