«كۆك تاشلىق ئارخىپ: 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابتىكى يېڭى مەلۇماتلار

0:00 / 0:00

شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندى رادىيومىز زىيارەتلىرىنى بىرقانچە قېتىم قوبۇل قىلىپ، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ئۆزى شاھىت بولغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان ئىدى.

ئۇ، 29-ئىيۇن كۈنى يەنە بىر قېتىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى شاھىت بولغان ۋەقەلەر ئاساسىدا يېزىلغان «كۆك تاشلىق ئارخىپ: 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ يېقىندا نەشردىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتابنىڭ پۈتكەن نۇسخىسى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى» غا پىلتە بولغان «26-ئىيۇن شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» ۋە ھازىرغىچە تەپسىلاتى دۇنياغا ئاشكارىلانمىغان 6-ئىيۇلدىكى «قەشقەر نارازىلىق نامايىشى» قاتارلىقلار ھەققىدە شاھىتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەر، نەق مەيدان سۈرەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرى ئاساسىدا يېڭى مەلۇماتلار بېرىلگەن ئىكەن.

ھەبىبۇللا ئەپەندى يەنە مەزكۇر كىتابىدا «26-ئىيۇن شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى»نىڭ جەريانى ھەققىدە ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرگەن بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان پەرقلىق مەلۇماتلارنىڭ نەق مەيدان مەلۇماتلىرى ئاساسىدا تولۇقلىنىپ تۈزىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە 5-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە باشلانغان قانلىق باستۇرۇش، 6-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانىدا يۈز بەرگەن تۇتقۇن ھەمدە ئەرلىرى ۋە بالىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى، 6-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن «قەشقەر نارازىلىق نامايىشى»، 7-ئىيۇل كۈنىدىكى توقماق كۆتۈرگەن خىتايلارنىڭ كوچىلارغا چىقىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ-ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، 8-ئايدىكى «يىڭنە ۋەقەسى»، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن بىر قاتار باستۇرۇشلىرى ھەققىدە ئۆزى مەخسۇس ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ۋە نەق مەيدان سۈرەتلىرىنىڭ بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ كىتاب بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى» دىكى بەزى تەپسىلاتلار توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندى يەنە بۇ كىتابىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنىڭ تەرجىمە باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.