ئۇيغۇرشۇناسلار: پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلانمىسى» نىڭ بولۇشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.09.13
eziz-eysa-elkun-kitab-princeton-teqdim ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ ئۆزى ھازىرغىچە يىغقان ۋە پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقدىم قىلغان زور ساندىكى ھەر خىل كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ۋە باشقىلارنىڭ بىر قىسمى. 2024-يىلى سېنتەبىر.
Eziz Eysa Elkün teminligen

خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئائىت تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر خىل ئەسەرلەرنى توپلاش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش جىددىي ئېھتىياجلىق نۇقتىغا ئايلانماقتا. مانا مۇشۇنداق ئېھتىياجنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر خىل ئەسەرلەرنىڭ توپلانما ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ، ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ ئۆزى ھازىرغىچە يىغقان زور ساندىكى ھەر خىل كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ۋە باشقىلارنى تەقدىم قىلىشى ئارقىسىدا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلانمىسى» نامىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەر ئامبىرىدۇر.

«پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلغان مەخسۇس ماقالىدە دېيىلىشىچە، بۇ توپلامدىكى ماتېرىياللار ئوخشىمىغان يېزىقلاردا (كونا يېزىق، يېڭى يېزىق، كىرىلچە ۋە لاتىنچە) نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر شائىرى ۋە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرىپىدىن 35 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا توپلانغان. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر ئېلى، قازاقىستان ئۆزبېكىستان تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتاب، ژۇرنال، گېزىت ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدا يەنە 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىمۇ بار ئىكەن. مەزكۇر خەۋەردە بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ماتېرىياللار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھېچقانداق غەرب كۇتۇپخانىسى ئارخىپىدا يوقلۇقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ دۇنياغا داڭلىق پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغانلىقىدىن بەك خۇشال بولدۇم. بۇ مەن ئۈچۈن بىر شەرەپ. بۇ يەنە پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچى. بۇ مېنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىمنىڭ مۇكاپاتى».

ئانتروپولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس، چېخ جۇمھۇرىيىتى پالاكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئولوموك (Palacký University Olomouc) نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلانمىسى» ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئەسەرلىرى توپلانمىسى› نىڭ پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا بولۇشى ۋە قوغدىلىشى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە. پۇرسەت بولسا مەنمۇ پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ بۇ ماتېرىياللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن ‹ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئەسەرلىرى توپلانمىسى› نىڭ پۈتۈن ئاممىغا ئوچۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ماتېرىيالغا ئېرىشكەندىن باشقا، ئۇيغۇر كاتالوگىنىڭ يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كاتالوگىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئۈچ يىللىق ۋاقىتلىق بىر كىشىنى خىزمەتكە ئالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلنار ئەزىز خانىم پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەزكۇر ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر خىل ئەسەرلەر توپلانمىسىنىڭ بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆپ كىشىلەر ‹ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئەسەرلىرى توپلانمىسى›غا قىزىقىۋاتىدۇ. ۋەتەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يوق قىلىندى. ‹ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئەسەرلىرى توپلانمىسى» دىكى ماتېرىياللار چەت ئەلدە تېپىش بەك تەس بولغان ماتېرىياللار. بۇ ماتېرىياللار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا تارىخ ئەھمىيەتكە ئىگە».

مەلۇم بولۇشىچە، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا توپلانغان بۇ ئەسەرلەر 1930-يىللاردىن 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، بولۇپمۇ 1950-يىلىدىن 1980-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بەلكى بۇ غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ئامبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.