مايا ۋاڭ: « ‹يېڭى دىنىي ئىشلار نىزامى› دا كومپارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسى دىن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.02.06
Qeshqer-konisheher-meschit-qizil-teshwiqat.jpg قەشقەر شەھىرى بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.
Oqurmen teminligen

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللانغان ۋە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى»، چەت ئەللەردىكى ھەر ساھە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ نىزام ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىننىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى دىن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغانلىقتۇر، دەپ قارىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتىنچى يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللانغان بولۇپ، 2024-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

مەزكۇر نىزامنىڭ 5-ماددىسىدا، «ھەر قايسى دىنلار چوقۇم سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىش»، شۇنداقلا «دىنلارنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك» دېيىلگەن. مەزكۇر نىزامنىڭ 26-ماددىسىدا، دۇئا-تىلاۋەت ۋە ئىبادەت سورۇنلىرى مەيلى «ئىلگىرى سېلىنغان ياكى ھازىر رېمونت قىلىنىۋاتقان ياكى قايتا قۇرۇلۇۋاتقان» بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار «بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسىم ۋە بېزەكچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە چوقۇم خىتايچە ئالاھىدىلىك ۋە خىتايچە ئۇسلۇبىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك» دېيىلگەن.

قەشقەردىكى ئىخلاس تاللا بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تامغا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە لوزۇنكا ئېسىلغان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى ئاۋغۇست، قەشقەر
قەشقەردىكى ئىخلاس تاللا بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تامغا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە لوزۇنكا ئېسىلغان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى ئاۋغۇست، قەشقەر
commons.wikimedia.org

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ (Maya Wang) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللانغان ۋە يولغا قۇيۇلغان يېڭى دىنىي ئىشلار نىزامى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ھەقىقىي دىن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

 «بۇ بەلگىلىمە (نىزام) شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان رايون خاراكتېرلىك بەلگىلىمە. بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە، كومپارتىيەنىڭ دۇئا-تىلاۋەت ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا دىنلارغا بولغان سىياسىي-ئىدىيەۋى جەھەتتىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان. بۇ بەلگىلىمىنىڭ نۇرغۇن نۇقتىلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى يولغا قويغان دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىدىيەسى ئەكس ئەتكەن. يەنى ئۇنىڭدا دىننى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتايچىلاشتۇرۇش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش ۋە كومپارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ھەقىقىي دىن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان. »

 تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ يېڭى دىنىي ئىشلار نىزامىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، مەزكۇر نىزامنامىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئەمەس، بەلكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنى بەكرەك قوغدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ نىزامنامە ئېتىقادچىلاردىن دىنىي پەرزلەرنى ئورۇنداشنى ئەمەس، بەلكى كومپارتىيەنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلغان. »

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ يېڭى بەلگىلىمىگە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيەنى قاتتىق كونترول قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. 13-ماددىغا قارىغاندا، مەزكۇر نىزامدا ھۆكۈمەت تەستىقلىغان دىنىي ئورگانلاردىن باشقا بارلىق دىنىي تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى بىردەك چەكلەنگەن. 14-ماددىدا «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىلدۈرۈش»، مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلارنى «توغرا ئۇسۇلدا» شەرھلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە» دىنىي مەكتەپلەرلا مەۋجۇت بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجېۋسكى (Henryk Szadziewski) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يېڭى نىزامدا ئۇتتۇرىغا قويۇلغان «يېڭى مەزمۇنلار» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «ماھىيەتتە بۇ بەلگىلىمىدە چەكلەنگەن يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەرگە كېڭەيتىلىپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. بۇ يەردىكى چەكلىمە ئەلۋەتتە خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە قارىتىلغان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىم دەپ قاراپ، بۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. بۇ ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى. بىز بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە باشقا ئېلېمېنتلارنىمۇ كۆرىمىز. بۇ بەلگىلىمىلىرىدىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يەنە كېلىپ، بۇ بەلگىلىمىدە دىنىي ئوقۇتۇش ئورگانلىرى زەربە بېرىش نىشانى قىلىنغان. مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ بەلگىلىمىدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قىممەت قارشى بىلەن يېڭىدىن ياراتماقچى بولغان دىنىي ئورگانلارنىڭ خىتايلىشىشى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىنغان. بۇنىڭدىن بۇ دىنىي ئورگانلارنىڭ دىنغا ئەمەس، بەلكى كومپارتىيەگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. »

ئۇنداقتا، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلام دىنىغا ۋە باشقا دىنلارغا قاتتىق چەكلىمە قويىدىغان بۇ يېڭى نىزام (بەلگىلىمە) نى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ؟

خوتەن شەھىرىدىكى بازاردا قوللىرىدا كالتەك تۇتقان كىشىلەر ئامانلىق ساقلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 3-نويابىر
خوتەن شەھىرىدىكى بازاردا قوللىرىدا كالتەك تۇتقان كىشىلەر ئامانلىق ساقلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 3-نويابىر
AP

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «خىتاي خەلقئارادىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە غەربتىكى ئىسلام قورقۇنچىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى تېررورلۇققا باغلاپ زەربە بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت. »

ھېنرىك شاجېۋىسكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقىي ۋە قىممەت قاراش جەھەتلەردە خىتاينىڭ قىممەت قاراشلىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قاراپ، خەلقئارادىكى ئەيىبلەشكە ۋە تەنقىدلەشكە قارىماي ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا بار كۈچى بىلەن ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

 «مېنىڭچە، ئىسلام دىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئالاھىدە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان كومپارتىيە ھەر ۋاقىت كونتروللۇق ئىقتىدارىغا ۋە ئاۋامنىڭ ئۆزىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام باشقا بىر خىل ئەخلاققا، ئىدارە ۋە قىممەت قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى ئىسلام دىنىدىكى بۇ ئەخلاق، ئىدارە قىلىش تۈزۈمى ۋە قىممەت قارىشى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشىدىن پەرقلىق. يەنە كېلىپ خىتاي بۇ جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنى كونترول قىلالمىدى. شۇڭا ئىسلام دىنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت يارىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي تۇرمۇش ۋە دىنىي ئورگانلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشقا ۋە ئۇلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دىنىي باستۇرۇش ۋە مۇتلەق كونتروللۇق سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.