«كوپېراتىپ تۈزۈمى» قايتىپ كەلدىمۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا «كوپېراتىپ تۈزۈمى قايتىپ كەلدىمۇ؟» دېگەن سوئال قىزىق نوقتا بولماقتا. بۇنداق تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىتىلغان «ھۆكۈمەت ئاشپۇزۇلى» ھەققىدىكى بىر فىلىم سەۋەب بولغانىدى. مەزكۈر فىلىمدا بىر توپ كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ مەلۇم يېرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان «ھۆكۈمەت ئاشپۇزۇلى» ۋە ئاشلىق بېلىتى قاتارلىقلاردىن مەمنۇن بولغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ئوتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىغا مەنسۇپ بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بۈگۈنكى خىتايدا قايتا پەيدا بولۇشى، خىتاي سىرتىدىكىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىچىدىكىلەرنىمۇ قاتتىق چۆچۈتمەكتە.

خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر تارقىلىشقا باشلىغان. يەنى خىتاينىڭ نۇرغۇن ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە نۆۋەتتە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى «مەھەللە ئاشپۇزۇلى» تەسىس قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھالەت كىشىلەرنى يىللار ئاۋۋالقى قاباھەتلىك «كوپېراتىپ تۈزۈمى» نىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئەندىشىگە سالغان. بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر مۇنازىرىلەرگە ئېنىقلىما بېرىپ، «مەھەللە ئاشپۇزۇلى»نىڭ «كوپېراتىپ تۈزۈمى» ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ ھالدا ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟

ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ئالىبۇرۇن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن، بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى كوپېراتىپ تۈزۈمى بىر كېچىدىلا قايتا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا 1994-يىلىلا ئاتالمىش «ھەمكارلىق كوپېراتىپى» ۋە «تەمىنلەش، سېتىش كوپېراتىپى»نى قايتا جانلاندۇرۇش قارارىنى ئالغان. يەنى شىنخۇا تورىنىڭ 2020-يىلى 7-ئايدا تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىنىڭ سانى 2010-يىلىدىكى 3652 دىن 2019-يىلىغا كەلگەندە 26 مىڭ 424 كە يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. يەنى ئون يىل ئىچىدە يىلىغا 2277 دىن كۆپىيىپ ماڭغان. بۇ كوپېراتىپلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەر بولسا، ئەنئەنىۋىي تېرىقچىلىقتىن باشلاپ كېڭەيتىلىپ، ئاستا - ئاستا ئاشلىق-ماي ئىشلەپچىقىرىش، دېھقانچىلىق ماشىلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، يېزا ساياھىتى، ئېلىكترونلۇق سودا قاتارلىقلارغا چېتىلغان، دەپ يېزىلغان.

ئۆتكەن ئىسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ئاشلىق ۋە تەمىنلەش بېلەتلىرىدىن كۆرۈنۈش.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 2019-يىلى 19-فېۋرالدا تارقاتقان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەمىنلەش - سېتىش كوپېراتىپىنىڭ سانى 718 گە يېتىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلاش نىسبىتى 83 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلدى، دېيىلگەن. يەنى 2019-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا «ھەمكارلىق كوپېراتىپى» بىلەن «تەمىنلەش، سېتىش كوپېراتىپى» ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولغان. خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئەمدى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن «مەھەللە ئاشپۇزۇلى»مۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنىڭدىن ئون يىللار ئاۋۋاللا كۆلەملەشتۈرۈلگەن.

«سىنا» تورىنىڭ 2012-يىلى 4-ئايدىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 140 ئاھالىلار رايونىنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى «مەھەللە ئاشپۇزۇلى» ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. قىسقىسى، نۆۋەتتە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىنى ھەيران قالدۇرۇپ، كۈچلۈك مۇنازىرە ۋە ھەر خىل گۇمانلارغا سەۋەب بولغان «كوپېراتىپ تۈزۈمى» ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنىڭدىن ئاز دېگەندىمۇ ئون يىللار بۇرۇن پەيدا بولغان.

بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، ئاتالمىش «مۇقىملىقنى ساقلاش» سەپسەتىسىدە، كوپېراتىپلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز تەس ئەمەس. يەنى بۇ مەزگىللەردە كەڭ كۆلەمدە ساقچى، مۇقىملىقنى ساقلاش خادىملىرى، ياردەمچى ساقچىلار، خەلق قوغدىغۇچىلىرى، بىرلەشمە مۇداپىيە ئەترىتى، ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى، ئالاھىدە ساقچىلار... كۆپەيتىلگەن. ساقچى كۆزىتىش پونكىتلىرى جىددىي شەكىلدە قۇرۇلۇپ، ھەتتا ھەر بىر كەنتلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە بىر ساقچى، ئىككى ياردەمچى ساقچى، يەتتە نەپەر خەلق قوغدىغۇچىسىنىڭ بولۇشىدەك تۈزۈم ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. كۆزىتىش كامېرالىرى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممە ئىش «مۇقىملىقنى ساقلاش»نى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. يېزىلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى مەجبۇرىي ۋە داۋاملىق ئاختۇرۇلىدىغان، قارشى چىققۇچىلارغا جىنايەت بېكىتىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن باشقا بىر يۇرتقا تۇغقان يوقلىغىلى ياكى بىرەر ئىش بىلەن بارماقچى بولغىنىدا، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ روخسىتى ۋە يول خېتىنى ئېلىپ بېرىشى بېكىتىلگەن. بىر ئادەمدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇ كىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق كىشىلەر تەڭ جازالىنىدىغان نازارەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، كىشىلەرنى بىر بىرىگە نازارەت قىلىدىغان، كۈچلۈك نازارەت تورى شەكىللەندۈرگەن. ھەرقايسى شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «بىرلەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش ۋە چارلاش» شەكلىدە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان.

يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرنى كىچىك بۆلەكلەرگە ئايرىپ، ھەر بىر ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ مىللىتى، يېشى، سىياسىي قىياپىتى، كەسپى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، سىياسىي ئىپادىسى، خىزمەت ئەھۋالى، نوقتىلىق ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك ئىپادىسى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئارخىپلاشتۇرغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پۈتۈن كوچا - كويلىرى قىزىل رەڭلىك لوزۇنكىلار ۋە ھەر خىل شۇئارلار بىلەن قاپلانغان. «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىشتا فېڭچياۋ مودېلىنى قوللىنىش» مۇ دەل بۇ سەۋەبلىك مەيدانغا چىقىپ، ئۇيغۇرلار يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىش، لاگېرلارغا قامىلىش، ئىز - دېرەكسىز غايىپ قىلىنىش ۋە بۈگۈنگىچە بىزگە ئاشكارىلانغان ۋە ئاشكارىلانمىغان تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈن بۇ مەسىلە خىتاي رايونلىرىغا كېڭىيىپ، كىشىلەرنى چۆچۈتمەكتە. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز ئەتراپىدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان «كوپېراتىپ تۈزۈمى»دىن بىر تۇرۇپ ھەيران بولسا، يەنە بىر تۇرۇپ قورقۇنچ ھېس قىلىشقا باشلىغان.

سوتسىيال مېدىيادا تارقالغان «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئاشلىق-ماي بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى»
سوتسىيال مېدىيادا تارقالغان «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئاشلىق-ماي بىلەن تەمىنلەش كېنىشكىسى» (Social Media)

دەرۋەقە، «ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ» دېگەندەك، «كوپېراتىپ تۈزۈمى»نىڭ پەيدا بولۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى خىتاي خەلقىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ «تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» سەپسەتىسى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىدا باش كۆتۈرگىلى ئۇزۇن بولغان «كوپېراتىپ تۈزۈمى» كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېلىنمىغانىدى. ئەمما بۈگۈن بۇ ھادىسە ئۆز يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغىنىدا، قاتتىق ئەندىكىشتى. شۇڭا نۆۋەتتە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «كوپېراتىپ تۈزۈمى»نىڭ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىشى سەۋەبسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە. چۈنكى، شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى سوتسىيالىزىم يولى» دېگەنلىك، كوپېراتىپ تۈزۈمىنىڭ «ئەلالاشتۇرۇلغان» نۇسخىسى بولسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ناۋادا بۇ ھالەت داۋام قىلسا، خۇددىي تارىختىكى بايلارنىڭ يەر- زېمىن بايلىقلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغاندەك، شەخسلەر ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار يوقىتىلغاندەك، يەككە تىجارەتچىلەر قانۇنسىز «قاراڭغۇ بازارچى»غا ئايلىنىپ قالغاندەك ھادىسىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقى شەكسىز. شەخسىي كارىخانىلارنىڭ ئورنىنى ھۆكۈمەت كارىخانىلىرى، شەخسىي رېستۇران، ئاشپۇزۇللارنىڭ ئورنىنى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەھەللە ئاشپۇزۇللىرى ئېلىشى مۇمكىن. شەخسنىڭ بارلىقى كوللېكتىپ ئىگىلىك نامىدا تارتىۋېلىنىشى، كىشىلەر بارلىقىدىن ئايرىلىپ، قاق-سەنەم بولۇش، ھەتتا ئېغىر ئىجتىمائىي كرىزىسلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، «كوپېراتىپ تۈزۈمى»نىڭ يېڭى نۇسخىسى ئۆتكەن ئوننەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدە نەتىجىلىك سىناق قىلىنىپ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن. شۇنداقلا ھاكېمىيەت دۈشمىنى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان «خەۋپىنى نۆلگە چۈشۈرگەن» سىستېمىدۇر.

مەزكۇر سىستېما خىتاي سىياسىتىدە «شىنجاڭ مودېلى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خىتاينىڭ «ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى» دا خىتاينىڭ تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئۆرنەك دەپ قارالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ «يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزى»گە ئايلانغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى»، ئاتالمىش «خىتاي چۈشى»نى روياپقا چىقىرىش يولىدۇر. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى دەرۋەقە ئاتالمىش «شىنجاڭ مودېلى»نىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە ئاساس سالغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلار قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاچقان ئۈچ قېتىملىق ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»نىڭ ھەممىسىدە ئورتاق تەشەببۇس قىلىنغان نوقتا، «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان».

كوپېراتسىيە ھەرىكەتتە - سوتسىيال مېدىيادا تارقالغان تەشۋىقات فىلىمىدىن كۆرۈنۈش .

خىتاينىڭ يېقىندا ئېچىلغان 20-قۇرۇلتېيىدا شى جىنپىڭمۇ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. گەرچە نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتاي ئۆلكىرىگىمۇ كېڭىيىشىگە بىر نەرسە دېيىش تەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن قاتتىق رېجىم سىياسەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ باش كۆتۈرۈشى ئاساسەن ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تۈزۈلمىسىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر ۋاقىت خەتەرلىك يۈزلىنىشلەرگە دۇچ كېلىشى ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاي ئىچىدىكى مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا «شىنجاڭ مودېلى»نى قوللىنىش، خىتاي ھاكىمىيىتىگە كېلىدىغان خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈشتە ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تۈزۈم ھېسابلىنىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، «ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى، خىتاي خەلقىنىڭ ئەتىسى» بولۇپ قېلىشى مۇقەررەردۇر!

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.