شاھىتلارنىڭ بايانىدىكى لاگېرلار: سىستېمىلىق قىيناق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.03.24
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئانىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زورلۇق-زۇمبۇلۇقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
Photo: RFA

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلاردا مەۋجۇت سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق شەكىللىرى ھەققىدە تەييارلىغان مەزكۇر مەلۇماتىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا مەخسۇس قىز-ئاياللارنىڭ لاگېردا يەنە قانداق ئوخشىمايدىغان قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق توختالماقچىمىز.

قىز ئاياللار، ئانىلار فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك قىيىن-قىستاقلارغا تەڭلا ئۇچرايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىدا، يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان قانۇنسىز ھالدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۇتقۇنلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىيىن-قىستاقلار ھەققىدىكى رادىيومىزدا زىيارەت قىلىنغان ئوندىن ئارتۇق شاھىتلاردىن ئۇلارنىڭ لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ ئورۇنلىرىدىكى بېشىدىن كەچۈرگەن زۇلۇملارنى قايتا-قايتا خاتىرىلەپ ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ چىقتۇق.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى ئايال شاھىت سۈپىتىدە 2018-يىلى سېنتەبىردە، ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 29 ياشلىق مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ زۇلمەتلىك كامېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى دۇنياغا ئەڭ دەسلەپ ھەمدە تەپسىلىي پاش قىلغانىدى.

مېھرىگۈل تۇرسۇن، 2015-يىلى مايدا، مىسىردىن چەرچەندىكى ئائىلىسىنى يوقلاش ئۈچۈن قايتقىنىدا قۇچاقتىكى ئەمدىلا قىرقى چىققان 3 كېزەك بالىلىرىدىن ئايرىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، 2015-يىلى، 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى قايتا-قايتا 3 قېتىم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە لاگېرغا قامالغان.

دائىرىلەر ئۇنى تۇتقۇن قىلغاندا پەقەتلا مېھرىگۈللا ئەمەس، ئۇنىڭ ئېمىۋاتقان 3 كېزەك بالىسىمۇ ئانا سۈتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، 4 ئىنسان بىراقلا خىتاي زۇلۇمنىڭ بىۋاسىتە قۇربانىغا ئايلانغان. ئانىسىدىن ۋە سۈتتىن ئايرىلغان بالىلار، ساقچىلارنىڭ قولىدا قىينالغان، ئايلارچە دوختۇرخانىدا داۋالانغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۇلاردىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن. قالغان ئىككىسنىڭمۇ نورمال يېتىلىشى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋە ئوخشىمىغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.

قىيىن-قىستاق، خورلاش ئۇسۇللىرى 30 خىلدىن ئاشىدۇ

مېھرىگۈل 2017-يىلى 4-ئايدا لاگېر قۇرۇلغاندا قايتا تۇتۇلۇپ چەرچەندىكى لاگېر قىلىنغان چەرچەن ناھىيەلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى قاماقخانىسىغا قامالغان. 3 ئاي جىسمانىي ۋە روھىي خورلاشلارغا ئۇچراش سەۋەبلىك تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىن داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ دەھشەتلىك قىيىن قىستاقنىڭ دەل شۇ لاگېرلار باشلانغانلىقىنى شەرھلەيدۇ.

مېھرىگۈل، بېشىدىن ئۆتكەنلىرىگە ئاساسەن يەكۈنلىشىچە ئەڭ ئازابلىق بولىدىغان قىيىن-قىستاقلار:

1-بېشىغا قارا خالدا كىيدۈرۈپ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئېلىپ مېڭىش.

2-ئېغىر ھاقارەتلىك تىللاش، سىلكىش.

3-كېلوگرام ئەتراپىدا قول ۋە پۇت چېتىلغان كىشەنلەر بىلەن قاماپ قويۇش

4-ئېمىتىۋاتقان ئانىلارنى بالىسىدىن ئايرىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان چىدىغۇسىز روھىي ۋە جىسمانىي ئازاب ۋە سۈت بېزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر.

