خىتاي، نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە بارغانچە يۇقىرىلاۋاتقان نوپۇسنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئەر-خوتۇنلارنى بىر بوۋاق بىلەنلا چەكلەيدىغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى 1979- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغانىدى.
پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە خىتايدىكى نوپۇس مەسىلىسىگە ئائىت دوكلاتلاردىن مەلۇمكى، گەرچە بۇ سىياسەت خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنى مەلۇم جەھەتتە كونترول قىلغان بولسىمۇ، بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي جەمئىيىتىدە قېرىلىشىش، ياش ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك، نوپۇستىكى جىنسىي نىسبەتنىڭ كېڭىيىشىگە ئوخشاش، نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە زەنجىرسىمان كىرىزىسلارغا مەنبە بولغانلىقى يېڭى مەسىلە ئەمەس.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نوپۇس كرىزىسى دۇچ كەلگەن خىتاي، 2016-يىلى يالغۇز پەرزەنتلىك سىياسىتىنى، ئىككى بالىغا رۇخسەت قىلىشقا ئۆزگەرتتى، ئەمما بېقىش خىراجىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىدىن خىتاي ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى ئەر-ئاياللار بىردىن كۆپ بالىلىق بولۇشنى خالىمايدىغان بولغان. خىتاي ياش ئاياللارلا ئەمەس ھەتتا ئەرلەرمۇ بالا تېپشنى بېسىم ھېس قىلغىنى ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن قىسرلاش تەدبىرلىرىنى ئالغان. 2020-يىلى، تۇغۇلۇش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تۆۋەنلىگەن.
BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان تۇغۇت نىسبىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 3 بالىلىق بولۇشقا رۇخسەت قىلىش قارارىنى ئالغانىكەن.
CNN نىڭ بۇ ھەقتە 1-ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىگە قارىغانفدا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىلىرىنى ئادىل ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمما خەلقئارادا، يەنىلا ھەر ساھەنىڭ ھەممىدىن بەك كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جوشۇا روزېنزۋېگ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ؛ «ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ قانچە پەرزەنتلىك بولۇشنى بەلگىلەپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئاشۇ ئائىلىنىڭ شەخسىي ئىشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي پۇقرالارنىڭ ئۆز خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا جازا بېرىشتەك خاتا قىلمىشنى توختىتىشى لازىم» دېگەن.
بەزى تەنقىدچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ ئەسلى سەۋەبى. بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى پوزىتسىيەسىدە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ خەۋەردە دېيىلىشىچە،
2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەكسىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق يولغا قويغان، بۇنىڭ زەربىسىدە 2018-يىلى يەرلىك تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۈچتىن بىرى تۆۋەنلىگەن ھالغا كەلگەن. بېيجىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىن قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىك تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.
CNN ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى دارىن بايلېرنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ ئۇ مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ بىر قانچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر بىر ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ سانىدىكى بارلىق نورمىلارنى چىقىرىۋېتىشنى خالىمايدۇ. ئەمما بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، بۇ سىياسەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا رايونلاردىكى نوپۇسى كۆپ بولغان ئاز سانلىق مىللەت توپى بىلەن نوپۇسنى چەكلەش ئۇرۇنۇشىنى ئاقلاشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ».
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون، ئاخبارات ۋە تىۋىتتېرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا خىتاينىڭ بۇ قارارىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلاردىن بىرى. ئۇ 1-ئىيۇن بۇ ھەقتە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە سۆز قىلىپ: «30 يىللارچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پەقەت بىرلا بالا ئېلىشىغا يولغا قويۇشى ۋە ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلارنى ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن نۇرغۇن كەمسىتىش ۋە پاراكەندىچىلىككە سېلىشى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق، نوپۇس قۇرۇلمىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەسىدە زور بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، خىتاي سىياسىتى سەۋەبلىك چوڭقۇر كرىزىسلارغا پاتقان ۋاقىتتا 5 يىل ئىلگىرى ئىككى بالا ئېلىشقا، ئەمدىلىكتە 3 بالا ئېلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتلىرىنىڭ پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، ئەمما كېيىنكى 20، 30 يىلدىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولالمايدۇ».
