بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31-يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-04-05
Share
بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31-يىللىقى خاتىرىلەندى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنىڭ 109-كۈنىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى. 2021-يىلى 5-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
RFA/Azigh

18-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا باشلانغان، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنىڭ 109-كۈنىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، يەرلىك ۋە چەتئەللىك ژۇرنالىستلار، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە پۇقراۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە تۈركچە قاتارلىق تىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك قەتلىئاملىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە قەتلىئامدا ۋاپات بولغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلىدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنىڭ 109-كۈنىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى. 2021-يىلى 5-ئاپرېل، ئىستانبۇل.

پائالىيەتكە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتېتى ئەزاسى دوكتور سەرۋەر ھالى خانىم قاتناشتى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار قانداشلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن يۇقىرى ئاۋازدا خىتايدا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىققا توختا دېيىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. لېكىن 2017-يىلىدا خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامسى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىلەندۈردى. تۈرك مىللىتىنىڭ ۋىجدانى بۇنىڭغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ. ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلغان بۈگۈنكىدەك ۋاقىتتا تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى قوبۇل قىلغىنى بولىدىغان ئىش ئەمەس».

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئىچىدە ئىۋمە ھەرىكىتى نامىدا سىياسىي پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان سوسيال دېموكراتلار فوندى ئىجرا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېلى تىرالى ئەپەندىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش دەۋرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدۇر. ئەڭ چوڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەشتۇر.»

ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى تۈركىيەدە كۈچلۈك تەسىر قوزغاۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى داڭلىق سىياسەتچىلەردىن مەرال ئاكشەنەر، مەنسۇر ياۋاش قاتارلىقلار تىۋىتتىردا ئىپادە بىلدۈرۈپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31-يىلىنى خاتىرىلىگەن.

بىز پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ۋە ئالىمجان تۇردى ئەپەندىملەرنى زىيارەت قىلدۇق. بۇرھان ۋە ئالىمجان ئەپەندىم پائالىيەتنىڭ جەريانى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

1990-يىلى 5-ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئېلى ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پارتلىغان نارازىلىق نامايىشى ۋە قارشىلىق ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان.

بارى ئىنقىلابى ئۇيغۇر سەرخىللىرى تەرىپىدىن ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن شانلىق بىر ئىنقىلاب دەپ تەرىپلەنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت