قەيسەر مېجىت كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مېجىت ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن يۇتۇب قانىلىدا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. قەيسەر ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىنكاس يېزىپ، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قەيسەر مېجىت ئەپەندى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى كارانتىن سەۋەبلىك ئامېرىكا ئىقتىسادىدا يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسلار ۋە بۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەم تىرىكچىلىكىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

قەيسەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچراۋاتقانلار ئامېرىكانىڭ مۇلازىمەت ساھەلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئامېرىكانىڭ مۇلازىمەت ساھەلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.