«شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى ئىزدەش» ناملىق سىن كۆرۈنۈشىدىكى لاگېرلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.11.17
«شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى ئىزدەش» ناملىق سىن كۆرۈنۈشىدىكى لاگېرلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى لاگېرلارنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن خەرىتىنى بويلاپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئايلانغان «گۇەن گۇەن» ئىسمى بىلەن يۇتۇب قانىلى ئاچقان خىتاي يۇتۇبېر.
Social Media

ئۆتكەن يىلى «باز فىد» (BuzzFeedNews)‏ خەۋەر تورى «خىتاي مۇسۇلمانلارنى تۈرمىگە سولاش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مەخپىي يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇردى» ناملىق بەش بۆلۈملۈك بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغانىدى. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇلار خىتاينىڭ خەرىتە سۇپىسى بولغان بەيدۇ خەرىتىسىدىن كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويۇلغان ئورۇنلارنىڭ لاگېرلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانىدى. بۇ تەكشۈرۈش ماقالىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئانالىزچىسى ئالىسون كېللىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا «خىتاينىڭ قاتتىق نازارەت ۋە كونترول قىلىشى سەۋەبىدىن ژۇرنالىستلار ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش قىيىن ئىدى. شۇڭا بىز سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى سۈرىتىدىن پايدىلاندۇق» دەپ يازغان.

يېقىندا «گۇەن گۇەن» ئىسمى بىلەن يۇتۇب قانىلى ئاچقان خىتاي يۇتۇبېر، يەنى يۇتۇب ۋىدىيولىرىنى تارتقاتقۇچى «باز فىد» خەۋەر تورى سۈنئىي ھەمراھنىڭ ياردىمى بىلەن تەكشۈرۈپ چىققان لاگېرلارنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن خەرىتىنى بويلاپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئايلانغان. «گۇەن گۇەن» ئىسمىلىك بۇ قانالدا تارقىتىلغان «شەھەر-يېزىلاردا ئىختىيارى تارتىلغان رەسىملەر، 5-بۆلۈم: شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى ئىزدەش» ناملىق سىن كۆرۈنۈشىنىڭ بېشىدا بېرىلگەن يازمىلارغا قارىغاندا بۇ سىن كۆرۈنۈشى 2020-يىلى تارتىلغان.

Lager-Delilliri-GuanGuan-01.jpg

سىن كۆرۈنۈشىدە «گۇەن گۇەن» بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى تارتىش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى ‹باز فىد› خەۋەر تورىدا بىر دوكلاتىنى كۆردۈم. سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان لاگېرلارنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپتۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر قىلىشى تولىمۇ تەس. شۇ چاغدا شۇنداق ئويلاپ قالغانتىم، ‹چەتئەللىك مۇخبىرلار شىنجاڭغا بارالمايدۇ، لېكىن مەن بارالايمەن›».

بۇ سىن كۆرۈنۈشىگە ئاساسلانغاندا «گۇەن گۇەن»، «باز فىد» خەۋەر تورى ياسىغان خەرىتىگە ئاساسەن قۇمۇل، ئۈرۈمچى، سانجى، كورلا قاتارلىق جايلارنى ئايلانغان. ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەردىكى جەمئىي 18 لاگېرنىڭ ئورنىنى تاپقان ۋە يىراقتىن سىنغا ئالغان.

Lager-Delilliri-GuanGuan-03.jpg

سىن كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا لاگېر، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى دەپ كۆرسەتكەن ئورۇنلار ئاساسەن شەھەردىن يىراق ناھىيەلەرنىڭ مەركەزدىن يىراق يەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئورۇنلار تىكەنلىك سىم بىلەن ئورالغان ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان. ھەممىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئېگىز قاراۋۇللۇق كۆزىتىش ئورنى بار بولۇپ، ئىشىكلىرى ئېغىر تۆمۈر ئىشىكلەر بىلەن چىڭ تاقالغان. ئىچىدىكى بىنالارنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى ئاساسەن ئوخشاش بىر شەكىلدە، لېكىن ئوخشىمىغان رەڭدە ئىكەن. بىنادىكى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى كىچىك، ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

«باز فىد» خەۋەر تورىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئانالىزچىسى ئالىسون كېللىر ئۆزىنىڭ تۋىتتېر سۇپىسىدا ناھايىتى تەپسىلىي بىر چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە تېپىلغان لاگېرلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى دوكلاتىدىكى لاگېر ئورۇنلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن لاگېرلارنى تاپقانلىقىنى يازغان.

ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ سىننى كۆرگەن ۋاقتىمدا ناھايىتى ھەيران قالدىم. ئۇ سىننىڭ ھەيران قالارلىق تەرىپىنىڭ بىرى بولسا سىنغا ئالغان كىشىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئۇ يەردىكى لاگېرلارنى ئىزدەشتىكى جاسارىتى. ئۇ بارغان بەزى لاگېرلار ناھىيەلەردە بولغاچقا، ئەگەر تۇتۇلۇپ قالسىمۇ ئېزىپ قالدىم، دەپ قۇتۇلغىلى بولغان بىلەن، كۆپىنچىسى ئادەمسىز يەلەر، ئۇ يەرلەرگە يامىشىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ بارغان. ئەگەر ئۇ يەرلەردە تۇتۇلۇپ قالغان بولسا باھانە كۆرسىتىپ قۇتۇلۇشى تەس بولاتتى. ئۇ ھەقىقەتەن باتۇرلۇق قىلدى، بىز مۇشۇ ئۇچۇرلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارمىز. ئاشۇ يەر يۈزىدىن، يېقىندىن تارتقان رەسىملەر بەك مۇھىم ئىدى. بىز مۇشۇ رەسىملەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتقان رەسىملىرىمىزنى جەزملەشتۈرەلەيمىز. ئەڭ مۇھىمى بۇ كۆرۈنۈشلەر لاگېرلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈش. چۈنكى بىز بەزى ئورۇنلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كامېرالارنى ئېلىۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان ئىدۇق. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كىشى ھەتتا بىز ئېنىقلىيالمىغان، لاگېر شاھىتلىرىمۇ دەپ باقمىغان لاگېرلارغا بېرىپتۇ. بۇ كۆرۈنۈش ھەم بىزنىڭ بۇرۇنقى تەكشۈرۈشلىرىمىزنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋە لاگېر سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى مەنبە بولدى».

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيسېن رۇسىرمۇ بۇ سىن كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تۋىتتېر سۇپىسىدا تەپسىلىي ئانالىز ئېلىپ بارغان. ئۇ گېئولوگىيەلىك نۇقتىدىن تۇرۇپ «گۇەن گۇەن» تارتقان سىن كۆرۈنۈشلەرنى تەھلىل قىلغان. ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇنىڭ بۇ سىنئالغۇنى ئېلىشمۇ ئاسانغا توختىمىغان. ئۇ پىيادىلەر يولىدىن تەخمىنەن 2 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىنانى سۈرەتكە ئاپتۇ. قۇمۇلدا سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشتىكى قۇرۇلۇش ئىنتايىن كىچىك ئىدى. 2017-يىلىدىن باشلاپ كېڭەيتىلگەن. ئۇنىڭ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا ھەتتا بەزىلىرى تۇنجى قېتىم بايقالغان لاگېرلار. ئۇ كۆرۈنۈشلەردە يەنە ئېگىز تاملارنىڭ ئىچىدىكى تىكەنلىك سىملارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ تىكەنلىك سىملار مەھبۇسلارنىڭ ھەتتا تۈرمىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇلارنى پەقەت ئۆزى تۇرغان كامېرنىڭ ئەتراپىدا كونترول قىلىدۇ. شىنجاڭدىكى بەزى لاگېرلار 2019-يىلدىن باشلاپ بۇ خىل سىملىق رىشاتكىلارنى ئېلىۋەتكەن».

ئۆتكەن يىلقى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ يەنە بىر مۇخبىرى مېگا راجاگوپالان 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن 2017-يىلى لاگېرلارنى زىيارەت قىلغان. لاگېرلارنىڭ فورماتلىرىنى، شەكلىنى بىلىمەن. بىر قاراپلا ئۇ يەرلەرنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ يەرلەر ئادەتتە بەك مۇستەھكەم ياسالغان بولىدۇ، ئېگىز تاملار، تامنىڭ ئۈستىدە سىم توسۇقلار ئورنىتىلغان بولۇپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئۆزى خالاپ كىرمەيدىغانلىقى ئېنىق. مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇ لاگېرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تاپالمىدىم».

ئالىسون كېللىر ئۆزلىرىنىڭ نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى «پولاتتەك ئىسپات، ھېچكىم لاگېر مەسىلىسىنى رەت قىلالمايدۇ» دەپ قارىغانلىقىنى، «گۇەن گۇەن» تارتقان بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ «باز فىد» نىڭ «پولاتتەك ئىسپات» لىرىغا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىسپات بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ كىشىنىڭ قىلغىنى بەك كۈچلۈك ئىسپات بولدى، بۇ ئىسپاتلارنىڭ ئالدىدا كىشىلەر لاگېرلارنى ئىنكار قىلالمايدۇ. لاگېرلار قولىمىزدا نۇرغۇن ئىسپات بار. بىز قانچىلىك زىچلىقنى ھېسابلىماي پەقەت نورمال كۆرۈنگىنى بويىچە ھېسابلىساقمۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر سان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئېنىقلىغان لاگېرلارنىڭ ئورنى بىلەن بۇ كىشىنىڭ يەر يۈزىدە تۇرۇپ تاپقان لاگېرلارنىڭ ئورنىنىڭ شۇ ئىكەنلىكى بۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىسپات. نۇرغۇن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرى بار. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرى بار. يەنى قولىمىزدا ھازىر لاگېرلار ھەققىدە تاغدەك ئىسپاتلىرىمىز بار. مۇشۇنداق ئىسپاتلارنىڭ ئالدىدا يەنىلا لاگېرلارنى ئىنكار قىلىش پۇت تىرەپ تۇراپ تۇرالمايدۇ».

«گۇەن گۇەن» ئىسىملىك كىشى سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئاخىرىدا كۆرۈرمەنلىرىگە مۇنداق دېگەن: «خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار شىنجاڭدىكى لاگېرلار ھەققىدە نۇرغۇن دوكلاتلارنى ئېلان قىلدى. مەن ئالدىنقى قېتىم شىنجاڭغا بارغاندا شۇ يەردىكى خىتايلاردىن سۈرۈشتە قىلغان ئىدىم. ئاڭلىشىمچە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە باشقا جايلارغا ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارمۇ لاگېرلارغا سولانغان. مەكتەپتىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمىغان. 2019-يىلىدا خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن ئويغىنىش ھەرىكىتىنى خىتاي كونتروللۇقىدىكى ساقچىلار خەلقئارا مېدىئانىڭ كۆزى ئالدىدا قانلىق باستۇرغان. شۇڭا شىنجاڭغا ئوخشاش خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كېرەلمەيدىغان رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆزى باشقىلارغا قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلار، باشقىلارنىڭمۇ قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بالدۇرراق يىمىرىلىشنى، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى تىلەيمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.