سوفى رېچاردسون خانىم، بولۇپمۇ بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ تېخىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنىشى تېخىمۇ بىمەنىلىك. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي قىسرلاشتۇرۇلىۋاتقان، ئۇلار ئارتۇق پەرزەنت كۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر جەرىمانە ھەتتا ئېغىر جازاغا ئۇچراۋاتقان، قاتتىق باستۇرۇپ سىياسەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي پۇقرالىرىغا 3 بالا ئېلىشنى يولغا قويۇشى يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي سىياسىتىنىڭ، ئىرقچىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەي نېمە؟ گەپنىڭ قىسقىسى بالىلىق بولۇش-بولماسلىق، قانچە بالىلىق بولۇشنىڭ ھەممىسى ئىنسان ۋە ئائىلىلەرنىڭ شەخسى ئىشى، بۇنىڭغا ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىش ھەققى يوق، خىتاي بۇ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ شەخسى ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ھەممىدىن ئاۋۋال خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.»
خىتاي، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىىتىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە گەرچە شەھەر نوپۇسىغا 2 ۋە يېزا نوپوسىغا 3 پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، بۇنى ئىجرا قىلىشتا ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىمۇ بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە پىلاننىڭ سىرتىدا بالا ئالغانلارغا ئېغىر جەرىمانە ۋە جازالاش يۈرگۈزۈپ كەلگەن.
بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماشقا باشلىغاندا، ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شۇ سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامالغان.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان روزىنىسا، يېقىندا پاش بولغان قارىقاش ھۆججىتىدىن ئۆزىنىڭ يۇرتى قارىقاشتىكى ھەدىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ، ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگىنى ئۈچۈنلا، تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە پۇقرالىرىغا 3 پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم، ئاياللارنى دورا بېرىپ، قىسرلاشتۇرۇپ بوپتۇ، ئەمدى ئۇلارنى 3 نى تۇغۇڭ دېسە قانداق تۇغىدۇ؟ ئىچكى تەرەپتىن ھەممە ئادەمگە زەربە بېرىپ بولغان تۇرسا، ئەمدى ئۇلار 10 نى تۇغۇڭلار دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ».
تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆكۈمەت ھۆججىتىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ «پىلانلىق تۇغۇت (سىياسەت) گە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلارغا ئېغىر ھۇجۇم قىلىشقا» يول-يورۇق بەرگەن. شۇ يىلدىن باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى «تۇغۇت چەكلەش قىلمىشلىرىنى كونترول قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى» نى باشلىغان. 2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا IUD تۇغۇت چەكلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما زېنز ئۇيغۇر رايونىدا ھەر 100 مىڭ ئادەمدە 963 كە ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىمۇ رادىئومىز ۋە باشقا ئاخباراتلارغا ئارقا ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي قىسرلاشتۇرۇلغانلىقى، 18 ياشتىن باشلاپ تۇغۇت يېشىدىكى بارلىق قىز-ئاياللارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرىگە مەجبۇرىي ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغانىدى.
بالا ياتقۇسى ئېلىۋېتىلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئامېرىكاغا كېلىشتىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇخۇم توشۇپ نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان. خاتا قىلىنغان بۇ تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى ئاخىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ھازىرغا ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەن.
زۇمرەت: «خىتاي ئۆزىنى ئاشكارىلىدى، خىتاي بوغدۇرىۋەتكەن بۇرۇنقىلارنى قانداق قىلىدۇ، جەرىمانە تۆلىگەنلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ ماڭا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تۆلىگەن بەدەلنى قانداق قىلماقچى ئىكەن؟» دەپ خىتايغا سوئال قويدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ماي خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان سىياسىي بيۇرو يىغىنىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەملىكىتىمىزنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا، دۆلەتنىڭ ياشانغانلار توپىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۈچ بالىلىق سىياسىتىنى بوشاشتۇرۇشنى كەڭ تىلغا ئالمىدى، خىتاي يېڭى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە قانۇنلۇق ئەر خوتۇنلارنىڭ 3 پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇلىدىغانلىقى خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋە تاراتقۇلىرىدا 31-ماي باش خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرىدە شۇ كۇنىلا كەڭ تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ تىۋىتتېر ئىنكاسلىرىدا ئۇلار «بۇ خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىدىكى ئىرقچىلىقىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ» دەپ يازماقتا.
