لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە سايراگۈل سائۇتباي بىلەن سۆھبەت
لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان دەۋرىمىزدىكى «ئۇيغۇر ئايال قەھرىمان» لىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا سودا قىلىش ئارقىلىق، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ 2 بالىنى قاتارغا قوشۇۋاتقان گۈلباھار جېلىلوۋا، 2017-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىگە تىجارەت ئۈچۈن بارغىنىدا خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ قازاقىستان گىراژدانى بولغىنىغا قارىماي، پەقەت ئۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا تاشلايدۇ.
15 ئايلىق قاباھەتلىك لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن گۈلباھار جېلىلوۋا 2018-يىلى سېنتەبىردە، قازاقىستاندىكى ئىككى پەرزەنتنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن دىپلوماتىك ياردەم تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. گۈلباھارنىڭ ھېكايىسى بۇ يەردە پۈتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تىرىك لاگېر شاھىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ.
قازاقىستاندا تۇرۇپ خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئاڭلىتىشقا كۆزى يەتمىگەن گۈلباھار ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، «بالىلىرىم مېنى كەچۈرۈڭلار كۆرگەنلىرىمنى دۇنياغا ئاڭلاتمىسام بولمايدۇ» دەپ پىداكارلىق بىلەن ئارقىغا ھەممىنى تاشلاپ، تۈركىيەگە كەلگەنىدى.
2020-يىلى ئۆكتەبىردە ئۇ فىرانسىيەگە كېلىپ پاناھلاندى. گۈلباھار جېلىلوۋا مەيلى قازاقىستاندىكى ۋاقتىدا بولسۇن، تۈركىيەدىكى چېغىدا ۋە ھازىر فىرانسىيەدە بولسۇن ئۆزى كەلگەن ھەر خىل بېسىملارغا قارىماي باتۇرلۇق ۋە پىداكارلىق بىلەن لاگېردىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن توختاپ قالمىدى.
ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتباي خانىم لاگېرلارنىڭ تۈزۈم ۋە تۈزۈلمىلىرى، بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە قازاق تۇتقۇنلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان روھىي ۋە جىسمانىي قىيناق ھەم باسقۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنىڭغا قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە ئېتىشكەن قەھرىمان ئايالنىڭ بىرى دەپ باھا بېرىلمەكتە.
2017-يىلى خىتاينىڭ مۆڭغۇلكۈرەدە قۇرغان جازا لاگېرىدا 5 ئاي ئوقۇتقۇچى بولغان سايراگۈل سائۇتباي، 2018-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە قورغاس بازىرى ئارقىلىق قازاقىستانغا قېچىپ چىققان. سايراگۈل قازاقىستاندىكى مەزگىلدىن باشلاپلا كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش كۇرسى» دەپ ئاتىۋالغان لاگېردا ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا باشلىغانىدى.
شۇ سەۋەبلىك قازاقىستاندىكى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن سايراگۈل سائۇتباي خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق 2019-يىلى 6-ئايدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن.
ئۇنىڭ لاگېردا شاھىت بولغانلىرى بايان قىلىنغان كىتابى 2020 يىلى-6 ئايدا بېرلىندا گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنغانىدى. ئۇ تەمىنلىگەن پاكىتلىق دەلىللەر تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ كۆپلەپ ئاشكارىلانغان. سايراگۈل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل بېسىم-تەھدىتلىرىگە قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدىكى جازا لاگېرىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ 2020-يىللىق «جاسارەتلىك ئايال» مۇكاپاتىغا، گېرمانىيەنىڭ 2021-يىللىق «نيۇرېمبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ساھىب بولدى.
سايراگۈل رادىئومىزنىڭ كۆپ قېتىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى يالغۇز تۇتقۇنلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىرىك جېنى، روھى ھەتتا ئۆلۈكىمۇ خورلىنىدىغان، ئىنساننىڭ قەدرى قىممىتى يوق بىر دوزاخ بولۇپلا قالماي، لاگېر ئىچىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا ساقچىلار ئۈچۈنمۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا زەررىچە ئىنسانلىق بولسا بۇ پاجىئەلەرگە شاھىت بولۇپ جىنايەت تۇيغۇسىدا ياشاشنىڭ تولىمۇ ئېغىر بىر بېسىم ۋە ئازاب ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە تەھدىتلىرىمۇ ئۇنى ئادالەت يولىدا ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن توختىتالمىدى.
بۈگۈن، 11-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان سايراگۈل پۈتۈن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ھەدە-سىڭىللارنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا، غۇرۇرى ۋە ئىنساني قەدر-قىممىتى بىلەن ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.