خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ۋىلايەتلىرىگە بىۋاسىتە بېرىپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانىدى.
«شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» نامى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 2-ئاۋغۇست كۈنى باشلىنىپ، 23-ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلاشقانىدى. 2-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى 17-سېنتەبىر كۈنى سىۋاستا باشلانغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر 15-ئۆكتەبىر كۈنى قارا دېڭىز ۋە ئىچكى ئاناتولىيە رايونلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى.
پائالىيەتچىلەر ئىككى قېتىملىق «ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىدە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، كۆرگەزمە ۋە نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈرك خەلقىگە بىرىنچى مەنبەدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.

«ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى جەريانىدا، مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ يېقىنلىرى ھەر قايسى شەھەرلەردە ھەر خىل سىياسىي پارتىيىلەر، پۇقراۋى تەشكىلاتلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشكەن.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىللىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن سىياسىي پارتىيىلەر ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياردەملىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توخbتىلىپ ئۆتتى.
لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئىزمىت شەھىرىدە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان. ئىزمىت شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، ئىزمىت خەلقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى لاگېر تۇتقۇنلىرى يىقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق شەكىلدە ياردەم بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، تۈرك خەلقنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزغىنلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.
پائالىيەت جەريانىدا لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى بىر ئايغا يېقىن ئائىلىسىدىن ئۇزاق قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر ھەر خىل ماددى ۋە مەنىۋىي قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، پائالىيەتنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان. ئىلى مەشرىپى ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ رەئىسى قۇدرەت غۇلجا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
2016-يىلىدىن كىيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلمەكتە.