رامزان باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ رامزانلىق خەيرلىك تىلەكلىرى ۋە چاقىرىقلىرى بىلەن قايتىدىن جانلاندى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن، قازاقىستاندىكى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىغا قارىماي، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ھۆر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىپ ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭرى تارقىلىپ، بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىماقتا.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدىن خانىم لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن ئەڭ دەسلەپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ لاگېرنىڭ سىرلىرى ھەققىدە ئەڭ يېڭى ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى.
ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ جەمئىي بىر يېرىم يىل زۇلمەتلىك لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرسۇنئاي، قازاقىستان گىراژدانى بولغان ئېرىنىڭ توختىماي ئەرزى قىلىشى بىلەن 2018-يىلى ئۆكتەبىردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان. ئۇ، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2019-يىلى سېنتەبىردە قازاقىستانغا سالامەت چىقالىغان. ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ قازاقىستان گىراژدانلىق ياكى مەڭگۈلۈك تۇرۇپ رۇخسىتى ھەل بولماي كېلىۋاتقانىدى. نۆۋەتتە، قازاقىستاندىمۇ ۋىرۇس تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ۋىزىسىنى ئۇزارتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىمۇ دەخلىگە ئۇچرىماقتىكەن.
خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇپمۇ ئاۋاز چىقارغان تۇرسۇنئاي «مەن ئاۋاز چىقارغاننىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى كۆردۈم. مەن ئېرىمنىڭ ئاۋاز چىقىرىشى ماڭا ئىگە چىقىشى بىلەن لاگېردىن قۇتۇلغانىدىم، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن چىقارغان ئاۋازى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان ھەر قانداق تىرىشچانلىقى بىكار كەتمەيدۇ دەپ ئىشىنىمەن» دەيدۇ.
بۇ نۆۋەت لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىنكى 3-رامزان ئايلىرىنى ئەركىن دۇنيادا، ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئۆتكۈزۈۋاتقان، 2018-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ لاگېرنىڭ ئىچكى سىرلىرى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ھازىر گوللاندىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۆمەر بېكئالى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۆمەر ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇملىرى ۋە لاگېر سىياسىتىنى پاش قىلىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈشكە باشلىغان پەيتتە، خىتايدىن تارالغان ۋابا سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى سۇسلاپ قالغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ۋەھىمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە پۇرسەت ياراتتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى ئايلىق قاباھەتلىك لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن، پاكىستانلىق ئېرىنىڭ سەۋەبى بىلەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇلتۇر 4-ئايدا ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن زۇمرەت داۋۇت، خەلقئارالىق ئاخبارات ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا قۇرغان لاگېرلارنىڭ ئىچكى يۈزىنى ئېچىش ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەم تەدبىرلەرنى ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان لاگېر شاھىتى ھېسابلىنىدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەت داۋۇت، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى رامزانلارنى قانداق قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلەپ، گەرچە ئۆزى ئۇ قاباھەتلىك كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ ئەركىن رامزانلىق ئىبادەتلىرىنى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە، چوڭقۇر ئازابلىنىدىغانلىقى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە: «ئۆزىگە ئوخشاش چوڭقۇر ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار پەقەت ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئۆز ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندىلا ئۆزلىرىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ قۇتۇلدۇرالايدۇ» دەيدۇ.
0:00 / 0:00