5-داۋالىماسلىق

6-تاماقتىن قىسىش

7-سۇ بەرمەسلىك

8-بىر كامېرغا 40-30 تىن ئادەمنى قىستاپ تىقىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئۇخلايدىغانغا ۋە ھەرىكەت قىلىدىغانغا يەر يېتىشمەسلىك

9-ئىختىيارى تەرەت قالدۇرماسلىق، تەرەت قېتىم سانى ۋە ۋاقىتنى قىسىش

10-ئىككى سائەتتىنلا نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاش، قالغانلىرىنى سائەتلەپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قىيناش.

11-ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن يالىڭاچلاپ قويۇش

12-ھەر خىل ئەسۋابلارغا سېلىپ مەجبۇرىي بەدەن تەكشۈرۈش سەۋەبىنى بىلدۈرمەسلىك

13-مەجبۇرىي قان ئېلىش

14-مەجبۇرىي دورا ئىچكۈزۈپ ۋە ئوكۇل قويۇش

15-ھيىزنى دورا ئارقىلىق مەجبۇرىي توختىتىش

16-تازىلىق قەغىزى، چىش تازىلاش بۇيۇملىرى، سوپۇن، لۆڭگە قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي تازىلىق بويۇملىرىنىمۇ بەرمەسلىك

17-يۇيۇندۇرماسلىق، كىر كىيىملەرنى ئايلاپ كىيىشكە مەجبۇر بولۇش

18-ساپ ھاۋا ۋە كۈن نۇرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇش.

19-ھەربىيچە تۈزۈمگە زورلاش. خىتايچە قانۇن ۋە قىزىل ناخشىلارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ياد ئېلىشقا مەجبۇرلاش، بىر كامېردا بىرى يادلاپ بولالمىسا ھەممىسىنى قوشۇپ كوللېكتىپ جازالاش

20-بىر بىرى بىلەن گەپ قالدۇرماسلىق، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشى چەكلەش، بىر بىرىگە ياردەم قالدۇرماسلىق

21-كۈندە 24 سائەتلىك بارلىق ھەرىكىتى كۆزىتىش ئاپپاراتى ئاستىدا بولۇش.

22-كۈندە ھەربىيچە يوتقان يىغىشقا مەجبۇر بولۇش، بىر ئادەمنىڭ قاتتىق ئۆلچەمگە چۈشمىگىنىدە بىر ئادەمنىڭ باھانىسىدە پۈتۈن كامېر بويىچە كوللېكتىپ ئاچ قويۇپ جازالاش

23-مەجبۇرىي چېچىنى چۈشۈرۈش

24-سوراققا ئېلىپ چىقىلىپ يولۋاس ئورۇندۇقتا سائەتلەپ كۈنلەپ تەن جازاسى ۋە ھاقارەت قورقۇتۇش بىلەن سوراق قىلىش

25-توك توقماق، رېزىنكە توقماق تاياق تېپىك قاتارلىق ئۇسۇللاردىكى تەن جازالىرى

26-توكلۇق ئورۇندۇق

27-مۇسۇلمانلىقى ۋە كىملىكىنى ئىنكار قىلىش

28-ئۆزى قىلمىغان جىنايەتلەرگە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلۇش

29-تۇتقۇن قىلىنغاندا يېنىدىكى بارلىق زىبۇ-زىننەت، قىممەت باھالىق نەرسىلەر مۇسادىرە قىلىنىش

30- ئادۋوكات تۇتۇشقا، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلماسلىق

31-بەزەن گۇندىپايلار تەرىپىدىن گىرىم قىلىپ، كىيىم كىيدۈرۈپ، جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇپ، لاگېردا بولغانلارنى ئىنكار قىلدۇرۇپ مەجبۇرىي ۋېدىئوغا ئېلىش.

32-ئۆلۈپ قالسىمۇ جەسىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق ھەتتا ئۆلۈكنى خورلاش، چېچىدىن سۆرەپ ئېلىپ مېڭىش.

33-مەھبۇسلارنىڭ جەسىتىنى ئۆيگە قايتۇرۇلماسلىق

34-ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۆلگەنلىكى ياكى ئۆزىدىن كەچكەنلىكىنى ھەققىدە يالغان ئۇچۇرلار بىلەن ئازابلاپ قىيناش

35-ئۆلۈم جازاسى، ئۆمۈرلۈك جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلە تەھدىت سېلىپ ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە قىستاش

تىرىك جانلار، روھلار ھەتتا ئۆلۈكلەرمۇ خورلىنىدۇ

ئۆزى ياتقان لاگېردا ئىككى ئاي جەريانىدا كامېرداشلىرىدىن 9 نىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغان مېھرىگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، لاگېردا تەن ۋە روھنى تەڭلا ئازابلايدىغان بۇ قەبىھ نورماللاشتۇرۇلغان ۋە سىستېمىلاشقان قىيىن-قىستاق ئۇسۇللىرى لاگېردىكى چوڭ كىچىك، ئاغرىق ساق دېمەي ھەمىلا ئاياللارغا ئوخشاش ئېلىپ بېرىدىغان بولغاچقا، تۇتقۇنلار ئاستا ئاستا زەئىپلىشىپ، روھى بەرداشلىق بەرگەن تەقدىردىمۇ بەزىلىرى جىسمانىي جەھەتتىن بەرداشلىق بېرەلمەي ئاستا ئاستا زەئىپلىشىپ، ئورۇقلاپ، ئۆلۈپ، شاللىنىش جەريانى ئىكەن.

يېقىنقى 4 يىلدا لاگېرلارغا ئېلىپ كەتكەنلەر ئىچىدە قورقۇنچلۇقى ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋاللىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشى لاگېر شاھىتلىرى ئېيتىۋاتقان مانا بۇ ئاچ قويۇش، قاتتىق جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىش، داۋالىماسلىق ۋە باشقا ئەھۋاللار بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىقى بارلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپلا قالماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ جىنايى پاكىتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

خىتاينىڭ لاگېردىكى جىنايەتلىرىگە شاھىت بولماقنىڭ ئۆزىمۇ ئېغىر روھي قىيناش

2018-يىل 26-دېكابىر، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شان رويېرس «شىنجاڭدىكى ۋەھىمە ۋە نەپرەت: 21-ئەسىردىكى ئېتنىك تازىلاش» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، لاگېر تۈزۈمىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سېلىۋاتقان زىيىنىنى ئانالىز قىلغان. ئۇ لاگېردىكى بۇنداق «نورماللاشتۇرۇلغان» كۈندىلىك پسىخىك جازالاش پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەت، ئەمەلىيەتتە تەن جازاسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغانلىقتىن لاگېرلاردا تۇتقۇنلار ئۇچراۋاتقان تەن جازالىرىدىن سۆز ئېچىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى مەخسۇس ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ لاگېر ئىچىدىكى تۇتقۇنلاردىن سىرت، لاگېر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ساقچىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە روھىي زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالغان بىر شارائىتتا كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى لاگېرغا تۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بىر تەھدىت ئىچىدە ياشىشىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بىر بېسىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۆزى تۇتقۇن بولمىسىمۇ 2017-يىلى غۇلجىدىكى لاگېردا ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ دەل شۇنداق ۋەھشىيلەرچە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش جەريانلىرىغا شاھىت بولغان شىۋېتسىيەدىكى قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي «خىتاي ھۆكۈمىتى 21-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق قىيىن-قىستاقلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە دەل بۇ بىگۇناھ بۇ كىشىلەر ئائىلىدىن ئايرىپ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ ماڭغاندىن باشلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋەھىمە تۇتقۇنغا ئۇچرىغۇچىلا ئەمەس پۈتۈن ئائىلىسىگە ئۇنىش سۆيگەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىگە تەڭ كېلىدۇ» دەيدۇ.

