23-ئاپرېل، تۈركىيە مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە يېقىنلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ساراچان باغچىسىغا يىغىلىپ نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر پائالىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۈركىيەدە ھەرخىل ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقان 100 گە يىغىن كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن شوئار توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ يېقىنلىرى، يەرلىك پۇقرالار، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلار، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندونېزىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشقان.

مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن شەرقىي تۈركىستان لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز ۋەتىنىمىزدىكى بالىلار لاگېرىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن، ئاتا-ئانىسىنى پەقەت چۈشىدىلا كۆرۈۋاتقان، ھەر كۈنى قار-يامغۇر يىغلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈۋاتقان، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئايرىۋېتىلىپ، خىتاي بولۇپ يىتىشتۈرۈلۈۋاتقان سەبىي بالىلىرىمىز ئۈچۈن 23-ئاپرېل بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق. پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان 21-ئەسىردە، بىز ۋەتىنىمىزدىكىلەر بىلەن، ئائىلىمىز ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىمىزنى، مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ھەرخىل قىيىن قىستاققا ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت چوڭلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كىچىك نارەسىدە بالىلارنىڭمۇ بۇ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تۈرك خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلدۇق».
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاجىز قاتلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللار ۋە بالىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ھەرىكەت ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بەدەل تۆلىگۈچىلىرى ھېسابلىنىدىكەن. تۈرمە ۋە لاگېرلاردا تۈرلۈك فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك خورلۇققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ يېتىمخانىلارغا سولانغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتى ئىكەن.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىپ سۆز قىلغان ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىقتىسادشۇناس دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا زۆرۈر بولغان كونكرېت خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.
2017-يىلىدىن ئېتىبارەن ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن، ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن يىللاردىن بۇيان ئالاقىلىشەلمەيۋاتقان تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرسىمان ئابدۇرىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. نۇرسىمان يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بىر پەرزەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەسىراتلىرىنى ۋە تىلەكلىرىنى قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۆز ئاۋازنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
«شەرقى تۈركىستان لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى» خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە يېقىنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، «مىللەت نۆۋەتتە»، «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۈركىيەدە ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.
ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن دەس تۇر» ناملىق نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
8-مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى، لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ئاساستا تۈركىيە ۋە چەتئەلدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن دەس تۇر» تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەت ئىزمىر، ئادانا، قەيسەرى، ئەسكىشەھەر قاتارلىق تۈرك شەھەرلىرىدىن باشقا، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.
لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى ئەزالىرى 8-مارت كۈنى، خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن سەككىز مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى. لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى پائالىيەتتە تۈركچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان فىزىكىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا قارشى پۈتۈن دۇنيانى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا چاقىردى.
لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن دەس تۇر» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن باشقا، تۈرك پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ژورنالىسىتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرىمۇ كۆپلەپ قاتناشقان.
پائالىيەتكە يەنە سائادەت پارتىيەسى ئاياللار شۆبىسىنىڭ رەئىسى بەيتىيە ئەكىنجى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ئىستانبۇل ئاياللار شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئويا ئالتىنسوي ئەرەن، ئىيى پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى تۈرك دۇنياسى تارمىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى نۇرجاھان ھاساندەدەئوغلى، ئىيى پارتىيەسى ئاياللار شۆبىسىنىڭ باشلىقى زەھرا تۈركمەن، ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى گۈلدەن سونمەز قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. مەزكۇر خەلقئارالىق نامايىش پائالىيىتى تەييارلىق جەريانىدا ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نۇرغۇن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى مەسئۇللىرى ئىستانبۇلدىن باشقا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى پائالىيەتلەرنىڭ شۇ جايلاردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەييارلىق جەريانى، قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن تەشكىلاتلار توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز قىلغان لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىدىن نۇرسىمان ئابدۇرىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر ئايال ۋە بىر لاگېر تۇتقۇنى يېقىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۆز ئاۋازنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى تۈركىيەدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر پۇقراۋى تەشەببۇس بولۇپ، «مىللەت نۆۋەتتە» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق تۈركىيەدە ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.