لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئىلتىماسى يەنە قوبۇل قىلىنمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.12.03
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئىلتىماسى يەنە قوبۇل قىلىنمىدى تۈركىيە ساقچىلىرى پائالىيەتچىلەرنىڭ سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Azigh

2-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەكرار ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا باردى. ئىزچىل خىتاي لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىگە سولانغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياشلاردىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

تۈركىيە ساقچىلىرى پائالىيەتچىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى دېكابىر، ئىستانبۇل.

خىتاي كونسۇلخانىسى يىغىۋېلىش لاگېرى قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ كونسۇلخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلدى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلارنى كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ تاپشۇرۇۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. كونسۇلخانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئىلتىماسلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ كونسۇلخانىغا تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ھۆججەت كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. ھەتتا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ماتېرىيال تاپشۇرۇۋالغانلىقىغا ئائىت ھۆججەت چىقىرىپ بېرىش تەلىپى كونسۇلخانا تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئالدىغا چىققان تۈركىيە ساقچىلىرىمۇ كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «ئىلتىماسىڭلار قولىمىزدا، لېكىن ئىلتىماسنى ئالمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە سىلەرگە مەلۇمات بېرىلدى. سىلەرنىڭ بۇ يەردە توپلىنىشىڭلار ۋابا سەۋەبلىك توغرا ئەمەس.»

نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندىم كونسۇلخانىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىنىڭ قېرىندىشىم ۋە تۆت دوستۇم 4 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن ئۆتكەن قېتىمغا ئوخشاش خىتاي كونسۇلخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق. مەن پۈتۈن دۇنياغا ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاب قىلىمەن. بىزنىڭ ئىلتىماسىمىز ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش كونسۇلخانا تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ بەرسەڭلار بولىدۇ، لېكىن تاپشۇرىۋالغىنىمىزغا ئائىت ھېچقانداق ھۆججەت چىقىرىپ بەرمەيمىز دەۋاتىدۇ. خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى قەتئىي تاپشۇرىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەلىكە مەخمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز خىتاي پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى ۋە ھەق-ھوقۇقىنى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن سوراش ھوقۇقىمىز بار. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلىرى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھالدا دەلىل-ئىسپات بىلەن جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. لېكىن خىتاي كونسۇلخانىسى بىزنىڭ خىتايچە يېزىلغان ئىلتىماسىمىزنى تاپشۇرۇۋالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھەم ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ھەم خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ خىلاپ ئىش قىلىۋاتىدۇ.»

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن دادىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەمسىيە ئېلى خانىم ئۆيىدىكىلىرى ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە، ھەرگىز توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

14-ئاۋغۇست كۈنى لاگېر شاھىتلىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى تەشكىللىنىپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس سۇنماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي كونسۇلخانىسى ياشلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.