لاگېردىكى قىيناش ئەسۋابلىرى شاھىتلارنىڭ دېگىنىدىنمۇ كۆپ

ئۇ مېھرىگۈل ۋە باشقا لاگېر شاھىتلىرى بايان قىلغان قىيىن قىستاق ۋە جازالاش ئۇسۇللىرىغا ئۆزىمۇ گۇۋاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە بايان قىلغان لاگېردا ئىلگىرى ئۆزى ۋە باشقىلاردىنمۇ ئاڭلاپمۇ باقمىغان قيناش ئەسۋاپلىرىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۈرگەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەردى:

لاگېردا سوراققا ئېلىپ چىقىلغان تۇتقۇنلار كامېراسىز جازالاش ئۆيىدە ھەر خىل ئەسۋابلار بىلەن ئىسكەنجىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەر سوراقتىن يېرىم ھالدا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلغاندا بولسا، ئۇلارنىڭ تىرناقلىرى ئېلىۋېتىلگەنلىكلىرىگە شاھىت بولغان. ئۇلار مىخلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلغان بولغاچقا يانپاشلىرى لەختە بولۇپ قاناپ يارىلانغان ھالەتتە چىقىدىكەن.

يەنى يولۋاس ئورۇندۇقتىن باشقا، مىخلىق ئورۇندۇق، توكلۇق ئورۇندۇقلار ھەم مەۋجۇت.

سايراگۇل ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن يېن جازاسى بېرىلىدىغان توقماقلارنىڭمۇ تۈرلىرى ھەر خىل بولۇپ، قارا رېزىنكە توقماق، كاۋچوك قويما توقماق، توكلۇق توقماق، تومۇر تۇرۇبا. چوڭ زەنجىر ۋە ئېسىپ ئۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلار.

سايراگۈلنىڭ كۈزىتىشىچە گۇندىپاي ۋە ساقچىلارنىڭ بۇ خىل جازالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشتە تەجرىبىلىك ۋە ماھىرلىقىدىن ئۇلارنىڭ مەخسۇس تەربىيەلەشتىن ئۆتكەنلىكىنى، قىيىن قىستاق ئۇسۇللىرىنىڭ سىستېمىلىق ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.

ئۇزۇن مۇددەتلىك سىستېمىلىق ۋەھشىي قىيىن قىستاق-ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈش

سايراگۈلنىڭ ئېيتىشىچە «تۇتقۇن» لارغا سىياسىي ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، قىزىل ناخشا ئېيتىش، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ھاكىممۇتلەق شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىتايلاشتۇرۇش مەشغۇلاتلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە سىستېمىلاشقان لاگېردىكى كۈندىلىك مىسلىسىز داۋام قىلىدىغان روھىي ۋە پسىخىكىلىق قىيناش ھېسابلىنىدىكەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پەرزلىرىنى ئادا قىلىشنى ۋە ھالال-ھارام دېيىشلەرنى چەكلەش، يەنە ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە زىت ھالدا چوشقا گۆشى يېيىشكە زورلاش، غۇرۇرىنى سۇندۇرۇپ قاتارلىق ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنى مىللەت كىملىكىدىن، مىللەت روھى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى، ئىنسانى غۇرۇرى قاتارلىقلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا.

جازا لاگېرلىرىدىكى بۇ خورلاش، مىللىي زۇلۇم، ئاچ قىلىش، دەم ئالالماسلىق، ئادەمنى خامۇش قىلىدىغان دورىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلىنىش ۋە قىيىن-قىستاق قاتارلىق سىستېمىلاشقان زۇلۇملار، بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىشى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز سادىر بولماقتا ئىكەن.

سايراگۈل لاگېردا داۋام قىلىۋاتقان جىنسىي باسقۇنچىلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان سېتىلمىلىق ئېغىر جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە خورلاشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر ھالدىكى تاجاۋۇز قىلىش خاراكتېرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن، قىيىن-قىستاقنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەزكۇر تېمىدىكى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ۋە سىستېمىلىق تۇغماس قىلىنىشتەك ئەھۋاللار ھەققىدە مەخسۇس توختىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.