كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2023-يىللىق دوكلاتىدا ئورتاق خەلقئارالىق ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى
2023.01.13
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى تىرانا ھاسسان (Tirana Hassan) خانىم AFP مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2023-يىلى 11-يانۋار، لوندون.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2022-يىلى ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باھا بېرىلگەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە ئۆتكەن بىر يىلدا خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان دىققىتى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك كۈچلۈك بولغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 12-يانۋار كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالىنىدىغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. «دۇنيا دوكلاتى 2023-» نىڭ بۇ يىللىق باش تېمىسى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە دۇنياۋى رەھبەرلىكنىڭ يېڭى ئۈلگىسى» دەپ قويۇلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى تىرانا ھاسسان (Tirana Hassan) دوكلاتقا يازغان كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«2022-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرى جۈملىدىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى خەلققە قىلغان قەستەن ھۇجۇمى ۋە شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياراتقان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىسى ۋە ھەمدە تالىباننىڭ مىليونلىغان ئافغانىستانلىقلارنى ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچار قىلىشىدەك كىرىزىسلاردىن چىقىرىدىغان يەكۈنىمىز ناھايىتى ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ جازاسىز ۋە ئاقىۋەتسىز قېلىشى ئىنسانلارنى پۈتمەس-تۈگىمەس ئازاب-ئوقۇبەت دېڭىزلىرىغا غەرق قىلىدىغانلىقىدۇر.»
تىرانا ھاسسان مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆتكەن بىر يىل ھەرقايسى رەھبەرلەر ئۈچۈن ئەگەر رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 2014-يىلى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالانغان بولسا بۈگۈنكىدەك ئەھۋال كەپ چىقامتى، دېگەن سوئال ئۈستىدە ئويلىنىدىغان يىل بولۇشى كېرەك. 2022-يىلى بىزگە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى جازاسىز قويماسلىقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا قانچىلىك مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم يادىمىزغا سالدى.
ئوخشاش ۋاقىتتا 2022-يىلى يەنە يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى».
ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رۇسىيەگە قارشى ھەرىكەتكە كەلگەن. ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا سۆزىدە ئەسكەرتىپ «دۇنيانىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە قايتۇرغان ئىنكاسى بىزگە ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ۋە كەڭ يېيىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلىپ بەردى» دېگەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۈز بەرگەن دەپسەنچىلىكلەرگە مۇشۇنداق ئورتاق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.
كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل خىتاي ئۈچۈنمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولغان. جۈملىدىن، خەلقئارانىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرگە بولغان دىققىتى كۈچەيگەن. دوكلاتتا مۇنۇلار دېيىلگەن:
«خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان دىققىتى كۈچەيدى. سەككىز ھۆكۈمەت 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلدى. 2022-يىلى 6-ئايدا، ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى يولغا قويۇلدى. . . 8-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، رايوندىكى دەپسەندىچىلىكلەر ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن› دەپ خۇلاسە چىقاردى».
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا باستۇرۇش كۈچەيگەن. كىشىلەر كوۋىد-19 يۇقۇمى قامالى تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن ئېغىر چىقىم تارتقان. ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يولغا قويۇلغان يۇقۇم قامال تەدبىرلىرى ھەرقانداق يەردىن بەك ئېغىر بولغان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان سىياسىي باش كۆتۈرۈش كۆرۈلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى سۈپىتىدە 3-قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ماۋ زېدوڭدىن بۇيانقى دۆلەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر بولدى. 10-ئايدا، بىر كىشى بېيجىڭدىكى كۆۋرۈككە شوئار يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىپ، ‹دىكتاتور شى جىنپىڭ› نىڭ ئەمىلىدىن ئېلىنىشىنى، خىتاي پۇقرالىرىغا ئەركىنلىك ۋە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ يالغۇز نامايىشچى كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامايىشچىلارنى ئىلھاملاندۇردى.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچىيۇ لوندوندىكى ئاخبارات يىغىنىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«2022-يىلى خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ كەسكىن بىر يىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۈمىد بېغىشلايدىغان يىل بولدى. كەسكىن بولۇشى خىتايدىكى پۇقرالار ئىنتايىن قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى، ئاچ قالدى ھەتتا ئۆلگەنلەر بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى نامايىش كەپ چىققاندىن كېيىن شى جىنپىڭ ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا كىشىلەرنى قويۇۋەتتى. ئەمدىلىكتە دۆلەتتە ۋىرۇس كەڭ يامراۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كوۋىد سىياسىتى بىزگە خىتايغا مەڭگۈلۈك رەئىس بولۇۋالغان شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ھېچقانداق بىر چەكلىمىسىز، سوئال-سوراقسىز ھالدا ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۆلەتلەر چوقۇم دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچىگە ئىگە خىتاينى باشقۇرۇۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇشىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئەپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك».
ئۇ، سۆزى داۋامىدا يەنە 2022-يىلىنى ئۈمىد بېغىشلايدىغان يىل، دەپ قارىشىدىكى سەۋەبنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى:
«2022-يىلى ماڭا ھەم باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان يىل بولدى. چۈنكى چېكىدىن ئاشقان يۇقۇم قاماللىرىدىن زېرىككەن خەلق ئاخىرى كوچىلارغا تۆكۈلدى. ئۇلار پەقەت يۇقۇم تەدبىرلىرىنىلا تەنقىد قىلىپ قالماي بەلكى ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلدى. بەزىلەر ھەتتا شى جىنپىڭنى تەختتىن چۈشۈشكە، كومپارتىيەنى يوقىلىشقا چاقىردى. بەزىلەر ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى كۆرسەتتى. . . مەنچە بۇ بىر ئۆزگىرىش. چۈنكى ئىلگىرى خىتايدىكى نامايىشلار پەقەت بىر ۋەقە ئۈستىدە بىر يەردە بولاتتى، مەسىلەن تۆۋەن مائاش ۋە ياكى يەر مەسىلىسى دېگەندەك. ئەمما بۇ قېتىم كىشىلەر سىياسىي تەلەپ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.»
ۋاڭ ياچىيۇ سۆزى داۋامىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشلارنى توختاتقاندىن كېيىن، جىمجىت ھالدا نامايىش قاتناشچىلىرىنى تۇتۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنى قەيت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشىنىڭ خىتايدىكى ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى سىياسىتىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىرىشچانلىق دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارانىڭ بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشى كۈچەيگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن يىل 9-ئايدىكى دوكلاتىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بەزىلىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تەخمىنەن يېرىم مىليون ئادەمنى جازاغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر تۈرمىلەردە ياتماقتىكەن.









