لاگېر شاھىتلىرىنىڭ نيۇ-يوركتىكى پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى
2023.04.04
لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان شىتات ۋە شەھەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچلىقىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
3-ئاپرىل كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى فوردخام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىدا گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ لاگېر ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا يېزىلغان «خىتاي لاگېرىدىن ھايات قالغۇچى» ناملىق كىتابى ھەققىدە مەخسۇس نەق مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم لاگېردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئازابلىق كەچمىشلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
4-ئاپرىل كۈنى ئۇلار نيۇ-يوركتىكى ھۆكۈمەتسىز ئورگانلارنىڭ (NGO) كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇيغۇر كىرىزىسى» تېمىسىدا ئۇيۇشتۇرغان يىغىنقا قاتناشقان.
گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، نيۇ-يورقتىكى ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتە قانۇن مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ب د ت خادىملىرىغا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلاردىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى ئالغانلىقنى ئېيتتى.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئامېرىكاغا كەلگەن ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى پائالىيەتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە قارىغاندىمۇ كۈچلۈكرەك بولغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قەتئىي توختىتىشنى قايتا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل خادىمى لۇئىزا گىرىۋ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرىگە باشتىن-ئاخىر بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ لاگېر شاھىتلىرنىڭ نىيۇ-يوركتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «سىياسى پائالىيەتلەر ئۈچۈن نيۇ-يورك مۇھىم، چۈنكى نىيۇ-يورك خەلقئارا دىپلوماتىيەنىڭ مەركىزى. بۇ يەردە نۇرغۇن داڭلىق قانۇن مەكتەپلىرى بار، نۇرغۇن خەلقئارا مۇناسىۋەت، خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بار. ئەمما ۋاشىنگىتوندا 23-مارت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا دېيىلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلارنى بۇ يەردىكى مۇتەخەسسىسلەر تولۇق ئاڭلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا فوردخام ئۇنۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىدىكى خەلقئارا قانۇن ئوقۇۋاتقانلارغا ۋە بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە، شۇنداقلا ھۆكۈمەتسىز ئورگانلارنىڭ (NGO) كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىۋاستە ئاڭلىتىش بەك مۇھىم.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېر شاھىتلىرى ب د ت دىكى توققۇز دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلاردىن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان: «بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقتىشنى نىشان قىلغان، شۇڭلاشقا تۈركىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى قوغداپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېچلىغان ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرالىشى ئۈچۈن ئاشۇ مەكتەپ ۋە مەركەزلەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە قوغدىشى زۆرۈر. ئىككىنچىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قايتۇۇرلۇش خەۋپى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەش. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرىگە كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئارقىلىق خىتايغا ئىقتىسادى بىسىم چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلاش.»
گۈلباھار خانىم ۋە قەلبىنۇر خانىم 20-مارت ئامېرىكاغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچلىقى» مەسلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئەكىلىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
ئۇلار ئاخىرىدا مۇشۇ ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان تىنىم تاپماي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقىنىڭ ئازادلىققا چىقىشىغا ئاز-تولا پايدىسى تەگسە، ئۆزلىرىنىڭ شۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.