5-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ 32- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، كېسەللىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. لېكىن، چېن چۈەنگونىڭ بۇ يىغىندا يەتكۈزگەن شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى مىللەتلەر سىياسىتىگە ئائىت بولۇپ، ئۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ۋە«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە» سىياسىتىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ شىنجاڭ گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە» پائالىيىتى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ چىقىلغان. يىغىندا «بارلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى دوكلاتى روھى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش»، « پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە، مىللىي ئىتتىپاقلىق دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»،« جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قارىشىنى كۈچەيتىش» مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە »، «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نى تېخىمۇ قەتئىي، تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىشقا قارىتىلغانىدى.
چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن گوللاندىيەدىكى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مىللىي سىياسىتى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئاسىيە ئۇيغۇر خىتاينىڭ 2- قېتىملىق مىللەتلەر سىياسىتى ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىدا، شى جىڭپىڭنىڭ بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق تەرەققىيات نىشانى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە خانىم خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەگە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە، خىتايدا تارقالغان سىن فىلىملىرىنى ئاكتىپ يوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇمرەت داۋۇت خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتىنى ئۆزى يوللىغان سىن فىلىملىرى ۋە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرى ئارقىلىق بايان قىلدى.
زۇمرەت خانىم بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتىدە ئاتالمىش خىتاي قوشماق تۇغقانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خالىغانچە ئورۇنلىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا خىتايلارنى ئۆز ئۆيلىرىدە مېھمان قىلىش ئاھالىلەر كومىتېتلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ۋەزىپە ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئاتالمىش خىتاي قوشماق تۇغقانلىرىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە، ھەتتا بەزى ھاقارەت خاراكتېرىلىق ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئاشكارىلانغان قوشماق تۇغقانلار ھەققىدىكى سىن فىلىملىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى نامىدا ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى 90 % تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى نىشان قىلىپ، «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش»،«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى»،«قوشماق تۇغقان» قاتارلىق سىياسەتلەرنى قانۇنىي ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمىدە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، شى جىڭپىڭنىڭ « جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق تەرەققىيات نىشانى » نامىدا باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇپ، خىتاي مىللىي گەۋدىسىدىكى خىتاي دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
