خىتاي ساقچى: «داۋانچىڭدا لاگېر يوق!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ بىر ياندىن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ بىر ياندىن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
REUTERS

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىشىغا قارىماي، يېقىندىن بۇيان غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ دەلىللىك مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاش قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا. كۆپلىگەن سىن فىلىملىرى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنماقتا. بۇ ساھەدە ئەرەب ئەللىرىگە ئوخشاشلا ھېچبىر ئىنكاسى كۆزگە چېلىقمىغان فرانسىيەدە بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ساھەگە قەدەم باسماقتا.

يېقىندا فرانسىيەنىڭ پۈتۈن ياۋروپاغا تارقىتىلىدىغان ئا ر ت ئە قانىلى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: خەتەرگە يولۇقۇۋاتقان خەلق» ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ گېرمانچە تەرجىمىسىنىڭ 14-ماي يۇتۇب قانىلىغا قويۇلغان نۇسخىسىنى 3 كۈن ئىچىدىلا كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 50 مىڭ كىشىگە ئۇلاشقان، خىتايغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سانى 1800 كىشىدىن ھالقىغان.

قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا بۇ قەدەر جىددىي دىققەت قوزغىغان مەزكۇر فىلىمدا لاگېر شاھىتلىرىدىن تۈركىيەدىكى باھارگۈل، قازاقىستاندىكى سايراگۈل ساۋۇت، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىغان كانادادىكى خىتاي ئوقۇغۇچى شاۋن جاڭ قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، داۋانچىڭ، خوتەن رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ساقچىلىرىمۇ زىيارەت قىلىنغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن.

فىلىمدا شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بولغان بۇ مۇخبىرلار ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئايلىنىدۇ. يوللار، دۇكانلار، تاكسىلار ھەتتا ھاجەتخانىلاردىن تارتىپ كامېرا ئورنىتىلغان بۇ شەھەردە قەدەمدە بىر ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشلىرىغا، «بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ، سۈرەتكە تارتىشقا، كامېراغا ئېلىشقا بولمايدۇ» دەپ دوق قىلىشلىرىغا ئۇچرايدۇ. 7 قېتىم تۇتۇپ تەكشۈرۈلىدۇ.

مۇخبىرلار يەنە ئۈرۈمچىدىكى قاتار كەتكەن پېچەتلەنگەن دۇكانلارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ نەدىلىكىنى كوچىدىكىلەردىن سورايدۇ. بىر ئۇيغۇر كىشى «داۋانچىڭدا، نۇرغۇن ئادەم شۇ يەرگە ئاپىرىۋېتىلدى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مۇخبىرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، 120 مىڭ كىشىنىڭ قامالغان بولۇش ئېھتىماللىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان داۋانچىڭدىكى لاگېرغا يېقىنلىشىدۇ. ئەمما يولدا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدۇ. ساقچىلار سورايدۇ: «نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» مۇخبىرلار جاۋاب بېرىدۇ: «داۋانچىڭدىكى لاگېرنى فىلىمگە ئالماقچى ئىدۇق». ساقچىلار قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ: «داۋانچىڭدا لاگېر يوق. يوق! يوق! يوق!»

گەرچە خىتاي ساقچىلىرى «داۋانچىڭدا لاگېر يوق» دېگەن بولسىمۇ، مۇخبىرلار يەرلىك خەلقلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق داۋانچىڭدا لاگېر بارلىقىنى، بەلكى قانچە 10 مىڭ كىشىنىڭ ئۇ يەرگە قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۇ فىلىمدا داۋانچىڭدىكى لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

مۇخبىرلار فىلىمدا خوتەندىكى بىر لاگېرغا يېقىنلىشىدۇ. لاگېرلار ئەتراپىدا پەرىشانچىلىق ئىچىدە يۈرگەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن «بۇ يەر قەيەر؟» دەپ سورايدۇ. بىر ئۆسمۈر «مەكتەپ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «بۇ يەردە نېمە ئۆگىنىدۇ؟» دەپ سورايدۇ مۇخبىر. ئۇيغۇر ئۆسمۈر بولسا «دۆلەت تىلىنى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە دەرھال مۇخبىرلاردىن يىراقلىشىدۇ. مۇخبىر يەنە بىر ياشتىن «بۇ يەردە سېنىڭ بىر كىمىڭ بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ ياش بولسا «چوڭ ئاكام بار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «ئاكاڭ نېمە ئۈچۈن سولاپ قويۇلدى؟» دېگەن سوئالغا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مۇخبىر «ئۇلار لاگېردا نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ ياش بولسا «كوممۇنىستىك پارتىيەنى ئۆگىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

مۇخبىرلار خىتاي ھاكىمىيىتى دۆلەت ئىچىدىكى خەلققە «مەكتەپ» ياكى «تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان قاتار-قاتار كەتكەن بۇ بىنالارنىڭ سىم توساقلار، تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى، ھەربىر سانتىمېتىر يەرنىمۇ چالا قويماي سۈرەتكە ئالىدىغان كامېرالارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ.

فىلىمدا يەنە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان بۇ دىياردا ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا «قاچان مېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ لاگېرغا سولاپ قويار» دەيدىغان ۋەھىمە ئىچىدە ھايات كۆچۈرۈپلا قالماي، بەلكى بۇ ئەلدىكى قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش ۋەھىمىگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. خىتاي بولمىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ كوچىلاردا ھەر دوقمۇشتا بىر تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، چىراي تونۇش ئۈسكۈنىلىرى، قول تېلېفون نازارىتى، ھەتتا سودا سارايلىرى، ئاپتوبۇسلارغا چىقىشتىمۇ بەدەن تەكشۈرۈشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ مەزكۇر فىلىمگە يۇقىرى باھا بېرىپ، فىلىمدا خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

لاگېر ئىچىدىكى قاباھەتلىك ھايات ھەققىدە بۇ فىلىمدا شاھىت باھارگۈل، سايراگۈل ساۋۇتلارنىڭ بايانلىرىنى يىپ ئۇچى قىلغان بولسا، بۇ لاگېرلارنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كانادادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ دەلىللىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ لاگېرلارغا قارشى ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، نامايىشلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. 

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ فىلىم ھەققىدە توختالغاندا فىلىمنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى نىسبەتەن روشەن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

مەزكۇر فىلىمنىڭ گېرمانچە نۇسخىسىنىڭ 3 كۈن ئىچىدىلا بۇ قەدەر دىققەت چەككەنلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا 27 دۆلەتتىكى 300 مىليون نوپۇس ئىچىدە قانچىلىك دىققەت قوزغىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت