كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.03.17
germaniye-virus-tekshurush.jpg قوغدىنىش كىيىمى كىيگەن تېببىي خادىملار تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شوپۇرلاردىن ئەۋرىشكە ئالماقتا. 2020-يىلى 17-مارت، گېرمانىيە.
AP

ياۋروپا ئەللىرى خىتايدىن قالسا كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادىكى يەنە بىر تارقىلىش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كورونا ۋىرۇسىنىڭ سەكرەش خاراكتېرلىك تېز يامرىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايدىن قالسا دۇنياغا ۋىرۇس تارقىتىدىغان چوڭ بىر مەنبەگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. 16-مارتقىچە ئىتالىيەدىكى كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 27 مىڭ، ئىسپانىيەدە 9 مىڭ، گېرمانىيەدە 7 مىڭ، فىرانسىيەدە 6 مىڭ كىشىدىن ھالقىشى ھەمدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ تېز كۆپىيىشى ياۋروپالىقلارنى خېلىلا چۆچۈتتى. پۈتۈن ياۋروپانى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋەھىمىسى قاپلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر 16-مارتتىن باشلاپ چېگرالارنى تاقاپ، كىرىپ-چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە باشلىدى. باشقا قىتئەلەردىن كېلىپ ياۋروپادا ئىشلەۋاتقان ھەم ئوقۇۋاتقان تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشقا ئالدىرىماقتا. ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر مەكتەپلەرنى، ئىدارە-ئورگانلارنى، زاۋۇتلارنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىي، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى بىردەك  تاقىدى. 10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنى چەكلىدى. 2020-يىلى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق يىغىنلارنى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇردى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتايدا پەيدا بولغان، خىتاي ھازىر «تىزگىنلىگەن» لىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان كورونا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپادا بىردىنلا بۇنداق تېز كۆپىيىشى ھەمدە «پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىش» باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى ياۋروپا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماي، ياۋروپا خەلقىنىمۇ جىددىي ساراسىمىگە سالغان ھەمدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان، نوپۇسى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئەندىشىلەرگە گىرىپتار قىلغان. گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەدە 17–مارتقا قەدەر كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 7500 كىشىدىن ھالقىغان بولۇپ، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە گېرمانىيە خەلقىنىڭ بۇ سەۋەبلىك خىتايغا بولغان نەپرەت تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتىكەن.

شىۋېتسارىيەدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 17-مارتقا قەدەر 2300 كىشىدىن ئاشقان. شىۋېتسارىيەدىكى دوختۇر ئاندېلى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە كورونا ۋىرۇسى شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خۇسۇسىي ئىگىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ خۇسۇستا توختالغاندا ھەممىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنسانلارنىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گوللاندىيەدە بۈگۈنگە قەدەر بايقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 1400 كىشىدىن ئاشقان. گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» 16-مارتتىن باشلاپ تاقالغان. رېستوران خوجايىنى زەينىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان.

ئەنگىلىيەدە بۈگۈنگە قەدەر يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى 1500 كىشىدىن ھالقىغان بولۇپ، پايتەخت لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تېلېفون ئارقىلىق ياكى يازما شەكىلدە گۇۋاھلىق بېرىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىلگەن.

نورۋېگىيەدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 17-مارت كۈنى 1300 كىشىدىن ئاشقان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كورونا ۋىرۇسى نۇرغۇنلىغان سەبىي بالىلار ۋە مەكتەپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىمۇ زور روھىي بېسىم پەيدا قىلغان.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ئالدىن تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان. بېلگىيەدە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 17-مارتقا قەدەر 1000 كىشىگە يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.