كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ (3)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.10.26
maw-zedong-seypidin-eziz-lager-ton-1920 ماۋ زېدۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 1949-1976-يىلغىچە بولغان 27 يىل جەريانىدا يۈز بەرگەن ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر تىلغا ئېلىنىپ، بۇ دەۋرنىڭ بالايى-ئاپەتلەر ئەڭ ئېغىر بولغان دەۋر ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە
Photo: RFA

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە داۋاملىق ئۇچراپ كەلدى. ماۋ زېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا خارابلىشىپ چىقىش يولى تاپالمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن خىتايلارغا نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈلگەن دەپ تەرىپلىنىدىغان 80-يىللار ۋە 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇردى. 1985-يىلدىكى «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ۋە 1988-يىلدىكى «15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» بولسۇن ياكى 1990-يىلى ئاقتۇنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن «5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى» ۋە 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» دەپ قارىلىنىپ، قانلىق باستۇرۇلدى.

1985-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى خىتاينىڭ سىياسىتى ئاز-تولا يۇمشىغان، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بىر ۋاقىتتا پارتلاپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئىپادىلىشى ئىدى.

شۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم ئىشتىراكچىلىرى ۋە قاتناشچىلىرى 90-يىللاردىن كېيىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تايانچ كۈچلىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇلاردىن بىرى، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىدۇر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 85-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، كورلا، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار قوشۇلۇپ ئاز دېگەندىمۇ 15 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئىشتىراك قىلغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر ماددا كۈچلۈك ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن قېتىم ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن.

 ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىمۇ ئۇ ھەرىكەتنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېموكراتىك سايلامنى ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇش؛ بۇ رايوندا ئاتوم سىنىقىنى توختىتىش؛ بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىلەر لاگېرى قىلىشنى ۋە بۇ رايونغا كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش؛ بۇ رايوندا ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنى يۈرگۈزۈش؛ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزمەكچى بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇش» قاتارلىق 6 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەينى يىللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن يەنە 1988-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى قوزغىغان تەسىرى چوڭ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كېيىنكى ئانالىزلاردا بۇ ھەرىكەتنىڭ، 1989-يىلدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش ۋەقەسى بىلەنمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئورتاقلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

1985-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قاتناشچىلىرىدىن روشەن ئابباس، 1988-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى دولقۇن ئەيسا، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، نۆۋەتتە چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخسلەرگە ئايلاندى.

دولقۇن ئەيسا چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دا باش كاتىپ، ئىجرائىيە رەئىسى، رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق نامايىشى» ۋە 1988-يىلى 6-ئايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىش» ھەرىكىتى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم ياشلارنىڭ چەت ئەللەردە خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشىغا ئاساس سالغان.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ نامايىشىنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» دەپ بېكىتىكەن؛ نامايىشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالىغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتكەن.

1990-يىلىدىكى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ۋە باشقا زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى يۈز بەرگەن «5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى» ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە غەزەپ-نەپرىتىنىڭ پارتلىشى ھېسابلىنىدۇ.

1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى خەلق زەينىدىن يۈسۈپنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلىپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىشىگە قارشى تۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىملىرى ۋە بىڭتۈەن قوراللىقلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، بارىن يېزىسىدا زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. ئەينى چاغدىكى خىتاي تاراتقۇلىرىدا، توقۇنۇشتا زەينىدىن يۈسۈپ باشلىق جەمئىي 232 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ توقۇنۇشتا بارىن يېزىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. خىتاي ئەسكەرلىرى غالجىرلىشىپ ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلارغىمۇ ئوق چىقارغان. بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي قىسىم، ساقچى-ژاندارما ۋە بىڭتۈەننىڭ 6 دىۋىزىيە ئەسكىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرىگە ئالغان. بارىن ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەن ۋە ھېسداشلىق قىلغان دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن 2000 ئۇيغۇر قاماققا ئېلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرى يەنى1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى «5-فېۋرال نامايىشى» مۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان. ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 90-يىللاردا غۇلجا ياشلىرى ئارىسىدا ئەۋج ئالغان زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجا ياشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، «مەشرەپ» گۇرۇپپىلىرى بىلەن پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كىتاب يازغان گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا غۇلجىدىكى مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىدىن ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ مەشرەپ گۇرۇپپىسىدىكى 200 دىن ئارتۇق ياش، 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا كوچىلىرىغا چىقىپ، تىنچ شەكلىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى باشلىغان. نامايىش شۇ كۈنى كەچ قانلىق باستۇرۇلغانغا قەدەر، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇشى بىلەن نامايىشچىلار قوشۇنى زورىيىپ، 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن. نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن، غۇلجادىكى پۈتكۈل مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىدىكى ياشلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ھەپتىگىچە غۇلجادا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇتۇلغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياش ئۈستى ئوچۇق بىر مەيدانغا توپلىنىپ، قېلىن قارنىڭ ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ مېڭىشقا مەجبۇرلانغان. خىتاي ساقچىلىرى يۇقىرى بېسىملىق شىلانكىدا سۇ چېچىپ ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىنى توڭلىتىۋەتكەن؛ پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت-قوللىرى كېسىۋېتىلگەن. ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت، تۇرسۇن سەلەي قاتارلىق مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىگىت باشلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈزدىن ئاشقان.

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى نىسپىي كەڭچىل سىياسەتتىن «قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش» قا ئۆتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن بولغان بارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش، مەجبۇرىي پېنسىيەگە چىقىرىش، ھەتتا ئىلى ئوبلاستىدىكى 3 ۋىلايەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ۋىلايەت بولغان ئىلى ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەتكە تەۋە بولغان ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قارايدىغان قىلىشتەك سىياسەتلەرنى قوللانغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.