خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا بېرىلىۋاتقان پۇل ياردىمى ئارقا-ئارقىدىن كېسىلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-11-22
Share
Munixtiki-Kongzi-Inistitoti.jpg گېرمانىيە مۇنىختىكى كوڭزى ئىنستىتۇتى. مۇنىخ، گېرمانىيە.
Social Media

گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار گېرمانىيە دائىرىلىرىنى «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقىۋېتىشكە چاقىرماقتا.

«كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قولى بار» دېگەن كۆز-قاراشلار بىلەن بەزى دۆلەتلەردە «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقاش تەشەببۇسى بىلەن نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. گېرمانىيەدە جەمئىي 25 كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆپ قېتىملاپ نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ۋاراقچىلار تارقىتىپ «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە يېقىندىن بۇيان، گېرمانىيەدىكى 3 «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەم توختىتىلغان.

گېرمانىيەدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن بىرى بولغان ئۇرسۇلا دۇسولت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىن بولىمەن. ئەنۋەرجان ۋە باشقا كۆپ ساندا تەشكىلاتلار بىرلىكتە كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نەتىجىسىدە گېرمانىيەنىڭ ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا بېرىلىۋاتقان پۇل ياردىمى توختىتىلدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز گېرمانىيەدىكى بارلىق كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىغا بېرىلىۋاتقان پۇل ياردىمىنى توختىتىش، شۇنداقلا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاتقۇزىۋېتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت».

ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى3-ئايدىن تارتىپ، ئۇيغۇر، گېرمان، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى، ۋاراقچە تارقىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە گېرمانىيەدىكى ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى2020-يىللىق دوكلاتىدا «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى خىتاينىڭ تەسىر كېڭەيتكۈچى رولچىلىرى» دەپ باھالىغان. «دۇنيا» گېزىتىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى «مائارىپ مىنىستىرى خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بولسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى «كۇڭزى ئىنستىتۇت» لىرىنىڭ خىتاينىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن. ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، «كۇڭزى ئىنستىتۇت» لىرىنى تاقاش تەشەببۇسىنىڭ گېرمانىيەدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇندىن كېيىنمۇ گېرمانىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تاقاش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 29-ئىيۇل بۇ ھەقتە دەرھال «تالاش-تارتىش ئىچىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى: ھۆكۈمەت مەبلەغنى توختاتتى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ماقالىدا ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرى ھەل بولغانلىقى، شەھەرلىك پارلامېنتتا كۆپ كىشىنىڭ ئاۋازى بىلەن «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا بېرىۋاتقان پۇلنىڭ دەرھال كېسىلگەنلىكى شۇنداقلا 2020-يىلى ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭمۇ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى بايان قىلىنغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت